رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

230. باب ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا

بۇ ئۈچ كۈن روزىنى ئايدىڭ كېچىلەردە يەنى ئاينىڭ 13-، 14-، 15- كۈنلىرىدە تۇتۇش ئەۋۋزەلدۇر. يەنە بىر رىۋايەتتە ئاينىڭ 12-، 13-، 14- كۈنلىرى دېيىلگەن. توغرا، مەشھۇر رىۋايەت بېشىدا ئېيتىلغىنىدۇر .

1258. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ دوستۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ئۈچ نەرسىنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلار ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ئىككى رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋىتىر ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنىڭ بولۇپمۇ ئايدىڭ كۈنلەردە (ئاسماندىكى ئاينىڭ 13-، 14-، 15- كۈنلىرى) روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى.

1259. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، دوستۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتلا بولىدىكەنمەن ماڭا ئۈچ ئىشنى تەرك قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇلار: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى، چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ۋىتىر ئوقۇماي تۇرۇپ ئۇخلىماسلىقلاردىن ئىبارەت. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1260. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « صوْمُ ثلاثَةِ أَيَّامٍ منْ كلِّ شَهرٍ صوْمُ الدهْرِ كُلِّهُ » « ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش ئۆمۈر بويى روزا تۇتقانغا باراۋەر » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1261. مۇئاز ئەدەۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئائىشەدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتامتى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: « ھەئە، شۇنداق »، د ېدى. ئاندىن مەن: « ئاينىڭ قايسى كۈنلىرى روزا تۇتاتتى؟»، دەپ سورىدىم. ئۇ: « ئاينىڭ قايسى كۈندە تۇتۇشنى تەيىن قىلىۋالمايتتى »، د ېدى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1259~1261): ھەر ئايدىكى ئۈچ كۈنلۈك روزىنى پەقەت بەلگىلىك كۈنلەرگە خاس قىلىۋالماسلىق، لېكىن بېشىدىكى ھەدىستە 13-، 14-، 15- كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

1262. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إِذا صُمْتَ مِنَ الشَّهْرِ ثَلاثاً، فَصُمْ ثَلاثَ عَشْرَةَ، وَأَرْبعَ عَشْرَةَ، وخَمْسَ عَشْرَةَ » « ئەگەر ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتاي دېسەڭ، 13-، 14-، 15- كۈنلىرى روزا تۇتقىن » ، دېدى.

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

1263. قەتادە ئىبن مىلھان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ئاينىڭ ئايدىڭ كېچىلىرى يەنى 13-، 14-، 15-، كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1262~1263): ئاق كۈنلەردە روزا تۇتۇشقا ئۈندەلگەن. بۇ كۈنلەردە ئاي تولۇپ ئايدىڭ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاق كۈن دەپ ئاتالغان.

1264. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى ئۆيىدە بولسۇن مەيلى سەپەردە بولسۇن، ئايدىڭ كېچىلىرى يەنى ئاينىڭ 13-، 14-، 15- كۈنلىرى روزا تۇتماي قالمايتتى. ― نەسەئىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى سەپەردە ياكى ئۆيىدە بولسۇن، ھەمىشە ئاق كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى داۋام قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاق كۈنلەردە روزا تۇتۇش سۈننىتى مۇئەككەدە ھېسابلىنىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ