233. باب ھەجنىڭ پەرز ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلِلّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلاً وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ الله غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ﴾ قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەئبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى بۇنى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن زىيىنى ئۆزىگە) شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 97- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
1271. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بُنِيَ الإسْلامُ عَلَى خَمْسٍ: شَهادَةِ أَنْ لا إله إلا اللَّه وأَنَّ مُحَمَّداً رسولُ اللَّهِ، وإقَامِ الصَّلاةِ وإِيتَاءِ الزَّكَاةِ، وحَجِّ البيْتِ، وصَوْمِ رَمَضَانَ » « ئىسلام بەش نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇ بولسا ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەرھەق پەيغەمبىرى دەپ كەلىمە شاھادەت ئېيتىشتىن، پەرز نامازلارنى ئادا قىلىشتىن، زاكات بېرىشتىن، ھەج قىلىشتىن، رامزان روزىسى تۇتۇشتىن ئىبارەت.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەج ئىسلامدىكى بەش ئەركاننىڭ بىرى بولۇپ، ھەجنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ مۇسۇلمان ھېسابلانمايدىغانلىقى.
1272. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە تەبلىغ قىلىپ: « يَا أَيُّهَا النَّاسُ إنَّ اللَّه قَدْ فَرضَ عَلَيْكُمُ الحَجَّ فحُجُّوا » « ئى ئىنسانلار، شۈبھىسىزكى ئاللاھ سىلەرگە ھەجنى پەرز قىلدى، ھەج قىلىڭلار! »، د ېگەنىدى. بىر كىشى: « ئى رەسۇلۇللاھ ھەر يىلى ھەج قىلىمىزمۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىم تۇردى، ھەتتا ئۇ كىشى سوئالنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لَوْ قُلْتُ نَعَمْ لَوجَبت وَلمَا اسـْتَطَعْتُمْ،ذَرُوني ما تركْتُكُمْ، فَإنَّمَا هَلَكَ منْ كانَ قَبْلَكُمْ بكَثْرَةِ سُؤَالهِمْ، وَاخْتِلافِهِم عَلى أَنْبِيائِهمْ، فإذا أَمَرْتُكُمْ بِشَيءٍ فَأْتوا مِنْهُ مَا استطَعْتُم، وَإذا نَهَيتُكُم عَن شَيءٍ فَدعُوهُ » « ئەگەر مەن ھەئە دەۋەتسەم يىلدا ھەج قىلىش پەرزگە ئايلىناتتى، سىلەر بۇنىڭغا قادىر بولالمايتتىڭلار. مەن بىرەر نەرسە ئۈستىدە ئەتەي توختالمىسام، سىلەر بۇ توغرۇلۇق سورىماي قويۇڭلار، سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر پەيغەمبەرلىرىدىن كۆپ سوئال سورىغانلىقلىرى، پەيغەمبەرلىرىنىڭ تەلىماتلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغان، ئەگەر مەن سىلەرنى بىر ئىشنى بۇيرۇسام، ئۇنى قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلىڭلار، مەن سىلەرنى بىرەر ئىشتىن چەكلىسەم، ئۇنى قىلماڭلار »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىسلام دىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈستىگە قۇرۇلغاچقا، ئىنسانغا مۇشەققەت سالىدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلمايدۇ.
2) مۇناسىۋەتسىز سوئاللارنى ۋە ئېنىق جاۋاب بېرىلسە كىشىنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان سوئاللارنى سورىماسلىق.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تَسْأَلُواْ عَنْ أَشْيَاء إِن تُبْدَ لَكُمْ تَسُؤْكُمْ﴾ ئى مۇئمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە ئاشكارا قىلىنسا سىلەرنى بىئارام قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەر توغرۇلۇق (پەيغەمبەردىن) سورىماڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 101-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
3) قادىر بولغان كىشىگە ئۆمرىدە بىر قېتىم ھەج قىلماقنىڭ پەرز ئىكەنلىكى.
1273. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: « قايسى ئەمەل ئەڭ ئەۋزەل؟»، دەپ سورالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إيمانٌ بِاللَّهِ ورَسُولِهِ » « ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش »، د ېدى. « ئاندىن قايسى؟»، دەپ سورالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الجِهَادُ في سَبِيلِ اللَّهِ » « ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش »، د ېدى. « ئاندىن قايسى؟»، دەپ سورالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « حَجٌ مَبرُورٌ » « قوبۇل قىلىنغان ھەج »، د ېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەجنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان ۋە گۇناھتىن يىراق ھالدا ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ھەجنىڭ ئەڭ كۆپ ساۋاب بېرىلىدىغان ئەمەل ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
1274. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم دەيدۇ: « منْ حجَّ فَلَم يرْفُثْ، وَلَم يفْسُقْ، رجَع كَيَومِ ولَدتْهُ أُمُّهُ » « كىمكى خۇدالىق ئۈچۈن ھەجگە بېرىپ، ھەج قىلىش جەريانىدا ھەجدە چەكلەنگەن ئىشلارنى ۋە گۇناھ ئىشلارنى قىلماي ھەجنى تاماملاپ قايتسا، خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك گۇناھلاردىن پاك بولۇپ قايتقان بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەجنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلارنى يۇيۇۋىتىدىغانلىقى، ھەج يۇيۇۋىتىدىغان گۇناھلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئالاقىدار كىچىك گۇناھلار ئىكەنلىكى كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر.
2) ھەجنىڭ گۇناھلارغا كەففارات بولۇشىنىڭ شەرتى ھەجنىڭ قوبۇل قىلىنغان ھەج بولۇشى (قوبۇل قىلىنغان ھەج دېگىنى: گۇناھ ئارىلاشمىغان، جىدەل-ماجىرا تۇغدۇرىدىغان ياكى شەھۋانىي نەپسىنى قوزغايدىغان ئىشلاردىن يىراق ھالدا قىلىنغان ھەج).
3) چوڭ گۇناھلار تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ۋە ھەقلەرنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇش ئارقىلىق يۇيۇلىدىغانلىقى.
1275. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « العُمْرَة إلى العُمْرِة كَفَّارةٌ لما بيْنهُما، والحجُّ المَبرُورُ لَيس لهُ جزَاءٌ إلاَّ الجَنَّةَ » « بىر ئۆمرە ئىككىنچى ئۆمرىگە قەدەر سادىر بولغان گۇناھلارغا كەففارەت بۇلىدۇ، توغرا رەۋىشتە قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى پەقەتلا جەننەتتۇر » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۆمرە ھەجنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. قوبۇل بولغان ھەجنىڭ ساۋابى پەقەت گۇناھلارنىڭ يۇيۇلۇشى بولماستىن، بەلكى جەننەتكە كىرىشكىمۇ سەۋەبچى بولىدۇ.
1276. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ھەممە ئەمەللەرنىڭ ئەۋزىلى دەپ قارايمىز، بىز ئاياللارمۇ جىھاد قىلمايلىمۇ؟»، دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لكِنْ أَفضَلُ الجِهَادِ: حَجٌّ مبرُورٌ » « سىلەر ئۈچۈن جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى توغرا رەۋىشتە قىلىنغان ھەجدۇر » ، دېدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەجنى جىھاد بىلەن ئىپادىلەش ھەجنىڭ ناھايىتى پەزىلەتلىك ۋە ساۋابىنىڭ كاتتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنى ھەج قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
1277. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما مِنْ يَوْمٍ أَكثَرَ مِنْ أنْ يعْتِقَ اللَّه فِيهِ عبْداً مِنَ النَّارِ مِنْ يَوْمِ عَرَفَةَ » « ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ھەر قانداق كۈنگە قارىغاندا ئەرافات كۈنىدە دوزاختىن ئەڭ كۆپ ئازاد قىلىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەرافات كۈنىنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىش. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كۈندە باشقا كۈنلەردىكىدىنمۇ كۆپ كىشىلەرنى دوزاختىن ئازاد قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ كۈندە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بەندىلەرگە تەجەللى بولۇپ پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقى شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىپ بەندىلەرگە رەھىم قىلىدىغانلىقى.
1278. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « عُمرَةٌ في رمَضَانَ تَعدِلُ عَمْرَةً أَوْ حَجَّةً مَعِي » « رامزاندا قىلىنغان ئۆمرەنىڭ ساۋابى ھەجنىڭ ياكى مەن بىلەن بىللە قىلىنغان ھەجنىڭ ساۋابىغا باراۋەر بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: رامزان ئېيىدا ئۆمرە ھەج قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە رامزان روزىسىنىڭ كەئبىنى زىيارەت قىلىشقا ۋە ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشقا زىت ئەمەسلىكى.
1279. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئايال: « ئى رەسۇلۇللاھ، ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بۇيرۇغان ھەج پەرزى ئاتامنىڭ ياشىنىپ قېرىپ قالغان، ئۇلاغ مىنەلمەيدىغان ۋاقىتىغا توغرا كېلىپ قالدى. ئاتام ئۈچۈن مەن ھەج قىلسام بولامدۇ »، د ېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « نعم » « بولىدۇ »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەجنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى.
2) ھەجنى ئۆزى بىۋاسىتە قىلسا كاتتا ساۋاب، ئەجىر بولىدىغانلىقى.
3) ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا پايدىلىق بولغان دۇنيا ۋە دىنىي ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىش كېرەكلىكى.
4) ئۆلۈپ كەتكەن كىشىگە ۋاكالىتەن ھەج قىلىپ قويسا بولىدىغانلىقى.
1280. لەقيىت ئىبن ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئاتام قېرىپ قالدى، ھەج قىلىشقىمۇ، ئۆمرە قىلىشقا، سەپەر قىلىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ»، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « حُجَّ عَنْ أَبِيكَ واعْتمِرْ » « سەن ئاتاڭ ئۈچۈن ھەج ۋە ئۆمرە قىلغىن »، د ېدى.
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قېرى ۋە ساقايماس كېسەل كىشىلەرگە ۋاكالىتەن ھەج ۋە ئۆمرە قىلىپ قويسا بولىدىغانلىقى، ئەمما ئاۋۋال شۇ كىشى ئۆزى ئۈستىدىكى ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان بولۇشى شەرت قىلىنىدىغانلىقى.
كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا مەيلى پەرز ھەج بولسۇن، مەيلى نەفلى ھەج بولسۇن، باشقىلارغا ۋاكالىتەن قىلىنىدىغان ھەج دۇرۇس بولىۋېرىدۇ.
1281. سائىب ئىبن يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېدى: « ھەججەتۇل ۋىدا يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەجگە ئېلىپ بېرىلىپتىمەن. شۇ چاغدا مېنىڭ يەتتە ياش ۋاقتىم ئىكەن » ، دېدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈر بالىنىڭ ھەج قىلىشى دۇرۇس بولۇپ، بۇنداق قىلىش ئۇنى ئىبادەتكە كۆندۈرگەنلىك بولىدىغانلىقى.
1282. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەۋھا دېگەن جايدا بىر كارۋانغا ئۇچراپ قېلىپ: « منِ القَوْمُ؟ » « كىم سىلەر؟»، دەپ سورىدى. ئۇلار: « بىز مۇسۇلمانلار » ، دەپ ئاندىن: « ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « رسولُ اللَّهِ » « ئاللاھنىڭ ئەلچىسى »، د ېۋىدى، بىر ئايال بىر كىچىك بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: « بۇ بالىمۇ ھەج قىلسا بولامدۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « نَعَمْ ولكِ أَجرٌ » « ھەئە، ساڭىمۇ ساۋاب بولىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىچىك بالا ئۈچۈن ھەج پەرز ئەمەس. ئەگەر ھەج قىلغان بولسا بۇ ھەج نەفلى ھەجگە تەۋە بولىدۇ. ئەمما، بالاغەتكە يېتىپ شەرت-شارائىتلىرى ھازىرلانغان چاغدىكى ھەج پەرزى ساقىت بولمايدۇ.
2) كىچىك بالىغا ئۇ قىلغان بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ. گۇناھ يېزىلمايدۇ.
1283. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تۆگە بىلەن ھەج قىلغان، ئۇ تۆگە ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈك-تاقىلىرىنى كۆتۈرىدىغان تۆگە ئىدى (بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەمتەرلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ). ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1284. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇكاز، مىجەننە ۋە زۇلمەجاز دېگەن يەرلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە بازار ئىدى. كېيىن كىشىلەر ئۇ يەرلەردە ھەج مەۋسۇمىدا سودا قىلىشنى گۇناھ دەپ قارىۋىدى، بۇ ئايەت نازىل بولدى: ﴿لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أن تَبْتَغُوا فَضلاً مِن رَبِّكُم﴾ پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۇمىدا تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 198- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1283~1284): ھەج ۋاقتىدا تىجارەت قىلىشنىڭ ھەجنىڭ دۇرۇسلۇقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقى، لېكىن بۇۋاقىتتا تىجارەت قىلماسلىق ئەۋزەل، چۈنكى تىجارەت ئالاھ تائالاغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۈزلىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
1285. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى قايسى ئەمەلدۇر؟ دەپ سورالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إيمانٌ باللَّهِ ورَسولِهِ » « ئۇ ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىش »، د ېدى. ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ سورالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الجهادُ في سبِيلِ اللَّهِ » « ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلىشتۇر » ، دېدى. يەنە ئاندىن قالسىچۇ؟ دەپ سورالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « حَجٌّ مَبُرُورٌ » « توغرا رەۋىشتە قىلىنغا ھەجدۇر »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1286. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئى رەسۇلۇللاھ، قايسى ئەمەل ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۈيۈملۈكتۇر؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الصَّلاةُ عَلى وَقْتِهَا » « ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلغان نامازدۇر »، د ېدى. ئاندىن قالسىچۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بِرُّ الوَالدَيْنِ » « ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتۇر » ، دېدى. مەن: ئاندىن قالسىچۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الجِهَادُ في سَبيلِ اللَّهِ » « ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلىش » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1287. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: قايسى ئەمەل ئەڭ ئەۋزەل؟ دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الإيمَانُ بِاللَّهِ، وَالجِهَادُ في سبِيلِهِ » « ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىش »، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1288. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَغَدْوَةٌ في سبِيلِ اللَّهِ، أوْ رَوْحَةٌ، خَيْرٌ مِن الدُّنْيَا وَمَا فِيها » « ئەتىگەن تەرەپتە ياكى كەچ تەرەپتە ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىش دۇنيادىن ۋە دۇنيادىكى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1290. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رِباطٌ يَوْمٍ في سَبيلِ اللَّهِ خَيْرٌ مِنَ الدُّنْيا وما عَلَيْها، ومَوْضِعُ سَوْطِ أَحَدِكُمْ مِنَ الجنَّةِ خَيْرٌ من الدُّنْيا وما عَلَيْها، والرَّوْحةُ يرُوحُها العبْدُ في سَبيلِ اللَّهِ تَعالى، أوِ الغَدْوَةُ، خَيْرٌ مِنَ الدُّنْياَ وَما عَليْهَا » « ئاللاھ يولىدا بىركۈن چېگرىنى قوغداش دۇنيادىن ۋە دۇنيادىكى نەرسىلەردىن ئارتۇقتۇر. بىرىڭلارغا جەننەتتىن بېرىلىدىغان قامچا چاغلىق جاي دۇنيادىن ۋە دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن ئارتۇقتۇر. بىرەر بەندىنىڭ ئاللاھ يولىدا بىرەر ئەتىگىنى ياكى بىرەر كەچقۇرۇن كۈرەش قىلىشى دۇنيادىن ۋە دۇنيادىكى نەرسىلەردىن ئارتۇقتۇر » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1291. سەلمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم: « رِبَاطُ يَوْمٍ وَلَيْلَةٍ خَيرٌ مِنْ صِيامِ شَهْرٍ و قِيامِهِ، وَإنْ ماتَ فيهِ أجري عليه عمَلُهُ الَّذي كان يَعْمَلُ، وَأُجْرِيَ عَلَيْهِ رِزقُهُ، وأمِنَ الفَتَّانَ » « بىر كېچە-كۈندۈز ئاللاھ يولىدا چېگرىنى قوغداش بىر ئاي كۈندۈزى روزا تۇتۇپ كېچىلىرى ئىبادەت قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. چېگرىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ياخشىلىق ئەمىلى ئۇنىڭ نامە-ئەمالىغا يېزىلىپ تۇرىدۇ ۋە جەننەتتىن رىزقى بېرىلىپ تۇرىدۇ. قەبرە ئازابىدىن ئەمىن بولىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1292. فەزالە ئىبن ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كُلُّ مَيِّتٍ يُخْتَمُ على عَملِهِ إلاَّ المُرابِطَ في سَبيلِ اللَّهِ، فَإنَّهُ يُنَمَّى لهُ عَمَلُهُ إلى يوْمِ القِيامَةِ، ويُؤمَّنُ فِتْنةِ القَبرِ » « بىر بەندە ئۆلسە، ئۇنىڭ نامە-ئەمىلى يېپىلىدۇ. ئەمما، ئاللاھ يولىدا چېگرىنى قوغدىغۇچىنىڭ نامە-ئەمىلى يېپىلماي قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ساۋاب يېزىلىپ تۇرىدۇ ۋە قەبرە ئازابىدىن ئەمىن بولىدۇ » .
― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1293. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: « رباطُ يَوْمٍ في سبيلِ اللَّه خَيْرٌ مِنْ ألْفِ يَوْمٍ فيما سواهُ مِنَ المَنازلِ » « ئاللاھ تائالا يولىدا چېگرىنى بىر كۈن قوغداشنىڭ ساۋابى باشقا جايلارنى قوغداش يولىدىكى مىڭ كۈننىڭ ساۋابىدىن ئارتۇقتۇر » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1300. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ في الجنَّةِ مائَةَ درجةٍ أعدَّهَا اللَّه للمُجَاهِدينَ في سبيلِ اللَّه ما بيْن الدَّرجَتَينِ كما بيْنَ السَّمَاءِ والأَرْضِ » « ئاللاھ تائالا جەننەتتە ئۇنىڭ يولىدا كۈرەش قىلغۇچىلارغا يۈز دەرىجە تەييارلىدى، بىر دەرىجە بىلەن يەنە بىر دەرىجىنىڭ ئارىلىقى ئاسمان-زېمىندەك كېلىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
1303. ئەبۇ ئەبس ئابدۇرراھمان ئىبن جۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما اغْبَرَّتْ قدَما عَبْدٍ في سبيلِ اللَّه فتَمسَّه النَّارُ » « ئاللاھ يولىدا بىرەر بەندىنىڭ ئىككى قەدىمى چاڭ-توزانغا مىلەنسە، ئۇ دوزاخ ئازابىدىن ئەمىن بولىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
1304. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يلجُ النًَّارَ رَجُلٌ بَكَى مِنْ خَشْيةِ اللَّهِ حتَّى يعُودَ اللَّبَن في الضَّرعِ، وَلاَ يَجْتَمِعُ عَلَى عَبْدٍ غُبَارٌ في سبيل اللَّهِ ودخَان جهَنَّم » « سېغىلغان سۈتنىڭ يېلىنىگە قايتىپ كىرىشى يوق گەپ بولغىنىدەك، ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككەن ئادەمنىڭ دوزاخقا كىرىشىمۇ يوق گەپ. ئاللاھ يولىدىكى بەندىنىڭ بەدىنىگە قونغان چاڭ-توزان بىلەن دوزاخ تۈتۈنى بىريەردە جەم بولمايدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1305. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: « عيْنَانِ لا تَمسُّهُمَا النَّارُ: عيْنٌ بكَت مِنْ خَشْيةِ اللَّهِ، وعيْنٌ باتَت تحْرُسُ في سبِيلِ اللَّهِ » « دوزاخقا دۇچار بولمايدىغان ئىككى تۈرلۈك كۆز بولۇپ، ئۇلار ئاللاھتىن قورقۇپ ياش تۆككەن كۆز ۋە ئاللاھ يولىدا چېگرا ساقلىغان كۆزدىن ئىبارەت » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1311. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما أَحدٌ يدْخُلُ الجنَّة يُحِبُّ أنْ يرْجِعَ إلى الدُّنْيَا ولَه ما على الأرْضِ منْ شَيءٍ إلاَّ الشَّهيدُ، يتمَنَّى أنْ يَرْجِع إلى الدُّنْيَا، فَيُقْتَلَ عشْرَ مَرَّاتٍ، لِما يرى مِنَ الكرامةِ » « جەننەتكە كىرگەن ئادەم پۈتكۈل پانىي دۇنيا ئۇنىڭ ئىلكىدە بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنياغا قايتىشنى ياقتۇرمايدۇ. پەقەت شەھىدلا شەھىدنىڭ جەننەتتىكى دەرىجىسىنىڭ كاتتىلىقىدىن پانىي دۇنياغا قايتىپ ئون قېتىم شەھىد بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1312. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يغْفِرُ اللَّه للشَّهيدِ كُلَّ شَيْئٍ إلاَّ الدَّيْنَ » « ئاللاھ تائالا شەھىدنىڭ ھەممە گۇناھىنى مەغفىرەت قىلىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ ئۈستىدە بىراۋنىڭ ھەققى بولسا مۇشۇ گۇناھى مەغفىرەت قىلىنمايدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1316. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن: بىرمۇنچە ئادەملەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ: بىزگە بىرنەچچە ئادەملەرنى قوشۇپ بەرسەڭ، بىزگە « قۇرئان كەرىم » بىلەن « ھەدىس شەرىف » نى ئۆگەتسە، دېدى. ئەنسارىيلاردىن قارىيلار دېيىلىدىغان 70 نەپەر ئادەمنى ئۇلارغا قوشۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تاغام ھەراممۇ بار ئىدى. ئۇلار كېچىسى « قۇرئان كەرىم » ئوقۇيتتى، « قۇرئان كەرىم » نى مۇتالىئە قىلاتتى ۋە ئۆگىنەتتى. كۈندۈزلىرى مەسجىدكە سۇ تۇشۇيتتى. ئۇلار ئوتۇن كېسىپ كېلىپ سېتىپ، ئەھلى سۇففە ۋە كەمبەغەللەرگە يېمەك-ئىچمەك سېتىۋالاتتى. مانا مۇشۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قوشۇپ بەردى. ئۇلار كۆزلىگەن جايغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن يولدا مۇشرىكلار ئۇچراپ قېلىپ ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار شۇ چاغدا: « ئى ئاللاھ، پەيغەمبىرىمىزگە بىزدىن يەتكۈزۈپ قويغىنكى، بىز ساڭا مۇلاقات بولدۇق. سەندىن بىز مەمنۇن بولدۇق، سەنمۇ بىزدىن رازى بولدۇڭ »، د ېدى. مۇشرىكلەردىن بىرسى كېلىپ ئەنەسنىڭ تاغىسى ھەرامنىڭ ئارقا تەرىپىدىن نەيزە سانجىدى، سانجىلغان نەيزە ئالدىدىن تېشىپ چىقتى، ھەرام: « كەئبىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، مەن مۇرادىمغا يەتتىم »، د ېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە مۇنداق دېدى: « إنَّ إخْوانَكم قَد قُتِلُوا وإنهم قالُوا: اللَّهُمَّ بلِّغ عنَّا نبينا أَنَّا قَد لَقِيناكَ فَرضِينَا عنكَ ورضِيتَ عَنَّا » « سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ھەممىسى شەھىد بولدى. ئۇلار شەھىد بولۇش ئالدىدا: ‹ئى ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزگە بىزدىن يەتكۈزگىنكى، بىز ساڭا مۇلاقات بولدۇق. سەندىن بىز مەمنۇن بولدۇق. سەنمۇ بىزدىن رازى بولدۇڭ› ، د ېدى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1317. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ تاغام ئەنەس ئىبن نەزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدر ئۇرۇشىغا قاتنىشالمىغانىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، مەن سەن مۇشرىكلار بىلەن ئېلىپ بارغان تۇنجى ئۇرۇشقا قاتنىشالمىدىم. ئاللاھ تائالا ماڭا مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى نېسىپ قىلسا، مېنىڭ ئۇرۇشتا قانداق قىلىدىغانلىقىمنى چوقۇم كۆرىدۇ »، د ېدى. ئوھۇد ئۇرۇشى كۈنى مۇسۇلمانلار پىتىراپ كەتتى. ئەنەس ئىبن نەزىر: « ئى ئاللاھ، بۇلارنىڭ (ھەمراھلىرىمنىڭ) بۇنداق قىلغانلىقىدىن ساڭا ئۆزرە ئېيتىمەن. شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ (مۇشرىكلارنىڭ) ئىشلىرىدىن چىكارىگاھمەن »، د ېدى. ئاندىن كېيىن ئالدىغا مېڭىپ سەئد ئىبن مۇئازغا ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ « ئى سەئد ئىبن مۇئاز، نەزىرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئوھۇد تەرەپتىن جەننەتنىڭ ھىدىنى ئېلىۋاتىمەن »، د ېدى. سەئد ئىبن مۇئاز: « ئى رەسۇلۇللاھ، مەن ئەنەس ئىبن نەزىرنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىلالمىدىم »، د ېدى. ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: « ئەنەس ئىبن نەزىرنى كېيىن جەڭ مەيدانىدا شەھىد بولغان ھالدا ئۇچراتتۇق. ئۇنىڭ قېلىچ بىلەن چېپىلىپ، نەيزە بىلەن سانجىلىپ، ئوق بىلەن ئېتىلىپ، سەكسەن نەچچە يېرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى كۆردۇق. مۇشرىكلار ئۇنىڭ ئەزالىرىنى، قۇلاق، بۇرۇنلىرىنى كېسىپ تاشلىغانىدى. ئۇنى پەقەت ھەمشىرىسىلا بارماقلىرىدىن تونۇيالىدى. بىز مۇشۇ ئايەتنى ئەنەس ئىبن نەزىر ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاشلار ھەققىدە نازىل بولغان دەپ ئويلىدۇق: ﴿مِنَ المُؤْمِنينَ رِجَالٌ صدقُوا ما عَاهَدوا اللَّه عليْهِ فَمِنْهُمْ منْ قَضَى نَحْبَهُ وَمِنْهُم مَّن يَنتَظِرُ وَمَا بَدَّلُوا تَبْدِيلًا﴾ مۇئمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شەھىد بولدى. بەزىسى (شەھىد بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق » . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاپ 23- ئايەت) ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1318. سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رأَيْتُ اللَّيْلَةَ رجُلين أتَياني، فَصعِدا بي الشَّجرةَ، فَأدْخَلاني دَاراً هِي أحْسنُ وَأَفضَل، لَمْ أَر قَطُّ أَحْسنَ منها، قالا: أَمَّا هذِهِ الدَّار فَدارُ الشهداءِ » « كېچە مەن ئادەم سۈرىتىدە ئىككى پەرىشتىنى كۆردۈم، ئۇلار ئىككىسى كېلىپ مېنى دەرەخكە ئېلىپ چىقتى. ئۇلار مېنى ناھايىتى چىرايلىق، ئىسىل بىر ھويلىغا باشلاپ كىردى. مەن مۇنداق گۈزەل ھويلىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئۇلار ئىككىسى: ‹بۇ ھويلا بولسا شەھىدلەرنىڭ ھويلىسىدۇر » دېدى. (ئۇلار جىبرىئىل بىلەن مىكائىل ئىدى.) ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
1319. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بەرانىڭ قىزى ھارىسە ئىبن سۇراقىنىڭ ئانىسى ئۇممۇ رەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ، ھارىسە توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسەڭچۇ؟ (ھارىسە بەدرى سوقۇشىدا شەھىد بولغانىدى) ئەگەر ھارىسە جەننىتى بولىدىغان بولسا مەن سەۋر قىلىمەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا تېخىمۇ يىغلايمەن »، د ېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « يا أُم حارِثَةَ إنَّهَا جِنانٌ في الجَنَّةِ، وَإنَّ ابْنَكَ أَصاب الفرْدوْسَ الأَعْلى » « ئى ھارىسەنىڭ ئانىسى، جەننەتنىڭ دەرىجىلىرى كۆپ بولىدۇ. سېنىڭ ئوغلۇڭ فىردەۋس جەننىتىدە بولىدۇ »، د ېدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
1320. جابىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مېنىڭ ئاتامنىڭ جەسىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىندى. مۇشرىكلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى پارە-پارە قىلىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭ يۈزىنى ئاچماقچى بولغانىدىم. باشقىلار مېنى بۇنىڭدىن توستى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ما زَالَتِ الملائِكَةُ تُظِلُّهُ بِأَجْنِحَتِها » « پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا قاناتلىرىنى سايىۋەن قىلىپ تۇرۇپتۇ »، د ېدى.
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
1321. سەھل ئبىن ھۇنەيىف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ سأَلَ اللَّه تعالى الشَّهَادةَ بِصِدْقٍ بلَّغهُ منَازِلَ الشُّهَداءِ وإنْ ماتَ على فِراشِهِ » « كىمكى ئاللاھ تائالادىن چىن دىلى بىلەن شەھىد بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئۇ ئادەم تۇشكىدە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنى شەھىدلەر دەرىجىسىگە يەتكۈزىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1322. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ طلَب الشَّهَادةَ صادِقاً أُعطيها ولو لم تُصِبْهُ » « كىمكى چىن دىلى بىلەن شەھىدلىكنى تەلەپ قىلسا، شەھىد بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا شەھىدلىكنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1323. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما يَجِدُ الشَّهِيدُ مِن مَسِّ القتْلِ إلاَّ كما يجِدُ أحدُكُمْ مِنْ مسِّ القَرْصَةِ » « شەھىد قىلىنىۋاتقان كىشى پەقەت چۈمۈلە چاققانچىلىكلا ئازابلىنىدۇ » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1325. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ثِنَتانِ لا تُرَدَّانِ، أوْ قَلَّمَا تُردَّانِ: الدُّعَاءُ عِنْد النِّدَاءِ وعِند البأْسِ حِينَ يُلْحِمُ بَعْضُهُم بَعضاً » « ئىككى تۈرلۈك رەت قىلىنمايدىغان ياكى كەمدىن-كەم رەت قىلىنىدىغان دۇئا بار، ئۇلار ئەزان ئېيتقاندا قىلىنغان دۇئا ۋە دۈشمەن بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەندە قىلىنغان دۇئادىن ئىبارەت » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
1327. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قەۋمدىن خەۋپسىرىسە مۇنداق دەيتتى: « اللَّهُمَّ إنَّا نَجعَلُكَ في نُحُورِهِم، ونَعُوذُ بِكَ مِنْ شُرورِهِم » « ئى ئاللاھ، سېنى بىز دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى چارە تېپىپ بەرگۈچى دەپ بىلىمىز ۋە ساڭا سېغىنىپ دۈشمەنلەرنىڭ يامانلىقلىرىدىن پاناھ تىلەيمىز » .
― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
1329. ئۇرۋە بارىقىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الخَيْلُ مَعقُودٌ في نَواصِيهَا الخَيرُ إلى يوْمِ القِيامَةِ: الأَجرُ، والمغنَمُ » « جەڭ ئېتىنىڭ ماڭلاي تۈكلىرىگە تاكى قىيامەتكىچە ياخشىلىق يەنى ساۋاب بىلەن غەنىيمەت پۈتۈلگەن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1330. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « من احتَبَس فَرساً في سبيلِ اللَّهِ، إيماناً بِاللَّهِ، وتَصدِيقاً بِوعْدِهِ، فإنَّ شِبَعهُ ورَيْهُ وروْثَهُ، وبولَهُ في مِيزَانِهِ يومَ القِيامَةِ » « كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىش يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ يولىدا بىرەر ئاتنى بېقىپ پەرۋىش قىلسا، ئاتنىڭ تويغىنى، سۇ ئىچىپ قانغىنى، تېزەكلىگىنى ۋە سىيگىنى (ساۋاب ئىشلىرى قاتارىدا) قىيامەت كۈنى شۇ ئادەمنىڭ نامى ئەمال تارازىسىغا سېلىنىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
1331. ئەبۇ ئەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا چۈلۈك سېلىنغان بىر ھىنگان تۆگىنى ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: ئى رەسۇلۇللاھ، بۇ جانىۋار ئاللاھ يولىدا پەرۋىش قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: « لكَ بِهَا يَومَ القِيامةِ سبعُمِائَةِ ناقَةٍ كُلُّها مخطُومةٌ » « بۇنىڭ بەدىلىگە قىيامەت كۈنى ساڭا چۈلۇك سېلىنغان 700 تۆگە بېرىلىدۇ » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1338. ئەبۇ يەھيا خۇرەيىم ئىبن فاتىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ أَنْفَقَ نَفَقَةً في سبيلِ اللَّهِ كُتِبَ لَهُ سبْعُمِائِة ضِعفٍ » « كىمكى ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلسا، ئۇنىڭغا 700 ھەسسە ساۋاب يېزىلىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1339. ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما مِنْ عبدٍ يصومُ يوْماً في سبِيلِ اللَّهِ إلاَّ باعد اللَّه بِذلكَ اليوم وَجْهَهُ عَنِ النَّارِ سبْعِين خَرِيفاً » « ھەرقانداق بەندە ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتىدىكەن، ئاللاھ تائالا شۇ كۈن ئۈچۈن ئۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى دوزاختىن 70 يىللىق مۇساپىدەك يىراقلىقتا قىلىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1340. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ صامَ يَوْماً في سبيل اللَّهِ جَعَلَ اللَّه بينَهُ وَبيْنَ النَّارِ خَنْدَقاً كَمَا بيْن السَّماءِ والأرْضِ » « كىمكى ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتىدىكەن. ئاللاھ تائالا ئۇ ئادەم بىلەن دوزاخ ئوتتۇرىسىدا بىر خەندەكنى پەيدا قىلىدىكەنكى، ئۇ خەندەكنىڭ كەڭلىكى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىسىدەك كېلىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1342. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر جەڭدە بولغانىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ بالمدينةِ لَرِجالاً ما سِرتُمْ مَسيراً، وَلا قَطَعْتُمْ وادياً إلاَّ كانُوا معكُم، حبَسهُمُ المَرضُ » « مەدىنىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن قېلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلار سىلەر قەيەرگە ماڭساڭلار، قانداق جىلغىلارنى كېسىپ ئۆتسەڭلار، سىلەر بىلەن بىللە بولغاندەك ھېسابلىنىدۇ » .
يەنە بىر رىۋايەتتە: « إلاَّ شَرَكُوكُمْ في الأَجرِ » « ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش ساۋاب تاپىدۇ » ، دېيىلگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1347. سائىب ئىبن يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك غازىتىدىن قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى. مەنمۇ كىچىك بالىلار بىلەن « سەنىييەتۇل ۋادا »، د ېگەن جايدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشتۈم. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
بۇخارىنىڭ بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قارشى ئېلىشقا بىز كىچىك بالىلار بىلەن « سەنىييەتۇل ۋادا »، د ېگەن جايغىچە باردۇق.
1350. ئەبۇ ئەمر نوئمان ئىبن مۇقەررىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆردۈمكى ئۇ كۈندۈزنىڭ دەسلىپىدە ئۇرۇش قىلمىسا، ئۇرۇشنى كۈن قايرىلغان، شامال چىققان، غەلىبىگە يۈزلەنگەن چاغقىچە كېچىكتۈرەتتى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1353. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الشُّهَدَاءُ خَمسَةٌ: المَطعُونُ، وَالمبْطُونُ، والغَرِيقُ، وَصَاحبُ الهَدْم وَالشَّهيدُ في سبيل اللَّه » « شەھىد بەش تۈرلۈك بولىدۇ: ۋابا بىلەن ئۆلگەن ئادەم، قورساق ئاغرىقى بىلەن ئۆلگەن ئادەم، سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلگەن ئادەم، تام بېسىۋېلىپ ئۆلگەن ئادەم، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلگەن ئادەم » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1354. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما تَعُدُّونَ الشهداءَ فِيكُم؟ » « سىلەر شەھىد دەپ كىملەرگە ئېيتىسىلەر؟ » ، ساھابىلەر: « ئى رەسۇلۇللاھ كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، شۇ شەھىدتۇر »، د ېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إنَّ شُهَداءَ أُمَّتي إذاً لَقلِيلٌ » « ئۇنداق بولسا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ شەھىدلىرى ئاز بولۇپ قالىدىغۇ؟ » ، ساھابىلەر: « ئۇنداق بولسا كىملەر شەھىد بولىدۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « منْ قُتِل في سبيلِ اللَّه فهُو شَهيدٌ، ومنْ ماتَ في سبيل اللَّه فهُو شهيدٌ، ومنْ ماتَ في الطَّاعُون فَهُو شَهيدٌ، ومنْ ماتَ في البطنِ فَهُو شَهيدٌ، والغَريقُ شَهيدٌ » « كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسە ئۇ شەھىدتۇر، كىمكى ئاللاھ يولىدا ئۆلسە ئۇ شەھىدتۇر، كىمكى ۋابا بىلەن ئۆلسە ئۇ شەھىدتۇر، كىمكى قورسىقى ئاغرىپ ئۆلسە ئۇ شەھىدتۇر، كىمكى سۇدا غەرق بولۇپ ئۆلسە ئۇ شەھىدتۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1355. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ قُتِل دُونَ مالِه، فَهُو شهيدٌ » « كىمكى ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلتۈرۈلسە ئۇ شېھدتۇر » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1357. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، « ئى رەسۇلۇللاھ، بىر ئادەم كېلىپ مېنىڭ مال-مۈلكۈمنى تارتىۋالماقچى بولسا، قانداق قىلسام بولىدۇ؟»، دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « فَلا تُعْطِهِ مالكَ » « ئۇنىڭغا مال-مۈلكىڭنى بەرمىگىن »، د ېدى. ئۇ ئادەم: « مەن مېلىمنى بەرمىسەم ئۇ مەن بىلەن ئۇرۇشسىچۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قَاتِلْهُ » « سەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقىن »، د ېدى. ئۇ ئادەم: « ئەگەر ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسىچۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « فَأنْت شَهيدٌ » « ئۇنداق بولسا سەن شەھىد بولغان بولىسەن » ، دېدى. ئۇ ئادەم: « ئەگەر مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسەمچۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « هُوَ في النَّارِ » « ئۇ دوۋزىخىي بولۇپ كېتىدۇ »، د ېدى.
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.