رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

223. باب روزىدار ئادەمنىڭ تىلىنى ۋە باشقا ئەزالىرىنى يامان ئىشلاردىن ۋە تىللىشىشتىن ساقلاشقا ئەمر قىلىش توغرىسىدا

1240. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا كَانَ يَوْمُ صَوْمِ أَحدِكُمْ، فَلا يَرْفُثْ وَلا يَصْخَبْ، فَإِنْ سَابَّهُ أَحَدٌ، أَوْ قاتَلَهُ، فَلْيَقُلْ: إِنِّي صائمٌ » « سىلەردىن بىرەرسىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۈتۈرمىسۇن، ئەگەر بىر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشسا، مەن روزىدارمەن دېسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تاشقى ئەزالىرىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلاش، تىلنى بولمىغۇر، بىھۇدە يالغان سۆزلەردىن غەيۋەت، چېقىمچىلىقتىن ۋە جېدەللىشىشتىن ساقلاش كېرەكلىكى.

2) ئاللاھ تائالانى ئەسلەش ۋە «قۇرئان كەرىم» ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولۇش كېرەكلىكى.

1241. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ لَمْ يَدعْ قَوْلَ الزُّورِ والعمَلَ بِهِ فلَيْسَ للَّهِ حَاجةٌ في أَنْ يَدَعَ طَعامَهُ وشَرَابهُ » « كىمكى روزىدار تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ تاماق يېمەي، سۇ ئىچمەي، تۇتقان روزىسىغا ئاللاھ تائالا مۇھتاج ئەمەس » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) روزا تۇتۇپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى توختاتمىسا روزىنىڭ ئەجرى بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى.

2) روزا دېگەنلىك يېيىش-ئىچىش، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ھەمدە غەيۋەت، يالغانچىلىق، يامان سۆز ۋە ئەخلاقسىزلىققا ئوخشاش ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلاش دېگەنلىكتۇر.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ