رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

227. باب ئەرافات كۈنى ۋە مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

1250. ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەراپات كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرۇلۇق سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « يكفِّرُ السَّنَةَ المَاضِيةَ وَالبَاقِيَةَ » « ئەراپات كۈنىدە روزا تۇتۇش ئۆتكەن يىلى ۋە كېلىدىغان يىلدىكى گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەج قىلىۋاتمىغان كىشىنىڭ ئەراپات كۈنىسى روزا تۇتۇشى ياخشى ئىكەنلىكى، ھەج قىلىۋاتقان كىشى ئەرافات كۈنىدە روزا تۇتسا تەلبىيە ئېيتىش، زىكىر ۋە دۇئالاردا جانلىق بولالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

1251. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتاتتى ۋە باشقىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيراتتى (مۇھەررەمنىڭ 10- كۈنى). ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش ياخشى ئىشنى قىلىشقا تەكىتلەش يۈزىسىدىن بولغان.

1252. ئەبۇ قاتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاشۇرا كۈنى (مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10- كۈنى) روزا تۇتۇش توغرۇلۇق سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « يُكَفِّرُ السَّنَةَ المَاضِيَةَ » « ئۆتكەن يىلقى گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1253. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَئِنْ بَقِيتُ إِلى قَابِلٍ لأصُومَنَّ التَّاسِعَ » « ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئامان بولسام چوقۇم مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1252~1253): بۇ ھەدىستە مۇھەررەم ئېيىنىڭ 9-، 10- كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا ئۈندەلگەن. 9- كۈنىنى قوشۇپ روزا تۇتۇشتىكى ھېكمەت: 10- كۈنىدىلا روزا تۇتىدىغان يەھۇدىيلارغا ئوخشاپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ