رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

201. باب شامنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلار توغرىسىدا

ئالدىنقى بابلاردا ئىبن ئۇمەر ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامنىڭ پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغانلىقى سۆزلەپ ئۆتۈلدى.

1122. ئابدۇللاھ ئىبن مۇغەففەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « صَلُّوا قَبلَ المَغرِب » « شامنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ناماز ئوقۇڭلار » ، دېدى. ئۈچىنچى قېتىمدا: « لمَنْ شَاءَ » « خالىغان كىشى ئوقۇسۇن » ، دېدى.

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ناماز شامدىن ئىلگىرى نەفلى ناماز ئوقۇشنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ناماز ئوقۇڭلار»، دېگەن سۆزىگە ئاساسەن تەشەببۇس قىلىنىدىغانلىقى. «خالىغان كىشى ئوقۇسۇن»، دېگەن ئىبارە بۇنىڭ ۋاجىب ئەمەس، بەلكى ئىختىيارلىق ئاساسىدىكى سۈننەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

1123. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن شامغا ئەزان ئېيتىلغان چاغدا ساھابىلەرنىڭ چوڭلىرىنىڭ نەفلى ناماز ئوقۇۋېلىش ئۈچۈن تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۇدۇلىغا كېتىپ بارغانلىقىنى كۆردۈم » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ شام نامىزىدىن كېيىن يەڭگىل ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغانلىقى. بۇ ناماز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ « بَيْنَ كُلِّ أَذَانَيْنِ صَلَاةٌ » «ھەر ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا ناماز بار»، دېگەن سۆزىگە قارىغاندا تەشەببۇس قىلىنىدىغان نامازدۇر.

1124. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ: « بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن، شامدىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتۇق » ، دېۋىدى، ئۇنىڭدىن: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇ نامازنى ئوقۇمتى؟»، دەپ سورالدى. ئەنەس: « ئۇ ئىككى رەكئەت نامازنى ئوقۇغىنىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرۈپ تۇراتتى. بىزنى ئوقۇشقا بۇيرۇمايتتى ياكى ئوقۇشتىن مەنئى قىلمايتتى » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلەرنىڭ شام نامىزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشىنى توغرا تاپقانلىقى بۇ نامازنىڭ تەشەببۇس قىلىنىدىغان ناماز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

1125. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەدىنىدىكى ۋاقتىمىزدا شامغا ئەزان ئېيتىلغاندا كىشىلەر تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۇدۇلىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. ھەتتا مەسجىدكە بىرەر مۇساپىر كىرىپ قالسا، شام ئوقۇلۇپ بولغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالاتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپ سانلىق ساھابىلىرىنىڭ داۋاملىق شام نامىزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغانلىقى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شام نامىزىدىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، ئىلگىرىكىسى بولسا تەكىتلەنمىگەن سۈننەت ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ