رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

199. باب پېشىننىڭ سۈننىتى توغرىسىدا

1113. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت، كېيىن ئىككى رەكئەت سۈننەت ناماز ئوقۇدۇم. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1114. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرىكى تۆت رەكئەت سۈننەت نامازنى تەرك ئەتمەيتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشىن نامىزىنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت نامازنى داۋاملىق ئوقۇيدىغانلىقى بۇ نامازنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، فىقھى كىتابلىرىدا پېشىن نامىزىنىڭ پەرزدىن ئىلگىرىكى تەكىتلەنگەن سۈننىتىنىڭ ئىككى رەكئەت ئىكەنلىكى مەشھۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزىدە ئىككى رەكئىتىنى تەرك ئېتەتتى. بۇ يەردىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رىۋايەت قىلغىنى ئائىشەنىڭ نۆۋىتى كەلگەن كۈندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ نامازنى تۆت رەكئەت ئوقۇغانلىقى بولسا كېرەك.

1115. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۆيۈمدە پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇيتتى. ئاندىن مەسجىدكە چىقىپ كىشىلەرگە پەرزنى ئوقۇپ بېرىپ، قايتىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۆيدە پېشىننىڭ ئاخىرقى سۈننىتىنى ئوقۇيتتى. كىشىلەرگە شامنى ئوقۇپ بېرىپ، قايتىپ كېرگەندىن كېيىن ئۆيدە شامنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇيتتى. كىشىلەرگە خۇپتەننى ئوقۇپ بېرىپ، مېنىڭ ئۆيۈمگە قايتىپ كىرىپ خۇپتەننىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1116. ئۇممۇ ھەبىيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ حَافظَ عَلى أَرْبَعِ ركعَاتٍ قَبْلَ الظُّهْرِ، وَأَرْبعٍ بَعْدَهَا، حَرَّمهُ اللَّه على النَّارَ » « كىمكى پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت سۈننەتنى ۋە پەرزدىن كېيىن تۆت رەكئەت سۈننەتنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە دوزاخ ئوتىنى ھارام قىلىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يۇقىرىقى نامازلارغا كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئىمان بىلەن كېتىدىغانلىقى (بۇ مەزكۇر كىشىنىڭ كۇففارلارغا ئوخشاش دوزاختا مەڭگۈ قالمايدىغانلىقىغا، گۇناھلىرىغا چۇشلۇق ئازابلىنىپ بولغاندىن كېيىن جەننەتكە كىرىدىغانلىقىغا بېشارەت).

1117. ئابدۇللاھ ئىبن سائىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈن قايرىلغاندىن كېيىن، پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى ۋە: « إِنَّهَا سَاعَةٌ تُفْتَحُ فِيهَا أَبوابُ السَّمَاءِ، فأُحِبُّ أَن يَصعَدَ لي فيها عمَلٌ صَالِحٌ » « بۇ ۋاقىت ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان ۋاقىت، مەن مۇشۇ ۋاقىتتا بىرەر ياخشى ئەمىلىمنىڭ ئاسمانغا ئۆرلىشىنى ياقتۇرىمەن » ، دەيتتى.

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كۈن ئېگىلگەندىن كېيىنكى ۋاقىتنىڭ پەزىلىتىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ۋە بۇ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

1118. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت سۈننەتنى ئوقۇيالماي قالسا، ئۇنى پېشىندىن كېيىن ئوقۇۋالاتتى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشىن نامىزىنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى.

ئىبن ئەللان ئېيتىدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سۆزىدە پېشىن نامىزىدىن ئىلگىرىكى سۈننەتكە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى چوقۇم پەرزدىن ئىلگىرى ئوقۇشقا ئىشارەت بار. ئەگەر پەرزدىن ئىلگىرى ئوقۇيالمىغان بولسا، پېشىن ۋاقتى چىقىپ كەتكۈچە پەرزدىن كېيىن ئوقۇش. ئەگەر ۋاقتى چىقىپ كەتكەندە بولسا قازاسىنى قىلىش.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ