198. باب بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوڭ ياننى بېسىپ يېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، كېچىسى تەھەججۇد ئوقۇسۇن ياكى ئوقۇمىسۇن شۇنداق قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا
1110. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغاندا ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى بىلەن پەرزنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن يېنى يېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) يېنى ياتقاندا ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىشنىڭ سەۋەبى، ئوڭ تەرەپنىڭ شەرەپلىك بولغانلىقىدىندۇر.
1111. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇپتەن نامىزىدىن فارىغ بولغاندىن كېيىن، بامداتقىچە ئون بىر رەكئەت تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيتتى. ھەر ئىككى رەكئەتتە بىر سالام بېرىپ، بىر رەكئەتنى ئايرىم (بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىتىر نامىزىنى بىر رەكئەت ئوقۇغانلىقى چىقىدۇ. ھەنەفىي مەزھىپىدە ۋىتىر ئۈچ رەكئەت بولۇپ، بىر رەكئەت ئوقۇشنى توغرا تاپمايدۇ. ھەنەفىي مەزھىپىدىكى ئۆلىمالارنىڭمۇ بۇ ھەقتە كىشىنى قايىل قىلغۇدەك دەلىللىرى بار. ― ت) ئوقۇيتتى. تاڭ سۈزۈلۈپ مۇئەززىن بامداتنىڭ ئەزىنىنى توۋلاپ بولۇپ كەلگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى يەڭگىل ئوقۇپ، ئاندىن مۇئەززىن تەكبىر ئېيتىش ئۈچۈن كەلگەنگە قەدەر ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى. ئاندىن مەسجىدكە چىقاتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن تاكى تاڭ ئاتقان ۋاقىتقىچە ئىكەنلىكى.
1112. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا صَلَّى أَحَدُكُمْ ركْعَتَيِ الفَجْرِ فَلْيَضطَجِعْ عَلى يمِينِهِ » « بىرەرسىڭلار بامداتنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغاندا، ئوڭ يېنىنى بېسىپ يېتىۋالسۇن » .
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئىتىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يېنىچە يېتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش. ئىبن ھەجەر « الفتح »، دېگەن كىتابىدا ئېيتىدۇ: بىر قىسىم سەلەف ئالىملىرى يېنىچە يېتىشنىڭ مەسجىدتە ئەمەس، ئۆيدە ياخشى ئىكەنلىكىنى توغرا دەپ قارىدى. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدتە يېنىچە ياتقانلىقى توغرۇلۇق نەقىل قىلىنمىغان. ئىمام ئەھمەدتىن بۇ توغرىسىدا سورالغاندا ئۇ: «مەن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىدىن كېيىن يېنىچە ياتمىدىم، كىمكى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىدىن كېيىن يېنىچە ياتسا ياخشى ئىش قىلغان بولىدۇ»، دېگەن. ئىمام نەۋەۋى ئېيتىدۇ: ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ بۇ ھەدىسىنىڭ زاھىرىغا قارىساق، بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىدىن كېيىن يېنىچە يېتىشنىڭ تەشەببۇس قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قىسىم ۋاقىتلاردا بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىدىن كېيىن يېنىچە يېتىشنى تەرك ئەتكەنلىكى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىدىن كېيىن يېنىچە يېتىشنىڭ قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.