228. باب شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا
1254. ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ صَامَ رَمَضانَ ثُمَّ أَتَبَعَهُ سِتًّا مِنْ شَوَّالٍ كانَ كصِيَامِ الدَّهْرِ » « كىمكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا ئۆمۈر بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىمكى رامزان ئېيىغا ئۇلاپلا شەۋۋال ئېيىدىن ئالتە كۈن روزا تۇتسا خۇددى پۈتۈن بىر ئۆمۈر روزا تۇتقان بىلەن ئوخشاش بولىدىغانلىقى.
2) شەۋۋالدىكى ئالتە كۈن روزىنى ھېيتتىن كېيىنلا ئارقىمۇئارقا تۇتۇش ئەۋزەلدۇر.