رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

200. باب ئەسىرنىڭ سۈننىتى توغرىسىدا

1119. ئەلى ئىبن ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسىرنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت سۈننەت ناماز ئوقۇيتتى. ئاللاھ تائالاغا يېقىن پەرىشتىلەرگە ۋە پەرىشتىلەرگە ئەگەشكەن مۇئمىن مۇسۇلمانلارغا سالام بېرىش بىلەن تۆت رەكئەت نامازنى ئىككىگە ئايرىيتتى.

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەسىر نامىزىدىن ئىلگىرىكى تۆت رەكئەت سۈننەتنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش يۈزىسىدىن ھەر ئىككى رەكئەت ئارىسىنى سالام بىلەن ئايرىپ ئوقۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكى. تۆت رەكئەتنىڭ ھەممىسىنى بىرلا سالام بىلەن ئوقۇسىمۇ بولىدىغانلىقى. پېشىن نامىزىنىڭ پەرزدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى تۆت رەكئەت سۈننىتىنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى.

1120. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رَحِمَ اللَّه امْرَءاً صلَّى قبْلَ العَصْرِ أَرْبعاً » « ئەسىرنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن » .

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەسىر نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش. بۇ سۈننەتنىڭ ئەسىر نامىزىدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغانلىقى، لېكىن بۇ نامازنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەت ئەمەسلىكى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسىر نامىزىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت نامازنى ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىگە ئاللاھ تائالادىن مەغفىرەت ۋە ئىنئام تىلەپ دۇئا قىلغانلىقى.

1121. ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسىردىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.

― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسىر نامىزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغانلىقى.

ئىبن ئەللان ئېيتىدۇ: بۇ ھەدىس بىلەن يۇقىرىقى ھەدىس ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىتلىق مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، سان چۈشەنچىسى مۇھىم ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى رەكئەتنى داۋاملىق ئوقۇيتتى، ئاندىن كېيىن يەنە ئىككى رەكئەتنى كەينىگە ئۇلاپ ئوقۇيتتى ۋە بەلكىم مۇھىم ئىشى ۋە ئۆزرە سەۋەبىدىن ئىككى رەكئەتلا ئوقۇيتتى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ