214. باب شەبى قەدرى كېچىسىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى، قايسى كېچىلەرنىڭ شەبى قەدرى كېچىسى بولۇشقا يېقىنراق ئىكەنلىكى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّا أَنزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْر... سَلَامٌ هِيَ حَتَّى مَطْلَعِ الْفَجْرِِ﴾ بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق ... شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ-ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە قەدر)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّا أَنزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةٍ مُّبَارَكَةٍ﴾ بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە نازىل قىلدۇق . («قۇرئان كەرىم» سۈرە دۇخان 3- ئايەت)
1189. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ قام لَيْلَةَ القَدْرِ إِيماناً واحْتِسَاباً، غُفِر لَهُ ما تقدَّم مِنْ ذنْبِهِ » « كىمكى شەبى قەدرى كېچىسى ئاللاھ تائالانىڭ بېرىدىغان ساۋابىغا ئىشىنىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىخلاسىنى بىلدۈرگەن ھالدا تەراۋىھ ئوقۇسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قەدرى كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى.
2) قەدرى كېچىسىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى.
3) قەدرى كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكنىڭ ساۋابىغا ئۇ كېچىسى خۇپتەن نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇپ، بامدات نامىزىنىمۇ جامائەت بىلەن ئوقۇشنى ئىرادە قىلسا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى.
1190. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر مۇنچە ساھابىلەر چۈشىدە شەبى قەدرى كېچىسىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرقى يەتتە كېچىسىدە بولىدىغانلىقىنى كۆردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَرى رُؤيَاكُمْ قَدْ تَواطَأَتْ في السَّبْعِ الأَوَاخِرِ، فَمَنْ كَانَ مُتحَرِّيهَا، فَلْيَتَحرَّهَآ في السبْعِ الأَواخِرِ » « چۈشۈڭلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ رامزاننىڭ ئاخىرقى يەتتىسىگە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى كۆردۈم، كىمكى شەبى قەدرى كېچىسىنى تاپماقچى بولسا، ئۇنى رامزاننىڭ ئاخىرقى يەتتىسىدىن تاپسۇن » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1191. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپقا كىرەتتى ۋە: « تحَرَّوْا لَيْلَةَ القَدْرِ في العشْرِ الأَوَاخِرِ مِنْ رَمَضانَ » « شەبى قەدرى كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىن ئاختۇرۇڭلار » ، دەيتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1192. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « تَحرّوْا لَيْلةَ القَدْرِ في الوتْـرِ من العَشْرِ الأَواخِرِ منْ رمَضَانَ » « شەبى قەدرى كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئاختۇرۇڭلار » .
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قەدرى كېچىسى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بولىدىغانلىقى. ئاخىرقى ئون كۈننىڭ تاق كۈنلىرىدە بولىدىغانلىقى ھەممىدىن كۈچلۈك قاراش. بەزى ئۆلىمالار بۇ جەھەتتىكى ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەبى قەدرى كېچىسى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى كېچىلەر ئارىسىدا يۆتكىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ مەنىسى بۇ رامزاندا شەبى قەدرى مۇئەييەن بىر كېچىسى ئۆتسە، ئىككىنچى يىلى رامزاندا يەنە شۇ ئون كۈن ئىچىدىكى باشقا بىر مۇئەييەن كېچىدە ئۆتىدۇ.
2) ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش، شەبى قەدىرىنى ئۇچرىتىش ئۈچۈن ھەر رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش. قەدرى كېچىسىنىڭ ئېنىقسىز قالدۇرۇلغانلىقىدىكى ھېكمەت مانا شۇ.
1193. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزان كېچىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئونى كىرگەندە كىچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى ۋە ئاياللىرىنىمۇ ئويغىتاتتى، ئادەتتىكىدىن زىيادە ئىبادەت قىلاتتى، ئىبادەتكە بىلىنى چىڭ باغلايتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1194. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزان ئېيدا (ئىبادەت جەھەتتە) رامزاندىن باشقا چاغلاردا كۆرۈلمىگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى. رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) رامزان ئېيىدا بولۇپمۇ ئاخىرقى ئون كۈنىدە كۆپلەپ تائەت-ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى.
2) ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى كېچىنى شەبى قەدرىنى ئۇچرىتىش مەقسىتىدە ئىبادەت ۋە دۇئا بىلەن ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكى.
3) رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىلىرىدىكىگە ئوخشاش تائەت-ئىبادەتلەر مەقبۇل بولىدىغان پەسىللەردە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن ئۆي ئىچى، بالا-چاقىلىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكى.
4) رامزان ئېيىنىڭ باشقا ئايلاردىن ئارتۇق ئىكەنلىكى. رامزان ئېيىدىكى ئاخىرقى ئون كۈننىڭ باشقا كۈنلەردىن ئارتۇق ئىكەنلىكى.
5) رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىتىكاپتا ئولتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى.
1195. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ، مەن شەبى قەدرى كېچىسىنىڭ قايسى كېچە ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە، ئۇ كېچىسى نېمە دەيدىغانلىقىمنى دەپ بەرسەڭ»؟ دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قُولي: اللَّهُمَّ إِنَّكَ عَفُوٌّ تُحِبُّ العفْوَ فاعْفُ عنِّي » « ‹ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچى، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن!›، دېگىن » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇسۇلماندىن كۈتۈلىدىغان ئەڭ مۇھىم تەلەپ: گۇناھلاردىن پاك بولۇش ۋە پۈتۈنلەي ئادا-جۇدا بولۇش ئىكەنلىكى.
2) ئاللاھ تائالاغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سوراشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى. دۇئالار مەقبۇل بولىدىغان ۋاقىتلاردا تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ بۇۋاقىتلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنىڭ قەدرى كېچىسى ئىكەنلىكى.
3). ئالىملار قەدىر كىچىسىنىڭ ئالامەتلىرىنى مۇسۇلمان بەندىنىڭ قەلب ئازادىلىكى ۋە خاتىرجەملىك بىلەن ئاللاھ بىلەن بىللە بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىشى دەپ قارىدى. بۇنىڭدىن باشقا: بۇ كېچىنىڭ ھېچقانداق قورقۇنچلۇق ئىش يۈز بەرمەي تىنچ بولىدىغانلىقىدەك باشقا ئالامەتلىرىمۇ بولىدۇ.