رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

213. باب رامىزان كېچىلىرى تەراۋىھ ئوقۇشنىڭ ياخشىلىقى توغرىسىدا

1187. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ قام رَمَضَانَ إِيماناً واحْتِساباً غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ » « كىمكى رامزان كېچىسى ئاللاھ تائالانىڭ بېرىدىغان ساۋابىغا ئىشىنىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىخلاسىنى بىلدۈرۈپ تەراۋىھ ئوقۇسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1188. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزان كېچىسى كىشىلەرنى ئىبادەت قىلىشقا تەرغىب قىلاتتى. ئۇلارنى چوقۇم شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇمايتتى ۋە: « مَنْ قَامَ رَمَضَانَ إِيماناً واحْتِسَاباً غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّم مِنْ ذَنْبِهِ » « كىمكى رامزان كېچىسى ئاللاھ تائالانىڭ بېرىدىغان ساۋابىغا ئىشىنىپ، ئىخلاسىنى بىلدۈرۈپ تەراۋىھ ئوقۇسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ » ، دەيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) رامزان كېچىلىرىدە ناماز ئوقۇشنى تەكىتلەش ۋە رامزان ئېيىدا كۆپ ئىبادەت قىلىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى. رامزان ئېيىدىكى ئىبادەتلەرنىڭ ئىنساندىن سادىر بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئالاقىدار كىچىك گۇناھ ۋە كەمچىلىكلەرگە كەففارەت بولىدىغانلىقى.

2) رامزان كېچىسىدىكى ئىبادەت ― تەراۋىھ نامىزى. بۇ ناماز (ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىدىن باشقا) يىگىرمە رەكئەت بولۇپ، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. بۇ نامازنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىتىر نامىزىدىن سىرت سەككىز رەكئەتمۇ ئوقۇغان. تەراۋىھ (ئارام ئېلىش نامىزى) دەپ ئاتىلىشتىكى سەۋەب: بۇ نامازنىڭ قىيامى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، ھەر ئىككى سالامدىن كېيىن (يەنى ھەر تۆت رەكئەتتىن كېيىن) بىر قېتىم ئارام ئېلىپ ئوقۇلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن رامزان كېچىسىدىكى ئىبادەتكە كىشىلەرنى يىغقان تۇنجى كىشى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، بۇ ئىجمائ دەرىجىسىدىكى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ نامازنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزان كېچىسى بۇ نامازنى ئۈچ كېچە ئوقۇپ بەرگەن. نامازغا قاتناشقان كىشىلەر بەك كۆپىيىپ كەتكەچكە ئۈچىنچى كېچىسى بۇ نامازنى (ئۈممەتلىرىگە پەرز بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ) توختاتقان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ