رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

236. باب قۇل ئازاد قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَلَا اقْتَحَمَ الْعَقَبَةَ﴾ ﴿وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْعَقَبَةُ﴾ ﴿فَكُّ رَقَبَةٍ﴾ ئۇ داۋان ئاشمىدى، داۋان ئېشىشنىڭ نېمىلىگىنى قانداق بىلەتتىڭ، (داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلماقتۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەلەد 11-، 12-، 13- ئايەتلەر)

1358. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ أَعْتَقَ رقَبةً مُسْلِمةً أَعْتَقًَ اللَّه بِكُلِّ عُضْوٍ مِنْهُ عُضْواً مِنْهُ مِنَ النَّارِ حتى فَرْجَهُ بِفرجهِ » « قانداق بىر كىشى بىر مۇسۇلمان قۇلنى ئازاد قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ بارابىرىگە ئۇ كىشىنىڭ ئەزاسىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ. ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ئەۋرەت ئەزاسىنى ئۇ قۇلنىڭ ئەۋرەت ئەزاسىنىڭ بارابىرىگە دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بۇرۇن ئۆتكەن سەلەف سالىھلار قۇل ئازاد قىلىشتا بەك ئاكتىپ بولۇپ، ئابدۇرەھمان ئىبن ئەۋفنىڭ 30مىڭ قۇلنى، ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەرنىڭ 1000دىن ئارتۇق قۇلنى ئازاد قىلۋەتكەنلىكى نەقىل قىلىنغان.

2) قۇللارنى قۇللۇق كىشىنىدىن قۇتۇلدۇرۇش قىيامەتتە دوزاختىن قۇتۇلۇپ، جەننەتتىكى يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشىشكە سەۋەب ئىكەنلىكى.

1359. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ، ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئەڭ ئەۋزەل ھېسابلىنىدۇ »، د ېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الإيمانُ باللَّه، والجِهادُ في سبيلِ اللَّه » « ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش »، د ېدى. مەن: « قايسى خىلدىكى قۇلنى ئازاد قىلىش ئەڭ ئەۋزەل؟»، دېۋىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أنْفَسُهَا عِنْد أَهْلِهَا، وَأَكثَرُهَا ثَمَناً » « ئۆز ئىگىسىنىڭ نەزەرىدە ئەڭ ئېسىل ۋە باھاسىمۇ قىممەت بولغىنىنى »، د ېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرۈش بارلىق ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئاساسى، ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بولسا ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئىكەنلىكى.

2) قۇل ئازاد قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن، خوجايىنىغا كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئەتىۋارلىق قۇلنى ئازاد قىلىشنىڭ ساۋابىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىگىسى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مالنى ئېھسان-سەدىقە قىلسىمۇ ئۇنىڭ ساۋابى كۆپ بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ