231. باب روزىــدارنى ئىـپتار قىـلدۇرغان كىشىنىڭ پەزىلىتى، يېنىدا تاماق يېيىلگەن روزا تۇتقۇچىنىڭ پەزىلىتى ۋە تاماق يېگۈچىنىڭ ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا دۇئا قىلىشى توغرىسىدا
1265. زەيد ئىبن خالىد جۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَنْ فَطَّرَ صَائماً، كانَ لَهُ مِثْلُ أَجْرِهِ غَيْرَ أَنَّهُ لا يَنْقُصُ مِنْ أجْر الصَّائمِ شيءٍ » « كىمكى روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرسا روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقۇچىغا بېرىلگەن ساۋابقا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ » . دېگەن. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: (ئىپتارلىق بېرىشنىڭ) ئىپتار قىلدۇرۇشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا تەرغىب قىلىنغان. چۈنكى ئىپتارلىق بېرىش مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇھەببەتنى كۈچەيتىش ۋە يار-يۆلەكتە بولۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.
1266. ئۇممى ئۇمارە ئەنسارىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىغا كىردى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تاماق ئېلىپ كېلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كُلِي » « سەنمۇ يېگىن »، د ېدى. ئۇ ئايال: مەن روزىدار، دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إِنَّ الصَّائمَ تُصلِّي عَلَيْهِ المَلائِكَةُ إِذا أُكِلَ عِنْدَهُ حتَّى يَفْرَغُوا » « روزىدارنىڭ يېنىدا تاماق يىيىلىۋاتقان بولسا پەرىشتىلەر تاماق يىيىلىپ بولغانغا قەدەر شۇ روزىدارغا مەغفىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ » ، دېدى.
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1267. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئد ئىبن ئۇبادە نىڭكىگە كەلدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا نان ۋە زەيتۇن مېيى كەلتۈردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يېدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَفْطَرَ عِندكُمْ الصَّائمونَ، وأَكَلَ طَعَامَكُمْ الأَبْرَارُ وَصَلَّتْ عَلَيْكُمُ المَلائِكَةُ » « روزا تۇتقۇچىلار سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلاردا ئىپتار قىلدى، تامىقىڭلارنى ياخشىلار يېدى، پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغفىرەت تەلەپ قىلدى »، د ېدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1266~1267): 1) مېھماننى ئادەتتىكى نەرسىلەر بىلەن كۈتۈشمۇ سىخىيلىققا زىت ئەمەسلىكى.
2) باشقىلار بەرگەن ئىپتارلىققا ھەرقانداق كىشىنىڭ قاتناشسا بولىدىغانلىقى، داخىل بولغان روزىدارنىڭ يۇقىرىقى دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشى كېرەكلىكى.