226. باب زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋالقى ئونىدا روزا تۇتۇش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
1249. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ما مِنْ أَيامٍ العَمَلُ الصَّالحُ فِيها أَحَبُّ إِلى اللَّهِ مِنْ هذِهِ الأَيَّامِ » « ئاللاھ تائالا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلغان ياخشى ئەمەللەرنى باشقا كۈندە قىلغان ئەمەللەرگە قارىغاندا ئەڭ ياقتۇرىدۇ » ، دېۋىدى، ساھابىلەر: « ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ولا الجهادُ في سبِيلِ اللَّهِ، إِلاَّ رَجُلٌ خَرجَ بِنَفْسِهِ، وَمَالِهِ فَلَم يَرجِعْ منْ ذلك بِشَيءٍ » « ئاللاھ يولىدىكى جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، پەقەت جېنى، مېلى بىلەن جىھادقا چىقىپ، سالامەت-قايتىپ كەلمەي شەھىد بولۇپ كەتكەن كىشىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر » ، دېدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ باشقا ئايلاردا قىلغان ئەمەللەردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى. چۈنكى، بۇ مەزگىل ھەج پائالىيەت مەزگىلى، ئاللاھ تائالا: ﴿وَالْفَجْرِ﴾ ﴿وَلَيَالٍ عَشْرٍ﴾ سۈبھى بىلەن، زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى بىلەن دەپ قەسەم قىلغان ئۇلۇغ كۈنلەر ئىكەنلىكى.