219. باب شەئــبانـنىڭ ئون بەشىــدىن كېــيىن، رامزاندىن ئىلگىرى روزا تۇتماسلىق، تۇتۇپ كېلىۋاتقان روزىسىغا توغرا كېلىپ قېلىش ياكى بۇرۇندىن روزا تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئادىتىگە توغرا كېلىپ قېلىشنىڭ بۇنىڭغا كىرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا
1224. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يتَقَدَّمَنَّ أَحَدُكمْ رَمَضَانَ بِصَومِ يومٍ أَوْ يومَيْنِ، إِلاَّ أَن يَكونَ رَجُلٌ كَانَ يصُومُ صَوْمَهُ، فَلْيَصُمْ ذلكَ اليوْمَ » « رامزاندىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتماڭلار، ئەمما ھەر ئاينىڭ باش ئاخىرىدا روزا تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر ئادەم بولسا شۇ كۈندىكى روزىسىنى تۇتسا بولىدۇ » ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن كىشىنىڭ رامىزاندىن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن ۋە شەئىباننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا روزا تۇتۇشىغا بولمايدىغانلىقى.
2) ئىبادەتلەرنى ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى.
1225. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَصُومُوا قَبْلَ رَمَضَانَ، صُومُوا لِرُؤْيتِهِ، وَأَفْطِرُوا لِرُؤْيَتِهِ، فَإِنْ حالَتْ دُونَهُ غَيَايةٌ فأَكْمِلوا ثَلاثِينَ يوماً » « رامزان كىرىشتىن ئاۋۋال روزا تۇتماڭلار، ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ئەگەر ئاي بۇلۇتلۇق بولۇپ، يېڭى ئاينى كۆرگىلى بولمىسا شەئبان ئېيىنى 30 قىلىڭلار » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شەئبان ئېيىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەنلىكى.
2) ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇش ۋە ئاي كۆرۈپ ئېغىز ئېچىش كېرەكلىكى، ئەگەر ئاي كۆرەلمىسە شەئبان ئېيىدىن 30 كۈن ئۆتكۈزىۋېتىپ روزا باشلاش ۋە رامزاننى تولۇقلاپ 30 كۈن تۇتۇپ ئېغىز ئېچىش كېرەكلىكى.
1226. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا بَقِيَ نِصْفٌ مِنْ شَعْبانَ فَلا تَصُومُوا » « شەئبان ئېيى يېرىملاشقاندىن كېيىن روزا تۇتماڭلار » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1227. ئەممار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كىمكى شەك كۈنى روزا تۇتىدىكەن ئۇبۇلقاسىمغا (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1226~1227): شەك كۈنى ياكى شەئبان ئېيىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەنلىكى.