رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

217. باب رامزان روزىسىنىڭ پەرزلىكى، روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ﴾ ئى مۇئمىنلەر (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى ، دېگەن ئايەتتىن ﴿فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَر﴾ سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسى تۇتسۇن، كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن (باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن دېگەن ئايەتكىچە. («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 183-، 184-، 185- ئايەتلەر)

1215. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن، دەيدۇ: « قال اللَّه عَزَّ وجلَّ: كُلُّ عملِ ابْنِ آدم لهُ إِلاَّ الصِّيام، فَإِنَّهُ لي وأَنَا أَجْزِي بِهِ . والصِّيام جُنَّةٌ فَإِذا كَانَ يوْمُ صوْمِ أَحدِكُمْ فلا يرْفُثْ ولا يَصْخَبْ، فَإِنْ سابَّهُ أَحدٌ أَوْ قاتَلَهُ، فَلْيقُلْ: إِنِّي صَائمٌ . والَّذِي نَفْس محَمَّدٍ بِيدِهِ لَخُلُوفُ فَمِ الصَّائمِ أَطْيبُ عِنْد اللَّهِ مِنْ رِيحِ المِسْكِ. للصَّائمِ فَرْحَتَانِ يفْرحُهُما: إِذا أَفْطرَ فَرِحَ بفِطْرِهِ، وإذَا لَقي ربَّهُ فرِح بِصوْمِهِ » « ئادەم بالىسىنىڭ ھەرقانداق ئەمەلىدىن ئۇنىڭ (كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇش، ئابرويىغا ئېرىشىش قاتارلىق دۇنيادا قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىرايدىغان) بىرەر نېسىۋىسى بولىدۇ. پەقەت روزا ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى ئۇ، ماڭا رىيادىن خالىي بولغان ھالدا قىلىنغان ئەمەلدۇر. ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن. روزا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشسا مەن روزىدارمەن دېسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر. روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ. بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغان چاغدا روزا تۇتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىغان نازۇ-نېئمەتلەردىن خۇشال بولىدۇ ». ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « يتْرُكُ طَعامَهُ، وَشَرابَهُ، وشَهْوتَهُ، مِنْ أَجْلي، الصِّيامُ لي وأَنا أَجْزِي بِهِ، والحسنَةُ بِعَشْرِ أَمْثَالِهَا » « روزىدار كىشى مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن يېمەك-ئىچمىكىنى ۋە جىنسى ئالاقىنى تەرك ئېتىدۇ. روزا مەن ئۈچۈندۇر، ئۇنىڭغا ئۆزۈم مۇكاپات بېرىمەن، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ئون ھەسسىسىگىچە كۆپەيتىلىپ بېرىلىدۇ »، د ېيىلگەن.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: « كُلُّ عَملِ ابنِ آدَمَ يُضَاعفُ الحسَنَةُ بِعشْر أَمْثَالِهَا إِلى سَبْعِمِائة ضِعْفٍ » « ئادەم بالىسىنىڭ ھەر بىر ياخشى ئەمىلىنىڭ ئەجرى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە كۆپەيتىلىپ بېرىلىدۇ »، د ېيىلگەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: « إِلاَّ الصَّوْمَ فَإِنَّهُ لِي وأَنا أَجْزي بِهِ: يدعُ شَهْوتَهُ وَطَعامَهُ مِنْ أَجْلي . لِلصَّائم فَرْحتَانِ: فرحة عند فطره، فَرْحةٌ عِنْدَ لقَاء رَبِّهِ . ولَخُلُوفُ فَمِ الصَّائِمِ أَطْيَبُ عِنْدَ اللَّهِ مِنْ ريحِ المِسْكِ » « لېكىن روزا بۇنداق ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ماڭا رىيادىن خالىي ھالدا خالىس قىلىنغان ئەمەلدۇر. ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن، ئۇ كىشى مېنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن يېمەك-ئىچمىكىنى، جىنسى ئالاقىنى تەرك قىلىدۇ، روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈك خۇشاللىق بولىدۇ. بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغان چاغدا. روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇشپۇراقتۇر » .

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) روزىنىڭ پەزىلىتى ۋە روزىنىڭ روزا تۇتقۇچىلارنى دۇنيادا ئېزىپ كېتىشتىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن ساقلايدىغانلىقى.

2) روزىنىڭ ئەدەپلىرى: بولمىغۇر ناشايان سۆزلەرنى قىلماسلىق. باشقىلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ يامان مۇئامىلىسىگە قارىتا چىرايلىق مۇئامىلىدە بولۇش ۋە كەڭ قورساق بولۇش لازىملىقى.

3) روزىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدىغانلىقى ۋە روزا تۇتقۇچىنى خۇشال قىلىدىغانلىقى.

1216. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ أَنْفَقَ زَوْجَين في سَبِيلِ اللَّهِ نُودِيَ مِنْ أَبْواب الجَنَّةِ: يَا عَبْدَ اللَّهِ هذا خَيْرٌ، فَمَنْ كَان مِنْ أَهْلِ الصَلاةِ دُعِي منْ باب الصَّلاةِ، ومَنْ كانَ مِنْ أَهْلِ الجِهَادِ دُعِي مِنْ باب الجِهَادِ، ومَنْ كَانَ مِنْ أَهْل الصِّيامِ دُعِيَ مِنْ باب الرَّيَّانِ ومنْ كَانَ مِنْ أَهْل الصَّدقَة دُعِي مِنْ باب الصَّدقَةِ » « كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا قوشلاپ-قوشلاپ نەرسە بېرىدىكەن. ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ ھەربىر ئىشىك باقارى: ‹ئى ئاللاھنىڭ بەندىسى، بۇ ئىشىك ياخشىدۇر›، دەيدۇ. ئۇ ناماز ئەھلىدىن بولسا ناماز ئىشكىدىن چاقىرىلىدۇ، ئۇ جىھاد ئەھلىدىن بولسا جىھاد ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ، ئۇ روزا ئەھلىدىن بولسا رەييان ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ. ئۇ سەدىقە ئەھلىدىن بولسا سەدىقە ئىشىكىدىن چاقىرىلىدۇ » ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: « ئى رەسۇلۇللاھ ساڭا ئاتام-ئانام پىدا بولسۇنكى، بىر ئادەم شۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلامدۇ؟ كىشىنىڭ شۇ ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدىن چاقىرىلىشىنىڭ زۆرۈرىيتى يوققۇ؟»، دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « نَعَم وَأَرْجُو أَنْ تكُونَ مِنهم » « شۇنداق، ئۇلار چاقىرىلىدۇ. سېنىڭ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن » ، دېگەن.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدا ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تېپىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ جەننەتنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىدىن چاقىرىلىدىغانلىقى.

2) قارشى تەرەپ مەغرۇرلىنىشتىن ساقلىنالايدىغانلا بولسا ئۇنى يۈز تۇرانە ماختاشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

1217. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِنَّ فِي الجَنَّة باباً يُقَالُ لَهُ: الرَّيَّانُ، يدْخُلُ مِنْهُ الصَّائمونَ يومَ القِيامةِ، لا يدخلُ مِنْه أَحدٌ غَيرهُم، يقالُ: أَينَ الصَّائمُونَ؟ فَيقومونَ لا يدخلُ مِنهُ أَحَدٌ غيرهم، فإِذا دَخَلوا أُغلِقَ فَلَم يدخلْ مِنْهُ أَحَدٌ » « جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟ دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا بىرى كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولغاندا ئىشىك تاقىلىپ باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: روزا تۇتقۇچىلارنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەتتە ھەممە كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى.

1218. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَا مِنْ عبْدٍ يصُومُ يَوماً في سبِيلِ اللَّه إِلاَّ باعَدَ اللَّه بِذلك اليَومِ وجهَهُ عَن النَّارِ سبعينَ خرِيفاً » « ھەرقانداق بىر بەندە ئاللاھ تائالا يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا، شۇ بىر كۈننىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ ئادەمنى ئاللاھ تائالا دوزاختىن 70 يىللىق يىراق قىلىدۇ ». ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بىركۈن بولسىمۇ روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە روزىنىڭ دوزاختىن ساقلاپ قالىدىغانلىقى.

1219. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ صَامَ رَمَضَانَ إِيمَاناً واحْتِساباً، غُفِرَ لَهُ ما تَقَدَّمَ مِنْ ذنْبِهِ » « كىمكى رامىزاننى چىن دىلىدىن ئىشىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە ساۋابىنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن تۇتسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانى دەپ خالىس تۇتقان روزىنىڭ ساۋابى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئالاقىدار كىچىك گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقى.

1220. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا جَاءَ رَمَضَانُ، فُتِّحَتْ أَبْوَابُ الجنَّةِ، وغُلِّقَت أَبْوَابُ النَّارِ، وصُفِّدتِ الشياطِينُ » « رامزان ئېيى كىرگەندە جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە: رامزان ئېيىنىڭ ھۆرمەتلىك ئاي ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن، ھەمدە روزا تۇتقۇچىلارغا بۇ مۇبارەك ئاينىڭ ئىبادەت ۋە ياخشىلىقنىڭ مەزگىلى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

1221. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « صُومُوا لِرُؤْيَتِهِ، وَأَفْطِرُوا لِرُؤيَتِهِ، فإِن غُمَّ عَليكم، فَأَكْمِلُوا عِدَّةَ شَعْبانَ ثَلاثينَ » « ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ قالسا شەئبان ئېيىنى 30 كۈنگە توشقۇزۇڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: رامزان تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىش كۈنلىرىنى ئېنىق بەلگىلەش ئۈچۈن شەئبان ئېيىنىڭ ۋە رامزان ئېيىنىڭ 29- كۈنى كۈن پاتقاندا يېڭى ئاينى كۆرۈشكە تىرىشىش مۇسۇلمانلارغا پەرز كۇپايە ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ