رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

232. باب ئىتىكاپتا ئولتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

1268. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىتىكاپتا ئولتۇراتتى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

1269. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالا قەبزى روھ قىلغانغا قەدەر رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىتىكاپتا ئولتۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىتىكاپتا ئولتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1268~1269): بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش يۈزىسىدىن رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىتىكاپتا ئولتۇرۇشقا ئۈندەلگەن. ئىتىكاپنىڭ ھېكمىتى زېھنىنى يىغىش، قەلبىنى ساپلاشتۇرۇش، تائەت-ئىبادەتكىلا بېرىلىش، پەرىشتىلەرنى دوراش ۋە قەدىر كېچىسىنى تېپىشنىڭ كويىدا بولۇشتىن ئىبارەت.

1270. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر رامزاندا ئون كۈن ئىتىكاپتا ئولتۇراتتى. ۋاپات بولغان يىلى 20 كۈن ئىتىكاپتا ئولتۇردى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ