221. باب سوھورلۇق يېيىشنىڭ ۋە تاڭ يورۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىمىسىلا سوھورلۇق يېيىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
1229. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « تَسَحَّرُوا فَإِنَّ في السُّحُورِ بَركَةً » « سوھۇرلۇق يەڭلار. چۈنكى سوھورلۇقتا بەرىكەت بار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) روزا تۇتقۇچىنىڭ سوھۇرلۇق يېيىشى سۈننەت بولۇپ، بۇ ئازغىنا تاماق بىلەن، ھەتتا بىر يۇتۇم سۇ بىلەن بولسىمۇ ئورۇنلىنىدۇ.
2) سۇھۇرلۇقتىكى بەرىكەتنىڭ سەۋەبى سۇھۇرلۇق روزا تۇتقۇچىغا كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلاپ ئۇنى تېتىكلەشتۈرىدىغانلىقى ۋە روزىنى ئۇنىڭغا ئاسان قىلىدىغانلىقى.
1230. زەيد ئىبن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سوھۇرلۇق يەپ بولۇپ ناماز بامداتقا تۇراتتۇق، دېۋىدى، سوھورلۇق بىلەن نامازنىڭ ئارىلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتەتتى؟ دەپ سورالغاندا، زەيىد: ئەللىك ئايەتنى ئوقۇغۇدەك ۋاقىت ئۆتەتتى، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سۇھۇرنى تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن يېيىش كېرەكلىكى، سوھۇر يەپ توختىغان ۋاقىت بىلەن بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىشنىڭ ئارىلىقىدا ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەس، ئوتتۇرىھال ئايەتلەردىن 50 ئايەتنى تېزمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس، ئوتتۇرىھال ئوقۇغانچىلىك ۋاقىتنىڭ بولۇشى كېرەكلىكى.
1231. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلال ۋە ئابدۇللاھ ئىبن ئۇممۇ مەكتۇمتىن ئىبارەت ئىككى مۇئەززىنى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إِنَّ بلالاً يُؤَذِّنُ بِلَيْلٍ، فَكُلُوا وَاشْرَبُوا حتَّى يُؤَذِّنَ ابْنُ أُمِّ مَكْتُومٍ » « بىلال تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئەزان ئېيتىدۇ، ئىبن ئۇممۇ مەكتۇم ئەزان ئېيتقۇچىلىك سوھورلۇق يەڭلار »، د ېدى. ئىبن ئۇمەر مۇنداق دېدى: ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدا پەقەت بىرى پەشتاقتىن چۈشۈپ، يەنە بىرى پەشتاققا چىققۇچىلىك ۋاقىت بار ئىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بامدات نامىزىغا ئىككى مۇئەززىن بولۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) نامازغا تەييارلىنىش ئۈچۈن بامدات ناماز ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئەزان ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
3) تاڭ ئېتىپ قېلشتىن ئەنسىرىمىسە سوھورلۇقنى كەينىگە تارتىپراق يېيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « لَايَزَالُ النَّاسُ بِخَيْرٍ مَاعجِلُوا الْفطرَ » «كىشىلەر مادامىكى ئىپتارنى بالدۇر قىلىدىكەن، ئۇلار مېنىڭ سۈننىتىم بويىچە ئىش قىلغان بولىدۇ»، دېگەندەك ھەدىسلىرى بار بولۇپ، سوھۇرلۇقنى كىچىكتۈرۈش تەقۋالىققا ئەڭ يېقىن تۇرىدۇ. ئەگەر تاڭ ئېتىپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە سوھورلۇقنى كېچىكتۈرمەسلىك ئەۋزەلدۇر.
1232. ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « فَضْلُ ما بيْنَ صِيَامِنَا وَصِيامِ أَهْل الكتاب أَكْلَةُ السَّحَرِ » « سوھورلۇق يېيىش ئەھلى كىتابنىڭ روزىسى بىلەن بىزنىڭ روزىمىز ئارىسىدىكى بىردىنبىر پەرقتۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سوھورلۇق يېيىش ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ سوھورلۇق ئارقىلىق ئىسلام ئۈممىتىگە رەھمەت قىلىپ، كۆيۈنگەنلىكى ۋە باشقىلاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقى.