رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

210. باب جۈمە كۈنىــنىڭ پەزىــلىــتى، جۈمـەنىڭ پەرزلىــكى ۋە جۈمە كــۈنى غۇســلى قىـلىـش ۋە خۇشـبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش، جۈمەگە بالدۇر بېرىش، جۈمە كۈنى دۇئا قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى، جۈمە كۈنى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنىڭ بايانى ۋە جۈمەدىن كېيىن ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِن فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَّعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا، زېمىنغا تارىلىپ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە جۇمۇئە 10- ئايەت)

1147. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « خيْرُ يوْمِ طلعَتْ عَلَيْهِ الشَّمْسُ يَوْمُ الجُمُعَةِ: فِيهِ خُلِقَ آدمُ، وَفيه أُدْخِلَ الجَنَّةَ، وفيه أُخْرِجَ مِنْهَا » « كۈن چىققانلىكى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى جۈمە كۈنىدۇر. شۇ كۈنى ئادەم يارىتىلدى. شۇ كۈنى جەننەتكە كىرگۈزۈلدى ۋە شۇ كۈنى جەننەتتىن چىقىرىلدى » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جۈمە كۈنىنىڭ باشقا كۈنلەردىن (شۇ كۈندە يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر سەۋەبىدىن) پەزىلەتلىك ئىكەنلىكى. ئۇ ۋەقەلەر: پۈتۈن مەخلۇقاتلاردىن يۇقىرى تۇرىدىغان بىر خىل تۈر ئىنسانلار جامائەسىنىڭ ئەسلى بولغان ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇ كۈندە يارىتىلغان. ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرىش بىلەن ئۇلۇغلانغانلىقى جۈمە كۈنىدە بولغان. بۇ كۈندە ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى خەلىفىسى بولۇش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئادەمنىڭ زېمىنغا چۈشۈشى پەيغەمبەر ۋە سالىھ كىشىلەردىن ئىبارەت ئەۋلادلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان.

2) قىيامەت كۈنىنىڭ جۈمە كۈنىدە بولىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۈندە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىپ، ئازابىدىن ساقلىنىشقا تەييارلىق كۆرۈشكە ۋە بۇ كۈنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

1148. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ تَوَضَّأَ فأَحْسَنَ الوُضُوءَ ثُمَّ أَتى الجُمُعَةَ، فاسْتَمَعَ وَأَنْصتَ، غُفِرَ لَهُ ما بَيْنَه وَبَيْنَ الجُمُعَةِ وزِيَادة ثَلاثَةِ أَيَّامٍ، وَمَنْ مَسَّ الحَصَى، فَقَدْ لَغَا » « كىمكى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ جۈمەگە كېلىپ جىم ئولتۇرۇپ، خۇتبە ئاڭلىسا بۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھى، يەنە ئۈچ كۈنلۈك گۇناھى قوشۇلۇپ ئەپۇ قىلىنىدۇ. مەسجىدتە خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا، كىمكى قولى بىلەن تاشنى ئىتتىرىۋەتسىمۇ ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جۈمە نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە جۈمە نامىزىنىڭ كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى.

2) تاھارەتنى ئۆيدە ئېلىپ، ئاندىن مەسجىدكە كېلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) ۋەز-نەسىھەتنى دىققەت بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ۋە ئىبادەتكە چىن قەلبى بىلەن ۋە تاشقى ئەزالىرى بىلەن بېرىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

4) ۋەز ئېيتىلىۋاتقاندا ئادەمنىڭ زېھنىنى چېچىۋېتىدىغان ئىشلاردىن چەكلىنىش.

1149. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الصَّلَواتُ الخَمْسُ والجُمُعةُ إلى الجُمعةِ، وَرَمَضَانُ إلى رمَضَانَ، مُكَفِّرَاتٌ ما بيْنَهُنَّ إذا اجْتُنِبَتِ الكبَائِرُ » « ئەگەر بەندە چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزمىگەنلا بولسا، بەش ۋاخ ناماز، جۈمە نامىزى بىر جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەگىچە، روزا بۇ رامىزاندىن يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1150. ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبىرىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « لَيَنْتَهِيَنَّ أَقْوَامٌ عَنْ وَدْعِهِمُ الجمُعَاتِ، أَوْ لَيَخْتِمَنَّ اللَّه على قُلُوبِهمْ، ثُمَّ ليَكُونُنَّ مِنَ الغَافِلينَ » « كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ جۈمەنى ئوقۇماي تاشلىۋېتىشىدىن قايتسۇن. ئەگەر قايتمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پېچەتلىۋېتىدۇ-دە، ئۇلار غەپلەتتە قالغۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جۈمە نامىزىنى تەرك ئەتكەن كىشىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش. جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى ۋە ھالاكەتكە يۈزلىنىشنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكى.

1151. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا جاَءَ أَحَدُكُمُ الجُمُعَةَ، فَليَغْتَسِلْ » « سىلەردىن بىرەرسىڭلار جۈمەگە كەلمەكچى بولىدىكەن، غۇسلى قىلىپ كەلسۇن » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1152. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « غُسْلُ يَوْمِ الجُمُعَةِ وَاجِبٌ على كلِّ مُحْتَلِمٍ » « جۈمە كۈنى غۇسلى قىلىش ھەر بىر بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمانغا زۆرۈردۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1153. سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ تَوَضَّأَ يَوْمَ الجمعة فَبِها ونعمت، ومن اغتسلَ فالغُسْل أفضَل » « كىمكى جۈمە كۈنى تاھارەت ئالسا، نېمىدېگەن ياخشى، كىمكى جۈمە كۈنى غۇسلى قىلىدىكەن، بۇ بولسا ئەۋزەلدۇر » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

1154. ئابدۇللاھ سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَغْتَسِلُ رَجُلٌ يَوْمَ الجُمُعةِ، ويَتَطَهرُ ما استَطَاعَ مِنْ طُهْرٍ، وَيدَّهِنُ مِنْ دُهْنِهِ، أَو يَمَسُّ مِن طِيبِ بَيتِهِ، ثُمَّ يَخْرُجُ فلا يُفرِّق بَيْنَ اثَنيْنِ، ثُمَّ يُصَلِّي مَا كُتِبَ لَهُ، ثُمَّ يُنْصِتُ إذا تكَلَّم الإِمَامُ، إِلاَّ غُفِرَ لهُ ما بَيْنَه وبيْنَ الجُمُعَةِ الأخرَى » « جۈمە كۈنىدە كىشى يۇيۇنۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تازىلىنىپ ئۆزىنى مايلاپ، يا ئۆيىدىكى خۇش پۇراقنى چېچىپ، ئاندىن بېرىپ ئىككى ئادەمنىڭ ئارىسىنى قىستىماستىن، بەلگىلەنگەن نامازلارنى ئوقۇپ بولۇپ، ئىمام خۇتبە ئوقۇغۇچە جىم تۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ جۈمە بىلەن ئىككىنچى جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جۈمە نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كامىل تاھارەت ئېلىپ تازىلىقنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرگە كۆپ كىشىلەرنىڭ بىر جايغا يىغىلغانلىقىدىن پەيدا بولغان بەدبۇي پۇراقلارنى يوقىتىش ئۈچۈن خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ دىنىي ئىسلامنىڭ گۈزەل قائىدە-يوسۇنلىرىدىن ئىكەنلىكى.

2) جۈمە نامىزىغا بالدۇر بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھېچبىر ئادەمنى رەنجىتمەسلىك.

3) جۈمە نامىزى ئوقۇلۇشتىن بۇرۇن مەسجىد ئىچىدە نەفلى ناماز ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى.

4) خۇتبىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

1155. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَن اغْتَسَلَ يَـوْم الجُمُعَةِ غُسْلَ الجنَابَةِ، ثُمَّ رَاحَ في الساعة الأولى، فكَأَنَّمَا قرَّبَ بَدنَةً، ومنْ رَاحَ في السَّاعَةِ الثَّانِيَة، فَكأنَّما قَرَّبَ بَقَرَةً، وَمَنْ رَاحَ في السَاعَةِ الثَالِثةِ، فَكأنَّما قَرَّبَ كَبْشاً أَقرَنَ، ومنْ رَاحَ في السَّاعَةِ الرَّابِعةِ، فَكأنَّما قَرَّبَ دَجَاجَةً، ومنْ رَاحَ في السَّاعَةِ الخامِسةِ فَكأنَّما قَرَّبَ بيْضَةً، فَإِذا خَرَج الإِمامُ، حَضَرَتِ الملائِكَةُ يَسْتمِعُونَ الذِّكرَ » « كىمكى جۈمە كۈنى جۇنۇبلۇقتىن غۇسلى قىلغاندەك غۇسلى قىلىپ، جۈمەگە دەسلەپكى سائەتتە بارسا، ئۇ بىر تۆگە سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ. كىمكى ئىككىنچى سائەتتە بارسا، ئۇ بىر كالا سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ. كىمكى ئۈچىنچى سائەتتە بارسا، ئۇ بىر مۈڭگۈزلۈك قوچقار سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ. كىمكى تۆتىنچى سائەتتە بارسا، ئۇ بىر مېكىيان سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ. كىمكى بەشىنچى سائەتتە بارسا، ئۇ بىر تۇخۇم سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ. ئىمام خۇتبىگە چىققان چاغدا پەرىشتىلەر ھازىر بولۇپ، خۇتبە ئاڭلايدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جۈمە نامىزىغا بالدۇر بېرىشنىڭ پەزىلىتى ۋە شۇنداق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش. جۈمە نامىزىغا قانچە بالدۇر بارسا ساۋابى شۇنچە كاتتا بولىدىغانلىقى، بۇ ساۋابقا ئېرىشىشنىڭ خۇتبە باشلانغانغا قەدەر بولىدىغانلىقى.

2) جۈمە نامىزىدا خاتىرجەملىك ۋە رەھمەتكە سەۋەبچى بولىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ ھازىر بولۇشىغا ئوخشاش بۈيۈك سىرلار ۋە كاتتا پايدىلارنىڭ بارلىقى.

3) جۈمە كۈنىدە غۇسلى قىلىشنىڭ ساۋابىغا پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ پۈتۈن بەدەننى يۇيۇشتىن ئىبارەت جىنابەت غۇسلىسىغا ئوخشاش غۇسلى قىلغاندىلا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، ئەگەر بىر ئادەم جۈمە كۈنى جۇنۇبلۇق ھالەتتىن غۇسلى قىلىش بىلەن بىللە ۋە جۈمەنىڭ غۇسلىسىنى نىيەت قىلسا، ساۋابقا ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا سۈننەتنى ئىجرا قىلغان بولىدۇ.

1156. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنى ئۈستىدە توختىلىپ: « فِيها سَاعَةٌ لا يُوَافِقها عَبْدٌ مُسلِمٌ، وَهُو قَائِمٌ يُصَلِّي يسأَلُ اللَّه شَيْئاً، إِلاَّ أَعْطَاهُ إِيَّاه » « جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر ۋاقىت بار. بىرەر مۇسۇلمان بەندە ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا شۇ ۋاقىتنى تېپىپ ئاللاھ تائالادىن بىرەر نەرسە تىلىسىلا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بەرمەي قويمايدۇ » ، دېگەن ۋە قولى بىلەن ئۇ ۋاقىتنىڭ قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە پەزلى مەرھەمەت قىلىپ جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان قىسقا بىر ۋاقىتنى ئاتا قىلغانلىقى.

2) جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى تېپىش ئۈچۈن بۇ كۈندە ئاللاھ تائالاغا قاتتىق ئېسىلىپ كۆپ تائەت ئىبادەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

1157. ئەبۇ بۇردە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ماڭا ئۇمەرنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ: « سەن ئاتاڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە كۈنىدىكى ۋاقىت توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگىنىنى ئاڭلىغانمۇ؟»، دېدى. مەن: « ھەئە، ئاڭلىغانىدىم. ئاتام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ۋاقىتنىڭ ئىمام خۇتبىگە ئولتۇرغاندىن تارتىپ ناماز ئادا قىلىنىپ بولغۇچىلىك ئارىلىقتىكى ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغانىكەن »، د ېدىم. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: جۈمە كۈنى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنىڭ خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقان ۋە نامازدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىت ئىكەنلىكى ئەڭ توغرا سۆز بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا پەرىشتىلەر ھازىر بولغان چاغ بولغاچقا، ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس ۋە ھوزۇرى قەلب بىلەن يۈزلىنىش كېرەك.

1158. ئەۋىس ئىبن ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ مِنْ أَفضَلِ أَيَّامِكُمْ يَوْم الجُمُعَةِ، فأَكثروا عليَّ مِنَ الصَّلاةِ فِيهِ، فَإِنَّ صَلاتَكُمْ مَعْروضَةٌ عليَّ » « سىلەرنىڭ كۈنۈڭلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى جۈمە كۈنىدۇر. جۈمە كۈنىدە ماڭا دۇرۇدنى كۆپ ئېيتىڭلار. جەزمەنكى، سىلەرنىڭ ئېيتقان دۇرۇدىڭلار ماڭا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد يوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈش، كۆپ ئەجىر ۋە پەزىلەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن جۈمە كۈنى كۆپ دۇرۇد يوللاش. چۈنكى ياخشى ئەمەللەر ۋاقتى ۋە ئورنىنىڭ شاراپىتى سەۋەبىدىن تېخىمۇ شەرەپلىك بولىدۇ.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۈممىتىنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەللىرى توغرىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئۈممەتلەرگە قىلغان مەرھەمىتى ئىكەنلىكى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىز ئۈممەتلەرگە رەھمەت ۋە مەغفىرەت تىلەيدىغانلىقى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتىلغان دۇرۇدنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە بۇيرۇغان ۋە تەلىم بەرگەن نامازدا تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئوقۇلىدىغان دۇرۇد ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ