222. باب بالدۇر ئىپتار قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە نېمە بىلەن ئېغىز ئېچىش ۋە نېمە دېيىش توغرىسىدا
1233. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَزالُ النَّاسُ بخَيْرٍ مَا عَجلوا الفِطْرَ » « كىشىلەر مادامىكى ئىپتارنى بالدۇر قىلىدىكەن، ئۇلار مېنىڭ سۈننىتىم بويىچە ئىش قىلغان بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كۈننىڭ كىرىپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن ئېغىز ئېچىشقا ئالدىراشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) ئىپتارنى بالدۇر قىلىشتىكى ھېكمەت شۇكى، روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ ئىبادەتكە مەدەت بولىدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلىش يۈزىسىدىن ئىپتارنى بالدۇر قىلىپ، سوھورلۇقنى كېچىكتۈرۈپ قىلىش بەزىلەرنىڭ بۇ جەھەتلەردە ئېغىز ئېچىش ۋاقتىنى سوزۇۋېتىپ كىشىلەرگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر.
1234. ئەبۇ ئەتىييە دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن مەسرۇق بىلەن بىللە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرگەنىدۇق. مەسرۇق ئائىشەگە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككىسى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا بىر-بىرىدىن كەم ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى شامنى بالدۇرراق ئوقۇيتتى ۋە ئىپتارنى بالدۇرراق قىلاتتى. يەنە بىرى بولسا ئالدىرىمايتتى، دېدى. ئائىشە: شام بىلەن ئىپتارغا ئالدىرايدىغىنى كىم ئىدى؟ دېۋىدى مەسرۇق: ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد، دېدى. ئائىشە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلاتتى، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ناماز شامغا ۋە ئېغىز ئېچىشقا ئالدىرىشىدەك ئەمەلى كۆرسەتمىسى بايان قىلىنغان.
1235. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قال اللَّه عَزَّ وَجَلَّ: أَحَبُّ عِبَادِي إِليَّ أَعْجَلُهُمْ فِطْراً » « ئاللاھ ئېيتىدۇ: ‹بەندىلىرىمنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئۇلارنىڭ ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىرىدۇر› » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىمكى كۈن كىرىپ كەتكەندىن كېيىنلا ئېغىز ئېچىشقا ئالدىراشتەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشكە ھېرىس بولسا، ئالاھ تائالانىڭ مۇھەببىتى ۋە رازىلىقىغا ئىرىشىدىغانلىقى.
1236. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا أَقْبَلَ اللَّيْلُ مِنْ ههُنَا وأَدْبَرَ النَّهَارُ مِنْ ههُنا، وغَرَبتِ الشَّمسُ، فَقَدْ أَفْطَرَ الصائمُ » « كېچە كىرىپ كۈندۈز كەتكەندە، كۈن پاتقاندا روزىدار ئادەم ئىپتار قىلسا بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1237. ئەبۇ ئىبراھىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سەپەرگە چىقتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىدار ئىدى. كۈن ئولتۇرۇشىغىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىگە: « يَا فُلانُ انْزلْ فَاجْدحْ لَنا » « ھەي پالانچى چۈشكىن، بىزگە تالقان چېلىپ بەرگىن » ، دېدى. ئۇ كىشى: ئى ئاللاھنىڭ بەيغەمبىرى تېخى كەچ كىرمىدىغۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « انْزِلْ فَاجْدَحْ لَنَا » « چۈشكىن، بىزگە تالقاننى چېلىپ بەرگىن » ، دېدى. ئۇ كىشى: تېخى كۈندۈز تۇرىدىغۇ؟ دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « انْزِلْ فَاجْدَحْ لَنَا » « چۈشكىن، بىزگە تالقاننى چېلىپ بەرگىن »، د ېدى. ئۇ كىشى چۈشۈپ تالقاننى چېلىپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چېلىپ بەرگەن تالقاننى ئىچىپ بولۇپ: « إِذا رَأَيْتُمُ اللَّيْلَ قَدْ أَقْبَلَ مِنْ ههُنَا، فَقَدْ أَفْطَرَ الصَائمُ » « كەچ كىرسىلا، روزى تۇتقان ئادەم ئىپتار قىلسا بولىدۇ »، د ەپ قولى بىلەن شەرق تەرەپنى كۆرسەتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1238. سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذَا أَفْطَرَ أَحَدُكُمْ، فَلْيُفْطِرْ عَلى تَمْرٍ، فَإِنْ لَمْ يَجدْ، فَلْيُفْطِرْ على مَاءٍ فَإِنَّه طَهُورٌ » « سىلەردىن بىرەرسىڭلار ئىپتار قىلماقچى بولسا خورما بىلەن ئېغىز ئاچسۇن، ئەگەر خورما تاپالمىسا سۇ بىلەن ئېغىز ئاچسۇن، چۈنكى سۇ پاكتۇر »
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1239. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز شامنى ئوقۇشتىن بۇرۇن بىر نەچچە تال ھۆل خورما بىلەن ئېغىز ئاچاتتى. ھۆل خورما تېپىلمىسا بىر نەچچە تال قۇرۇق خورما بىلەن، ئەگەر ئۇمۇ تېپىلمىسا سۇ بىلەن ئېغىز ئاچاتتى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1236~1239): ئىپتارنى ھۆل خورما بىلەن قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئەگەر ھۆل خورما بولمىسا قۇرۇق خورمىدا قىلىش ئەگەر خورما بولمىسا سۇدا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرىقى تەرتىپكە رىئايە قىلىش كېرەكلىكى. ھۆل خورما ياكى قۇرۇق خورمىدا ئىپتار قىلىشتىكى ھېكمەت: ئۇلار ئاشقازاندىكى قالدۇق نەرسىلەرنى تازىلايدۇ. ئۇ ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنىڭ تولىسىنىڭ تېپىلىدىغانلىقى، بۇ بويىچە قىلسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە ئىش قىلغان بولىدىغانلىقى.