225. باب مۇھەررەم، شەئبان ۋە ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا (زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ ئايلىرى) روزى تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
1246. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَفْضَلُ الصِّيَامِ بعْدَ رَمضَانَ: شَهْرُ اللَّهِ المحرَّمُ، وَأَفْضَلُ الصَّلاةِ بَعْد الفَرِيضَةِ: صَلاةُ اللَّيْلِ » « رامزاندىن قالسىلا روزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى مۇھەررەم ئېيىدا تۇتۇلغان روزىدۇر. پەرز نامازدىن قالسىلا ئەڭ ئەۋزەل ناماز تەھەججۇد نامىزىدۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇھەررەم ئېيىدىكى روزىنىڭ پەزىلىتى.
1247. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا ئايلاردا شەئبان ئېيىدىكىدەك كۆپ روزا تۇتمايتتى. ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شەئبان ئېيىنىڭ كۆپ كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: شەئبان ئېيىنىڭ ئاز بىر قىسمىدىلا روزا تۇتمايتتى، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) شەئبان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئايدا كۆپ روزا تۇتىدىغانلىقى، بۇنداق قىلىشنىڭ رامزان ئېيىغا تولۇق تەييارلىق قىلىش ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئايدا ئەمەللەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا كۆتۈرۈلىدىغانلىقى. نەسەئى ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ئۇسامە ئېنىق ئېيتىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھقا: «ئى رەسۇلۇللاھ سېنىڭ باشقا ئايلاردا شەئباندا روزا تۇتقاندەك روزا تۇتقىنىڭنى كۆرمىدىمغۇ؟»، دېگەنىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شەئبان ئېيى رەجەپ ئېيى بىلەن رامزان ئېيى ئارىسىدا كىلىدىغان ئاي بولۇپ، كىشىلەر بۇ ئايدا غەپلەتتە قالىدۇ، شەئبان ئېيىدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئەمەللەر كۆتۈرۈلىدۇ، مەن ئەمىلىمنىڭ مەن روزىدار ھالدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلۈشىنى ياقتۇرىمەن»، دېگەن.
2) روزا تۇتۇپ ئادەتلەنمىگەن كىشىلەرنىڭ شەئبان ئېيىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا روزا تۇتماسلىقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
1248. مۇجىيبە باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇنىڭ دادىسى (ساھابە ئابدۇللاھ ئىبن ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ياكى تاغىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. ئاندىن قايتىپ كېتىپ بىر يىلدىن كېيىن يەنە كەلدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇرۇنقى تۇرقى ۋە رەڭگىرويى ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ: ئى رەسۇلۇللاھ، مېنى تونۇمىدىڭمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « وَمَنْ أَنتَ؟ » « سەن كىم؟»، دېۋىدى، ئۇ كىشى: مەن ئۆتكەن يىلى ھۇزۇرۇڭغا كەلگەن باھىلىلىق بولىمەن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « فَمَا غَيَّرَكَ، وقَدْ كُنتَ حَسَنَ الهَيئةِ؟ » « نېمە سېنى بۇنچە ئۆزگەرتىۋەتتى، رەڭگىرويىڭ چىرايلىق ئىدىغۇ؟»، دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: مەن سەندىن ئايرىلغاندىن بىرى پەقەت كىچىسىلا تاماق يەۋاتىمەن (يەنى روزىدارمەن)، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « عَذّبْتَ نَفسَكَ، صُمْ شَهرَ الصَّبرِ، ويوماً مِنْ كلِّ شَهر » « جېنىڭنى قىيناپسەن، رامزان ئېيىدا بىر ئاي ۋە رامزاندىن باشقا ھەر ئايدا بىر كۈن روزا تۇت »، د ېۋىدى، ئۇ ئادەم: مېنى كۆپرەك تۇتۇشقا بۇيرۇغىن، چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم يېتىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « صُمْ يَوميْنِ » « ئۇنداق بولسا ھەر ئايدا ئىككى كۈن روزا تۇت »، د ېدى. ئۇ ئادەم: مېنى يەنىمۇ كۆپرەك تۇتۇشقا بۇيرۇغىن، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « صُمْ ثلاثَةَ أَيَّامٍ » « ئۈچ كۈن روزا تۇتقىن »، د ېۋىدى، ئۇ ئادەم: يەنىمۇ كۆپرەك بۇيرۇغىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « صُمْ مِنَ الحُرُمِ وَاتْرُكْ، صُمْ مِنَ الحرُم وَاترُكْ، صُمْ مِنَ الحرُمِ وَاتْرُكُ » « ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇپ، ئاندىن تەرك ئەت. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇپ، ئاندىن تەرك ئەت. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇپ، ئاندىن تەرك ئەت » ، دېدى ۋە ئۈچ بارمىقىنى جۈپلەپ كۆرسىتىپ ئاندىن قويۇۋەتتى.
― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.