رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

220. باب يېڭى ئاينى كۆرگەندە نېمە دېيىش توغرىسىدا

1228. تەلھە ئىبن ئۇبەيدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاينى كۆرگەندە مۇنداق دەيتتى: « اللَّهُمَّ أَهِلَّهُ علَيْنَا بِالأَمْنِ والإِيمَانِ، وَالسَّلامَةِ والإِسْلامِ، رَبِّي ورَبُّكَ اللَّه، هِلالُ رُشْدٍ وخَيْرٍ » « ئى ئاللاھ! بۇ ئاينى بىزگە ئامانلىق ۋە سالامەتلىك، ئىمان ۋە ئىسلام ئېيى قىلىپ بەرگىن، ئى ئاي! سېنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئاللاھتۇر. بۇ ئاي ھىدايەت ۋە ياخشىلىقنىڭ ئېيى بولغاي » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يېڭى ئاي كۆرگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان يۇقىرىقى دۇئانى قىلىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ