رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

211. باب كۆرۈنەرلىك نېئمەتكە ئېرىشكەندە ياكى ئوچۇق بىر بالا-قازا دەپئى قىلىنغاندا شۈكۈر سەجدىسى قىلىشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا

1159. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككىدىن مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. ئەزۋەرائ دېگەن جايغا يېقىن بارغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگىسىدىن چۈشۈپ، قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاللاھ تائالاغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت دۇئا قىلدى. ئاندىن سەجدىگە بېرىپ ئۇزاق تۇردى. ئاندىن تۇرۇپ قولىنى كۆتۈرۈپ يەنە خېلى ۋاقىت دۇئا قىلدى. ئاندىن يەنە سەجدىگە باردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى ئۈچ قېتىم تەكرار قىلدى ۋە دېدىكى: « إِنِّي سَأَلْتُ رَبِّي، وَشَفَعْتُ لأُمَّتِي، فَأَعْطَاني ثُلُثَ أُمَّتي، فَخَررتُ ساجدًا لِرَبِّي شُكرًا، ثُمَّ رَفعْتُ رَأْسِي، فَسَأَلْتُ رَبِّي لأُمَّتي، فَأَعْطَانِي ثُلثَ أُمَّتي، فَخررْتُ ساجداً لربِّي شُكراً، ثمَّ رَفعْت رَأسِي فَسَألتُ رَبِّي لأُمَّتي، فَأعطاني الثُّلُثَ الآخَرَ، فَخَرَرتُ ساجِدا لِرَبِّي » « ئاللاھتىن ئۈممىتىمگە شاپائەت قىلىشىمنى سورىدىم. ئاللاھ ماڭا ئۈممىتىمنىڭ ئۈچتىن بىرىنى بەردى. شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن سەجدە قىلدىم. ئاندىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ رەببىمدىن ئۈممىتىمنى سورىدىم. رەببىم ماڭا ئۈممىتىمنىڭ يەنە ئۈچتىن بىرىنى بەردى. شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن رەببىمگە سەجدە قىلدىم. ئاندىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈممىتىمنى سورىدىم. رەببىم ماڭا ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىنى بەردى. رەببىمگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن سەجدىگە باردىم » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شۈكۈر سەجدىسىنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىش ئىكەنلىكى. ئۆزى ۋە باشقىلار نېئمەتكە ئېرىشكەندە ياكى بالا-قازادىن ئامان قالغاندا شۈكۈر سەجدىسىنى قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئۇ تىلاۋەت سەجدىسىگە ئوخشاش بىر سەجدىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى ئۇزۇنراق قىلىشنىڭ ياخشىلىقى. بۇ سەجدە شافىئىيلارنىڭ قارىشىدا: نىيەت قىلىش، تەكبىر تەھرىمە قىلىش ۋە سالام بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەنەفىيلەرنىڭ قارىشىدا بولسا: ئىككى تەكبىر ئارىلىقىدىكى بىر سەجدە، دەپ قارايدۇ. شۈكۈر سەجدىسىنى ناماز سىرتىدا قىلىش، ئەگەر ناماز ئىچىدە قەستەن شۈكۈر سەجدىسى قىلسا ناماز بۇزۇلىدۇ.

2) نېئمەت يېڭىلانغان ۋەياكى بالا-قازادىن ئامان قالغان ھەر قانداق ۋاقىتتا شۈكۈر سەجدىسى قىلىشنىڭ ۋە سەجدە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئۈممەتلىرىگە نەقەدەر كۆيۈنىدىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە بەندىلەرگە زىيادە مەرھەمەت قىلىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ