215. باب مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ پەزىلىتى، تەبىئىي خىسلەتلەر توغرىسىدا
1196. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَوْلا أَنْ أَشُقَّ عَلى أُمَّتي أَوْ عَلى الناس لأمرْتُهُمْ بِالسِّواكِ معَ كلِّ صلاةٍ » « ئۈممىتىمگە ياكى كىشىلەرگە ( « ئۈممىتىم ياكى كىشىلەر »، د ېگەن ئىككى سۆزنىڭ قايسىسىنىڭ دېيىلگەنلىكى رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ ئېسىدە ئېنىق قالمىغان) ئېغىرچىلىق تۇغدۇرۇپ قويماي دېمىسەم، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھەربىر نامازدا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1997. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇيقۇدىن ئويغانسىلا ئاغزىغا مىسۋاك ئىشلىتەتتى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1198. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىسۋاك ۋە تاھارەت ئالىدىغان سۇ تەييارلاپ بېرەتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى ئاللاھ تائالا خالىغان چاغدا تۇرۇپ مىسۋاك ئىشلىتەتتى، تاھارەت ئالاتتى، ناماز ئوقۇيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1199. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَكثَرْتُ عَليكُمْ في السِّوَاكِ » « مەن سىلەرگە مىسۋاك ئىشلىتىش توغرۇلۇق كۆپ تەۋسىيە قىلدىم » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
1200. شۇرەيھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئائىشەگە: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرسە ھەممىدىن ئىلگىرى نېمە ئىش قىلاتتى؟»، دېسەم. ئائىشە: « مىسۋاك قىلاتتى » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1201. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرسەم مىسۋاكنىڭ باش تەرىپى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزىدا ئىكەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مىسۋاكلاشنىڭ ئەڭ توغرا ۋە ياخشى ئۇسۇلى: مىسۋاكنى ئاستىنقى چىشلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ يان تەرەپ (سىرتقى تەرەپ)تىن ئوڭغا قاراپ ئاخىرىغىچە مىسۋاكلاپ ئاستىنقى چىشنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىقىپ ئۈستى تەرىپىنى دەسلەپ باشلانغان يېرىمىغىچىلىك مىسۋاكلاش. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستىنقى چىشنىڭ قالغان يېرىمىنى چىشنىڭ يان تەرەپ (سىرتقى تەرەپ)دىن باشلاپ ئاخىرىغىچە مىسۋاكلاپ ئاستىنقى چىشنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىقىپ، ئۈستىدىكى قالغان يېرىمىنى مىسۋاكلاش. ئۈستىنكى چىشلارنىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش مىسۋاكلاش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چىشنىڭ ئىچكى تەرىپىنى ۋە ئۈستۈن تاڭلايلارنى مىسۋاكلاش كېرەك.
1202. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « السِّواكُ مَطهَرةٌ للفَمِ مرْضَاةٌ للرَّبِّ » « مىسۋاك دېگەن ئېغىزنى پاكىز قىلىدۇ. ئاللاھنى رازى قىلىدۇ » . ― نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مسۋاك ئىشلىتىشنى يۈزەكى چۈشەنسەك: مىسۋاك ئېغىزنى تازىلاشنىڭ بىرخىل ۋاسىتىسى ھەمدە ئۇ ئىجتىمائىي ساغلاملىق جەھەتتە پايدىلىق. تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەنسەك: مىسۋاك ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىكى يول بولۇپ، بەندە مىسۋاك ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بىلەن ئەڭ ياخشى مۇناجاتلىشالايدۇ. ئۇ مۇناجات ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت مەزمۇنلار بولغان نامازدۇر.
1203. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الفِطرةُ خَمسٌ، أَوْ خمْسٌ مِنَ الفِطرةِ: الخِتان، وَالاسْتِحْدَادُ، وَتقلِيمُ الأَظفَارِ، ونَتف الإِبِطِ، وقَصُّ الشَّارِبِ » « بەش تۈرلۈك ئىش سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىشلار: خەتنە قىلىش، سۈننەت قىلىش (ئەۋرەتنىڭ تۈكلىرىنى تازىلاش.―ت)، بۇرۇت قىرقىش، تىرناق ئېلىش ۋە قولتۇق ئاستىدىكى تۈكلەرنى يۇلۇشتىن ئىبارەت » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ بەش خىسلەتنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەر تاللىغان ۋە بۇرۇنقى شەرىئەتلەر بىرلىككە كەلگەن قەدىمىي سۈننەتلەر ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ خىسلەتلەرنىڭ پاكىزلىق ۋە ئىنسان تەبىئىتى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكى.
1204. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « عَشرٌ مِنَ الفِطرَةِ: قَصُّ الشَّارِبِ، وإِعفَاءُ اللِّحْيَةِ، وَالسِّوَاكُ، واسْتِنشَاقُ الماءِ، وقَصُّ الأَظفَارِ، وغَسلُ البَرَاجِمِ، وَنَتفُ الإِبطِ، وَحلقُ العانَة، وانتِقاصُ المَاءِ » « ئون ئىش بولۇپ بۇ تەبىئىي خىسلەت ھېسابلىنىدۇ: بۇرۇتنى قىسقارتىش، ساقال قويۇش، مىسۋاك ئىشلىتىش، بۇرنىغا سۇ ئېلىش، تىرناق ئېلىش، بارماق ئارىلىرىنى يۇيۇش، قولتۇقنى تازىلاش، ئەۋرەتنى تازىلاش، ئىسىتىنجا قىلىش » . رىۋايەت قىلغۇچى: «ئونىنچىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بەلكى ئېغىزغا سۇ ئېلىش بولسا كېرەك»، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1205. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَحْفُوا الشَّوارِبَ وأَعْفُوا اللِّحَى » « بۇرۇتنى قىسقارتىڭلار، ساقالنى قويۇڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.