218. باب رامزان ئېيىدا كەڭ قول بولۇش، ياخشىلىق قىلىش، بولۇپمۇ ئاخىرقى ئون كۈندە ياخشىلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ قىلىش توغرىسىدا
1222. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى بەك كەڭ ئىدى. بولۇپمۇ رامزان ئېيىدا جبرىئىل بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رامزاندا ھەر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭغا « قۇرئان كەرىم » دىن تەلىم بېرەتتى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان چاغلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيرلىك ئىشلاردا يامغۇرلۇق بۇلۇتنى ئېلىپ كەلگەن شامالدىنمۇ تېز ۋە ئومۇمىي ئىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىپ رامزاندا كەڭ قول بولۇشنىڭ ۋە «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇش، تەلىم ئېلىش ۋە تەلىم بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
ئىمامى شافىئى ئېيتىدۇ: «روزا تۇتقۇچى كىشىنىڭ رامزان ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش يۈزىسىدىن تېخىمۇ ساخاۋەتلىك بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن».
1223. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى كىرسە، كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويغىتاتتى. ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بىلىنى چىڭ باغلايتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: رامزان ئېيىدا ئىبادەت ئىشلىرىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋە ئاخىرقى ئون كۈنىدە قەدىر كېچىسىنى ئىزدەش.