197. باب بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى توغرىسىدا
1104. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنىڭ ئەزان-تەكبىرىنىڭ ئارىسىدا ئىككى رەكئەت سۈننەتنى يەڭگىل ئوقۇيتتى.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەزاننى ئاڭلىغان چاغدا ئىككى رەكئەت سۈننەتنى يەڭگىل ئوقۇيتتى. ھەتتا مەن ئۇنى ئىككى رەكئەتتە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇغانمىدۇ، دەپ قالاتتىم.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى (پەرزگە ۋاقىت ئاجرىتىش ۋە قىرائىتىنى ئۇزۇن قىلىش ئۈچۈن) ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا (قىرائەت ۋە ئەركانلىرىنى يەڭگىل قىلىپ) ئوقۇشقا ئالدىراش كېرەكلىكى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى قولدىن بەرمىگەنلىكى ۋە ئۇنى ئوقۇشقا ئالدىرىغانلىقى بۇ ئىككى رەكئەت نامازغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
1105. ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئەززىن بامداتقا ئەزان ئېيتقاندا، تاڭمۇ سۈزۈلگەندە، يەڭگىل ئىككى رەكئەت ناماز (يەنى بامداتنىڭ سۈننىتىنى) ئوقۇيتتى » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاڭ ئاتقاندا ئىككى رەكئەت بامداتنىڭ سۈننىتىدىن باشقا نەفلى ناماز ئوقۇمايتتى، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بامدات ناماز ۋاقتىنىڭ بىرىنچى تاڭ (سۈبھى سادىق) ئاتقانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن بولىدىغانلىقى.
2) تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى پەرزگە ۋاقىت قالدۇرۇش ئۈچۈن يەڭگىلرەك ئوقۇش كېرەكلىكى.
1106. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى تەھەججۇد نامىزىنى ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇپ، ئاخىرىدا بىر رەكئەت ۋىتېر ئوقۇيتتى. بامداتتىن ئىلگىرىكى ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى خۇددى تەكبىر ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدىلا ئاڭلىنىۋاتقاندەك يەڭگىل، تېز ئوقۇيتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كېچىدە ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى.
2) ھەدىستە بايان قىلىنغان ۋىتىرنىڭ ئەقەللىسى بىر رەكئەت بولۇپ، ئالدىنقى نامازلاردىن سالام ئارقىلىق ئايرىپ، ئايرىم ھالدا ئوقۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شافىئىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىيلارنىڭ قارىشى بولۇپ، ھەنەفىيلەرنىڭ «ۋىتىرنىڭ ئەقەللىيسى ئۈچ رەكئەت»، دېگەن قارىشى بىلەن ئوخشىمايدۇ.
3) بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىگە ئالدىراش ۋە ئۇنى يەڭگىلرەك ئوقۇش.
1107. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامداتنىڭ سۈننىتىنىڭ ئالدىنقى رەكئىتىگە «سۈرە بەقەرە»نىڭ ﴿قُولُواْ آمَنَّا بِاللهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيْنَا...﴾ (136- ئايەت) دېگەن ئايىتىنى، كېيىنكى رەكئىتىگە «سۈرە ئال ئىمران»نىڭ ﴿... آمَنَّا بِاللهِ وَاشْهَدْ بِأَنَّا مُسْلِمُونَ﴾ (52- ئايەت) دېگەن ئايىتىنى ئوقۇيتتى.
يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاخىرقى رەكئەتكە «سۈرە ئال ئىمران»نىڭ ﴿... تَعَالَوْاْ إِلَى كَلَمَةٍ سَوَاء بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمْ...﴾ (64- ئايەت) دېگەن ئايىتىنى ئوقۇيتتى، دېيىلگەن. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدە سۈرە فاتىھەنى ۋە سۈرە بەقەرە بىلەن سۈرە ئال ئىمراندىن قىسقا ئايەتلەرنى ئوقۇيدىغانلىقى.
1108. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامداتنىڭ سۈننىتىنىڭ بىرىنچى رەكئىتىگە كافىرۇن سۈرىسىنى، ئىككىنچى رەكئىتىگە ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1109. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرەر ئايچە سەپسالدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامداتنىڭ سۈننىتىگە ﴿قُلْ يَا أَيُّهَا الكَافِرُونَ﴾ « كافىرۇن سۈرىسى » بىلەن ﴿قل هُوَ اللَّه أَحَدٌ﴾ « ئىخلاس سۈرىسى » نى ئوقۇدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى ئۈچ ھەدىستە كەلگەن بايانلارنى بىرلەشتۈرۈپ بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىدىكى بىرىنچى رەكئەتتە «بەقەرە» سۈرىسىنىڭ ئايىتى بىلەن «كافىرون» سۈرىسىنى ئوقۇش، ئىككىنچى رەكئىتىدە بولسا «بەقەرە» ۋە «ئال ئىمران» سۈرىسىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن «ئىخلاس» سۈرىسىنى ئوقۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى. ئىككى رەكئەت سۈننەتنى بۇ خىل رەۋىشتە ئوقۇش بۇ نامازنى يەڭگىلرەك ئوقۇش دېگەن تەشەببۇسقا زىت ئەمەس. چۈنكى، يەڭگىل ئوقۇش دېگەن نىسبەتەن يەڭگىل ئوقۇش دېگەنلىك بولۇپ، بۇ خىل يەڭگىل ئوقۇش ئۇزۇن ئوقۇلغان نامازلارغا نىسبەتەن يەڭگىلرەك ئوقۇشتۇر.