رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

212. باب تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمِنَ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَّكَ عَسَى أَن يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَّحْمُودًا﴾ ساڭا نەفلى (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى مۇھەققەقتۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 79- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿تَتَجَافَى جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًا وَطَمَعًا وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ﴾ ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن-كۆرپىدىن يىراق بولىدۇ (يەنى، ئۇلار كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ئاز ئۇخلايدۇ)، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ (ئازابىدىن) قورقۇپ، (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇلارغا بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدۇ). («قۇرئان كەرىم» سۈرە سەجدە 16- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿كَانُوا قَلِيلا مِّنَ اللَّيْلِ مَا يَهْجَعُونَ﴾ ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە زارىيات 17- ئايەت)

1160. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى. ئائىشە مۇنداق دەيدۇ: « ئى رەسۇلۇللاھ! نېمىشقا مۇنداق قىلسەن؟ ۋەھالەنكى، سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرىڭ مەغفىرەت قىلىنغان تۇرسا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ أَفَلا أَكُونُ عَبْدًا شَكُورًا › ‹ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغۇچى بەندە بولمامدىمەن›، دېدى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش يۈزىسىدىن كېچە ئىبادىتىگە ئادەتلىنىشكە ۋە كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) قىيىن تۇيۇلىدىغان ئىشنى ئۈستىگە ئېلىپ، جىسمانىي راھەتتىن ۋاز كەچكەچكە، كېچە ئىبادىتى بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلىدۇر.

1161. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى بىلەن فاتىمەنىڭ قېشىغا بىر كېچىسى كېلىپ: « أَلا تُصلِّيَانِ؟ » « قوپۇپ ناماز ئوقۇمامسىلەر » ، دېگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كېچە ئىبادىتىدە كۆپ پەزىلەت بولغاچقا باشقىلارنى كېچە ئىبادىتى ئۈچۈن ئويغىتىپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

1162. ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى سالىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « نِعْمَ الرَّجلُ عبدُ اللَّهِ لَو كانَ يُصَلِّي مِنَ اللَّيْلِ » « ئابدۇللاھ كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئوقۇغان بولسا، نېمىدېگەن ياخشى ئادەم بولغان بولاتتى - ھە؟ » ، دېدى. سالىم مۇنداق دېگەن: « ئابدۇللاھ شۇ سۆزدىن كېيىن كېچىسى ناھايىتى ئاز ئۇخلايدىغان بولغان » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كېچە ئىبادىتىنىڭ زىيادە پەزىلىتىنى بايان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش. كېچە ئىبادىتىنىڭ كامالەت مەرتىۋىلىرىدىن ئىكەنلىكى.

2) ساھابىلەرنىڭ تاكامۇللۇق مەرتىۋىلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئالدىرايدىغانلىقى.

3) ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى.

4) قارشى تەرەپنىڭ مەغرۇرلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالىسا، ئۇنى يۈزتۇرانە ماختاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

1163. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يَا عَبْدَ اللَّهِ لا تكن مِثْلَ فُلانٍ: كانَ يَقُومُ اللَّيْلَ فَتَرَكَ قِيَامَ اللَّيْلِ » « ئى ئابدۇللاھ! سەن پالانچىدەك بولمىغىن، ئۇ كېچىسى تۇرۇپ تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيتتى. كېيىن ئۇ تەھەججۇد نامىزىنى تاشلاپ قويدى » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كېچە ئىبادىتىنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. ياخشى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش. ئادەتلىنىپ كەلگەن ياخشى ئىشلارنى توختىتىپ قويۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

2) ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرغان ئەمەلنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغان كۆپ ئەمەلدىن ياخشى ئىكەنلىكى.

3) تىرىشچان كىشىلەرگە ئەگىشىش، ھورۇنلارنى دورىماسلىق كېرەكلىكى.

1164. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا بىر كىشىنىڭ كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ذاكَ رَجُلٌ بال الشَّيْطَانُ في أُذنَيْهِ أَو قال: في أُذنِه » « ئۇ ئىككى قۇلىقىغا (ياكى بىر قۇلىقىغا دېگەن) شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كېچە ئىبادىتىنى تەرك ئېتىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ شەيتاننىڭ ئىشى ئىكەنلىكى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىگە سەل قاراش نەپسى-خاھىشىغا ۋە شەيتاندىن ئىبارەت دۈشمەنلىرىگە ئورۇن بەرگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ-دە، بۇ دۈشمەنلەر ئىنساننى ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ.

1165. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يَعْقِدُ الشَّيْطَانُ عَلى قافِيةِ رَأْسِ أَحَدِكُم، إِذا هُوَ نَامَ، ثَلاثَ عُقدٍ، يَضرِب عَلى كلِّ عُقدَةٍ: عَلَيْكَ ليْلٌ طَويلٌ فَارقُدْ، فإِنْ اسْتَيْقظَ، فَذَكَرَ اللَّه تَعَالَى انحلَّت عُقْدَةٌ، فإِنْ توضَّأَ انحَلَّت عُقدَةٌ، فَإِن صلَّى انحَلَّت عُقدُهُ كُلُّهَا، فأَصبَحَ نشِيطاً طَيِّب النَّفسِ، وَإِلاَّ أَصبح خَبِيثَ النَّفْسِ كَسْلانَ » « كىشى ئۇخلىغان چېغىدا، شەيتان ئۇنىڭ گەجگىسىگە ئۈچ توقۇناق چىگىدۇ. ھەر توقۇناقنى چەگكەندە: ‹ئۇخلاۋەرگىن، كېچە ئۇزۇن›، دەيدۇ. كىشى ئويغىنىپ ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتسا، بىر توقۇناق يېشىلىدۇ. تاھارەت ئالسا، يەنە بىر توقۇناق يېشىلىدۇ. ناماز ئوقۇسا يەنە بىر توقۇناق يېشىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېتىك، روھلۇق بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، ئېزىلەڭگۈ، ھورۇن بولۇپ قالىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شەيتانلارنىڭ مۇئمىنلەرنى ياخشى ئىشلاردىن توسۇپ قويىدىغانلىقى، كېچىدە ئىبادەت قىلالماسلىق شەيتاننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلىق ھەمدە شەيتان ئالدىدا مەغلۇپ بولغانلىق بولىدىغانلىقى.

2) كېچىدە ئاللاھ تائالانى ئەسلەشكە، دۇئا قىلىشقا ۋە ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

3) ئاللاھ تائالانى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يوقاتقاچقا ئىنساننىڭ روھى ئوچۇق ۋە جۇشقۇن بولۇپ، خامۇشلۇق، ھورۇنلۇقلار تۈگىتىلىپ، روھىي بېسىم ۋە غەمنىڭ يوقىلىدىغانلىقى.

4) مۇئمىن كىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى تائەت-ئىبادەتكە مۇۋەپپەق قىلغانلىقىدىن خۇشاللىنىپ، ئۆزىنىڭ پەزلى مەرتىۋىلىرىدە يېتەرسىز بولغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولىدىغانلىقى.

1166. ئابدۇللاھ ئىبن سەلام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « أَيُّهَا النَّاسُ أَفْشوا السَّلامَ، وَأَطْعِمُوا الطَّعَامَ، وَصَلُّوا باللَّيْل وَالنَّاسُ نِيامٌ، تَدخُلُوا الجَنَّةَ بِسَلامٍ » « ئى ئىنسانلار! سالامنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار، كىشىلەرگە تائام بېرىڭلار، كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا كېچىسى قوپۇپ ناماز ئوقۇڭلار، شۇنداق قىلساڭلار جەننەتكە سالامەت كىرەلەيسىلەر » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يۇقىرىقى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئادەتلەنگەن كىشىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىلگەنلىكى.

2) تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشتا كىشى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، ئۆز نەپسىنى ئۇيقۇ لەززەتلىرىدىن مەھرۇم قىلغاچقا تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش قىيامەت كۈنى نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىلىرىدىن ئىكەنلىكى.

1167. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَفْضَلُ الصيَّامِ بعْدَ رَمَضَانَ شَهْرُ اللَّهِ المُحَرَّمُ، وَأَفْضَلُ الصَّلاةِ بعدَ الفَرِيضَةِ صَلاةُ اللَّيْل » « رامزاندىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل روزا مۇھەررەم ئېيىنىڭ روزىسىدۇر. پەرز نامازدىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل ناماز تەھەججۇد نامىزىدۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) نەفلى نامازلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەۋزەل ناماز تەھەججۇد نامىزى ئىكەنلىكى، چۈنكى كېچە تىنچ ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا قىلغان ئەمەلنىڭ رىيادىن خالىي، خالىس بولىدىغانلىقى.

2) مۇھەررەم ئېيىدا نەفلى روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

1168. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « صَلاةُ اللَّيْلِ مَثْنَى مَثْنَى، فَإِذا خِفْتَ الصُّبْح فَأَوْتِرْ بِواحِدَةِ » « تەھەججۇد نامىزى ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. تاڭ سۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسەڭ، بىر رەكئەت قىلىپ ئوقۇۋالغىن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1169. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى تەھەججۇد نامىزىنى ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەت ئوقۇپ، ئاخىرىدا قوشۇپ بىر رەكئەت ۋىتىر ئوقۇيتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كېچىدە ئوقۇيدىغان ناماز ئىككى رەكئەتلىك بولسا ياخشى بولىدىغانلىقى.

2) ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلۇپ ئاخىرىدا بىر رەكئەت بىلەن تاماملانغان ۋىتىر نامىزىنىڭ شافىئىي مەزھىپىدە ئەڭ توغرا دەپ قارىلىدىغانلىقى.

1170. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزى ئايلاردا، ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا روزا تۇتمامدۇ نېمە، دەپ گۇمان قىلىپ قالغۇدەك ھالدا روزا تۇتماي يۈرەتتى. بەزى ئايلاردا بولسا شۇنداق روزا تۇتاتتىكى، ھەتتا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا بىرەر كۈنمۇ روزا تۇتماي قالمايدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالاتتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كېچىسى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ناماز ئوقۇۋاتقان ھالدا، ئۇخلاۋاتقان ھالدا كۆرەي دېسەڭ ئۇخلاۋاتقان ھالدا كۆرەتتىڭ. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە رىئايە قىلىپ نورمال رەۋىشتە نەفلى روزا تۇتۇشقا ۋە تەھەججۇد نامازلىرىنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

2) بەزى كېچە ۋە كۈنلەرنى مەخسۇس ناماز ئوقۇش ياكى روزا تۇتۇشقا خاس قىلىۋالماسلىق كېرەكلىكى. بۇنداق قىلغاندا ئادەت بولۇپ قېلىپ، نەپسىگە جاپالىق تۇيۇلماي قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ساۋابنىڭ ئاز بولۇپ قالىدىغانلىقى.

1171. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى ئون بىر رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا شۇنداق ئۇزۇن سەجدە قىلاتتىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگۈچە بىرىڭلار قۇرئاندىن 50 ئايەت ئوقۇپ بولغۇدەك ۋاقىت ئۆتەتتى. بامداتنىڭ ئالدىدا ئىككى رەكئەت سۈننەتنى ئوقۇپ بولۇپ، مۇئەززىن ئەزان ئېيتىپ نامازغا چاقىرغۇچە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تەھەججۇد ئوقۇغاندا سەجدىنى ئۇزۇن قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى بەندە سەجدىدىكى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بولىدۇ. سەجدىنىڭ ئۆزى كىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ناھايىتى تۆۋەنچىلىك بىلەن كۆڭلى ئېرىگەن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە بۇ ۋاقىتتا بەندە ئاللاھ تائالاغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۈزلىنىدۇ.

2) قەبرىدە ياتىدىغانلىقىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇپ بولۇپ پەرزنى ئوقۇشتىن بۇرۇن يېنىچە يېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. بۇنداق قىلىشنىڭ نامازدا تۆۋەنچىلىك ئىزھار قىلىپ تۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقى، لېكىن بىر قىسىم كىشىلەردەك مەسجىدكە نالايىق ھالدا ۋە ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ئازار بولىدىغان ھالەتتە يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكى، ئۆيىدە يېنى يېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

1172. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاندا ۋە رامزاندىن باشقا چاغلاردا كېچىلىك نامازنى ئون بىر رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايتتى. كېچىلىرى بولسا تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتىكى، ئۇنىڭ شۇنچە مۇكەممەل ۋە ئۇزۇن بولغانلىقىنى سورىمايلا قوي. ئاندىن ئۈچ رەكئەت ئوقۇيتتى. مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! سەن ۋىتىر ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلامسەن؟»، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: « يا عائشةُ إِنَّ عيْنَيَّ تَنامانِ وَلا يَنامُ قلبي » « ئى ئائىشە، مېنىڭ ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن قەلبىم ئويغاق » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تەھەججۇد نامىزىنى تەئدىل-ئەركان بىلەن ئوقۇشنىڭ، شۇنداقلا ئۇزۇن ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ھەمدە پۈتۈن رەكئەتلىرىنى بىر خىل ئوقۇش، بىرىنچى رەكئەتنى تېتىك ھالدا ئوقۇپ، كېيىنكى رەكئەتلەردە سۇسلىشىپ قالماسلىق كېرەكلىكى.

2) شافىئىيلارنىڭ مەزھىپىدە ۋىتىر نامىزى 11 رەكئەتتىن ئارتۇق ئەمەس. ئەگەر ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ۋىتىر ئوقۇسا تەھەججۇدنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.

3) بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى ئويغىنىشقا ئىشەنچىسى بار كىشى ۋىتىر نامىزىنى ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ئوقۇسىمۇ بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئويغىنىشقا ئىشەنچىسى بولمىسا، ۋىتىر ئوقۇماي ئۇخلاشقا بولمايدىغانلىقى.

1173. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئۇخلايتتى. ئاخىرىدا ناماز ئوقۇيتتى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: روھنى ۋە بەدەننى چارچىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن كېچىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەت قىلماي، بىر قىسىم ۋاقتىدا ئۇخلاپ، يەنە بىر قىسىم ۋاقتىدا ئىبادەت قىلىش. ئىبادەتنى ئەڭ تېتىك ھالدا قىلىش ئۈچۈن كېچىنىڭ ئاخىرقى ۋاقتىدا تۇرۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى.

1174. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ناماز ئوقۇپ قالدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامدا شۇنداق ئۇزۇن تۇردىكى، ھەتتا مەن بولمىغۇر خىيالغا كېلىپ قالدىم. ئۇنىڭدىن: « سەن قانداق خىيالغا كېلىپ قالدىڭ » ، دەپ سورالغاندا، ئۇ: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆرە پېتى قويۇپ قويۇپ، ئۆزۈم ئولتۇرۇۋېلىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم » ، دېگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدىكى نامازنى ئۇزۇن ئوقۇيدىغانلىقى.

2) نەفلى نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى.

3) نەفلى نامازدا ئىمام نامازنى بەك ئۇزۇن ئوقۇپ كەتسە، ئىقتىدا قىلغۇچى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ نامازنى ئۆزى يالغۇز تاماملىسا بولىدىغانلىقى.

1175. ئەبۇ ئابدۇللاھ ھۇزەيفە ئىبن يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كېچىسى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇپ قالدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈرە فاتىھەدىن كېيىن سۈرە بەقەرەنى باشلىدى. مەن يۈزىنچى ئايەتتە رۇكۇ قىلامدىكىن، دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توختىماي ئوقۇۋەردى. مەن بەقەرە سۈرىسىنىڭ ھەممىسىنى بىر رەكئەتتىلا ئوقۇيدىغان بولدى، دەپ ئويلىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرائىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپ سۈرە نىسانى باشلىدى. ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سۈرە ئال ئىمراننى باشلىدى. بۇ ئايەتلەرنى ئاستا-ئاستا ئوقۇيتتى. تەسبىھ ئايەتلىرى ئۆتسە تەسبىھ ئوقۇيتتى. دۇئا ئايەتلىرى ئۆتسە دۇئا قىلاتتى ۋە پاناھ تىلەشكە ئائىت ئايەتلەر ئۆتسە پاناھ تىلەيتتى. ئاندىن رۇكۇ قىلىپ: « سُبْحَانَ رَبِّيَ العَظِيْم » ، دېدى. ئاندىن سەجدە قىلىپ: « سُبْحَانَ رَبِّيَ الاَعْلَى » دېدى. سەجدىدىمۇ قىيامدا تۇرغانغا ئوخشاش ئۇزۇن تۇردى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدىكى نامىزىنىڭ بەك ئۇزۇن ۋە مۇكەممەل ئادا قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىش.

2) ئىككىنچى رەكئەتتە بىرىنچى رەكئەتتە ئوقۇغان سۈرىنىڭ ئالدىدىكى سۈرىنى ئوقۇسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا بىر رەكئەتتىلا مۇشۇنداق ئوقۇسىمۇ بولىدىغانلىقى. بەزىلەر مۇنداق ئوقۇشقا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار بۇ ھەدىسنى نامازدا سۈرىلەرنى تەرتىپ بىلەن ئوقۇش يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن ھەدىس ئىدى، دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

1176. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قايسى نامازنىڭ ئەۋزەللىكى توغرۇلۇق سورالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « طُولُ القُنُوتِ » « قىيامى ئۇزۇن بولغان ناماز » ، دەپ جاۋاب بەردى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نامازدا رۇكۇ-سەجدىنى ئۇزۇن قىلغاندىن قىيامنى ئۇزۇن قىلىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى. چۈنكى، قىيامدا تۇرغاندا ئەڭ ئەۋزەل بولغان زىكىر «قۇرئان كەرىم» ئوقۇلىدۇ.

1177. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَحَبُّ الصَّلاةِ إلى اللَّهِ صَلاةُ دَاوُدَ، وَأَحبُّ الصيامِ إلى اللَّهِ صِيامُ دَاوُدَ، كانَ يَنَامُ نِصْفَ اللَّيْل وَيَقُومُ ثُلُثَهُ ويَنَامُ سُدُسَهُ وَيصومُ يَوماً وَيُفطِرُ يَوماً » « ئاللاھ تائالا ئەڭ ياقتۇرىدىغان ناماز داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىدۇر. ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان روزىمۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ روزىسىدۇر. ئۇ زات كېچىنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمىدا ئۇخلايتتى. ئۈچتىن بىرىدە ئىبادەت قىلاتتى. ئاندىن كېچىنىڭ ئالتىدىن بىرىدە ئۇخلايتتى. بىر كۈن روزا تۇتاتتى. بىر كۈن ئېغىزى ئوچۇق يۈرەتتى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « لَاصِِيَامَ مَنْ صَامَ الْأَبَد » «پۈتۈن بىر ئۆمۈر روزا تۇتۇش يوق»، دېگەن سۆزىگە ئاساسەن (روزا تۇتۇش چەكلەنگەن ئىككى ھېيت كۈنىدىن باشقا) ھەممىلا كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ ۋە كېچىچە ناماز ئوقۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

2) روزا تۇتۇش ۋە كېچىدە ناماز ئوقۇشنىڭ يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك بولسا ياخشى بولىدىغانلىقى.

3) ئەمەللەرنى رىيادىن خالىي، خالىس قىلىش ئۈچۈن مەخپىي ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

1178. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إِنَّ في اللَّيْلِ لَسَاعةً، لا يُوافقُهَا رَجـُلٌ مُسلِمٌ يسأَلُ اللَّه تعالى خيراً من أمرِ الدُّنيا وَالآخِرِةَ إِلاَّ أَعْطاهُ إِيَّاهُ، وَذلكَ كلَّ لَيْلَةٍ » « كېچىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر ۋاقىت بار. بىرەر مۇسۇلمان بەندىنىڭ ئاللاھ تائالادىن دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورىشى شۇ ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ سورىغىنىنى بېرىدۇ. بۇ مۇبارەك ۋاقىت ھەر كېچىسى بار » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كېچىنىڭ قايسى قىسمىدا بولمىسۇن، ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

2) ھەر كېچىدە دۇئا ئىجابەت قىلىنىدىغان بىر ۋاقىتنىڭ بارلىقى، كېچىدىكى بۇ ۋاقىتنىڭ جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتتىن ئۇزۇن ئىكەنلىكى.

1179. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا قَامَ أَحَدُكُمِ مِنَ اللَّيْلِ فَليَفتَتحِ الصَّلاةَ بِركعَتَيْن خَفيفتيْنِ » « بىرەرسىڭلار كېچىسى تەھەججۇد ئۈچۈن تۇرسا، ئالدى بىلەن يەڭگىل ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1180. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن تۇرسا، ئالدى بىلەن يەڭگىل ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالاتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، تەھەججۇد نامىزىنى يەڭگىل ئىككى رەكئەت نامازدىن باشلاش كېرەكلىكى، بۇنداق قىلىشنىڭ ئۇيقۇ ۋە خامۇشلۇق ئالامەتلىرىنى يوقىتىپ، تېتىك، جۇشقۇن ھالەتنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى.

1181. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاغرىق ياكى باشقا سەۋەبتىن كېچىسى تەھەججۇد نامىزىنى ئوقۇيالماي قالسا، كۈندۈزى ئون ئىككى رەكئەت ئوقۇۋالاتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1182. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ نَام عن حِزْبِهِ، أو عَنْ شْيءٍ مِنهُ، فَقَرأهُ فِيما بينَ صَلاِةَ الفَجْرِ وصَلاةِ الظُّهْرِ، كُتِب لهُ كأَنَّما قَرَأَهُ منَ اللَّيْلِ » « كىمكى ئۆزىنىڭ (نەفلى ناماز ياكى قۇرئان ئوقۇشقا ئوخشاش) كېچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى ئادا قىلالماي قالسا، ئۇنى ئەتىسى بامدات بىلەن پېشىننىڭ ئارىلىقىدا ئادا قىلىۋالسا، خۇددى ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلغاندەك بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ئادەتلىنىپ كەتكەن نەفلى ئىبادەتلەرنى قىلالماي قالسا، كېيىن قازاسىنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

3) بىرەر ئۆزرە سەۋەبىدىن ئۆز ۋاقتىدا قىلالمىغان ئىبادەتلەرنى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قىلسىمۇ خۇددى بۇ ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قىلغاندەك ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى.

1183. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رحِمَ اللَّه رَجُلا قَامَ مِنَ اللَّيْلِ، فصلىَّ وأيْقَظَ امرأَتهُ، فإنْ أَبَتْ نَضحَ في وجْهِهَا الماءَ، رَحِمَ اللَّهُ امَرَأَةً قَامت مِن اللَّيْلِ فَصلَّتْ، وأَيْقَظَتْ زَوْجَهَا فإِن أَبي نَضَحَتْ في وجْهِهِ الماءَ » « ئاللاھ تائالا كېچىدە قوپۇپ ناماز ئوقۇغان ۋە ئايالىنى ئويغاتقان، ئەگەر ئايالى قوپقىلى ئۇنىمىسا ئۇنىڭ يۈزىگە سۇ چاچقان ئەرگە رەھمەت قىلسۇن، كېچىدە قوپۇپ ناماز ئوقۇغان ۋە ئېرىنى ئويغاتقان، ئەگەر ئېرى قوپقىلى ئۇنىمىسا ئۇنىڭ يۈزىگە سۇ چاچقان ئايالغا رەھمەت قىلسۇن » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشى ئەمەللەردە ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

2) ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنى كېچىلىك ئىبادەتلىرى ئۈچۈن ئويغىتىپ قويۇشنىڭ ۋە بىر-بىرىنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇشقا ياردەم قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) ھەدىستىن ئەر-ئاياللارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتا باراۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى.

1184. ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا أَيقَظَ الرَّجُلُ أَهْلَهُ مِنَ اللَّيْل فَصَلَّيا أَوْ صَلَّى ركْعَتَينِ جَمِيعاً، كُتِبَ في الذَّاكرِينَ وَالذَّكِراتِ » « ئەگەر بىر ئەر كېچىسى ئايالىنى ئويغىتىپ، ئىككىسى ناماز ئوقۇسا ياكى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا، ئۇ ئىككىسىگە ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللار قاتارىدا ساۋاب بېرىلىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى نەفلى-ئىبادەتلەرنى قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىنىڭ پەزىلەتلىك ئىش ئىكەنلىكى.

2) ﴿وَالذَّاكِرِينَ اللَّهَ كَثِيرًا وَالذَّاكِرَاتِ أَعَدَّ اللَّهُ لَهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا﴾ ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغفىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 35- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) بالا-چاقىلىرى بىلەن كېچىدە ئىبادەت قىلغان كىشىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا مەغفىرەت ۋە كاتتا ئىنئام تەييارلىغان «ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللار» قاتارىدا بولىدىغانلىقى.

1185. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا نَعَس أَحَدُكُمْ في الصَّلاةِ، فَلْيَرْقُدْ حتى يَذهَب عَنْهُ النَّومُ، فَإِنَّ أَحدكُمْ إذا صَلى وهو ناعِسٌ، لَعَلَّهُ يَذهَبُ يَستَغفِرُ فَيَسُبَّ نَفسهُ » « سىلەر ناماز ئوقۇۋېتىپ مۈگدەپ قالساڭلار، بېرىپ ئۇيقۇڭلار تۈگىگۈچە ئۇخلاڭلار. چۈنكى، مۈگدەپ تۇرۇپ ناماز ئوقۇساڭلار ئىستىغفار ئېيتتىم دەپ، ئۆزۈڭلارغا بەد دۇئا قىلىپ قويۇشىڭلار مۇمكىن » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1186. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا قَامَ أَحدُكُمْ مِنَ اللَّيْلِ فَاستعجمَ القُرآنُ على لِسَانِهِ، فَلَم يَدْرِ ما يقُولُ، فَلْيضْطَجِعْ » « بىرەرسىڭلار تەھەججۇد نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن تۇرسا، ئۇيقۇ بېسىپ، تىلىغا قۇرئان ئايەتلىرى ئوچۇق راۋان كەلمەي، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمىسە، يېتىپ ئارام ئالسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كېچىدە تېتىك ۋە ھوزۇرى قەلب ھالىتىدە نامازغا تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.

2) تەھەججۇد نامىزىنى مۈگدىگەندە ياكى خامۇشلۇق ھالەتتە ئوقۇشقا بولمايدىغانلىقى.

3) كېچىدە ناماز ئوقۇۋېتىپ ئۇيقۇسى كەلگەن كىشى تېتىك بولۇش ئۈچۈن بىر ئاز ئۇخلاپ، ئاندىن ناماز ئوقۇسا ياخشى بولىدىغانلىقى.

4) ھوزۇرى قەلب بىلەن ناماز ئوقۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۇيقۇ پەقەت نامازدىلا ئەمەس، باشقا ئىبادەتلەردىمۇ بار. شۇڭا، باشقا ئەمەللەرنى تېتىك ھالدا قىلىش ئۈچۈن ئۇيقۇنى قاچۇرۇش كېرەكلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ