رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

224. باب روزىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا

1242. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا نَسِيَ أَحَدُكُم، فَأَكَلَ أَوْ شَرِبَ، فَلْيتِمَّ صَوْمَهُ، فَإِنَّمَا أَطْعَمَهُ اللَّه وَسَقَاهُ » « روزىدار ئادەم ئېسىدە يوق بىر نەرسە يەپ ۋە ئىچىپ سالسا روزىنى بۇزماي تۇتۇۋەرسۇن. چۈنكى، ئۇنى ئاللاھ تائالا يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن بولىدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەگەر روزا تۇتقۇچى مەيلى پەرز روزىدا بولسۇن ۋە ياكى نەفلى روزىدا بولسۇن ئۇنتۇپ قېلىپ بىرنەرسە يەپ سالسا ياكى ئىچىپ قالسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ. ھەدىستىن بۇنداق قىلغان كىشىگە روزىسىنىڭ قازاسى ۋە ياكى كاففارات كەلمەيديغانلىقى ئېنىق چىقىپ تۇرۇپتۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَنْ اَفْطَرَ فِي رَمضَانَ نَاسِيًا فَلَا قَضَاءَ عَلَيْهِ وَلَا كَفَّارَةَ » «كىمكى رامزاندا ئۇنتۇپ قېلىپ ئېغىز ئېچىپ قالسا قازاسىنى قىلمايدۇ ۋە كەففارەتمۇ بەرمەيدۇ»، دېگەن.

2) بۇ ھۆكۈم يېمەك-ئىچمەككىلا ئەمەس، بارلىق روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەدىستە پەقەت كۆپ ھاللاردا يۈز بېرىدىغان ھالەتنى كۆزدە تۇتۇپ، يېمەك-ئىچمەكلا تىلغا ئېلىنغان، روزىنى بۇزغۇچى ئىشلار قەستەن بولمىسىلا، ئاز ياكى كۆپ بولۇشىنىڭ ھۆكمى ئوخشاشلا.

1243. لەقىيت ئىبن سەۋرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ ماڭا تاھارەت ئېلىشنى دەپ بەرسەڭ، دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَسْبِغِ الْوضُوءَ، وَخَلِّلْ بَيْن الأَصَابِعِ، وَبَالَغْ في الاسْتِنْشَاقِ، إِلاَّ أَنْ تكُونَ صَائماً » « تاھارەتنى كامىل ئالغىن، بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىنى يۇغىن، روزىدار بولمىساڭلا ئېغىز-بۇرنۇڭغا ئوبدان سۇ ئالغىن »، د ېدى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) روزا تۇتمىغان ھالەتتە ئېغىز-بۇرۇننى كۈچەپ چايقاش.

2) روزا تۇتقاندا سۇ ئىچىگە كىرىپ روزىسىنى سۇندۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئېغىز-بۇرۇننى يېنىك چايقاش.

1244، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولۇپ جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالاتتى. بۇ چاغدا غۇسلى قىلىۋېتىپ روزىسىنى تۇتۇۋېرەتتى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1245. ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپلۇق ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالسا، روزىسىنى تۇتۇۋېرەتتى. جۇنۇپلۇق ئېھتىلام بولغانلىقتىن ئەمەس، ئاياللىرى بىلەن بىريەردە بولغانلىقتىن ئىدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1244~1245): مەيلى ئەر-ئايال بىريەردە بولۇشتىن، مەيلى ئېھتىلام بولۇشتىن بولسۇن، تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن جۇنۇپ بولۇپ قېلىشنىڭ روزىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بىردەكلىكىگە ئىگە.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ