رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

237. باب قۇللارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَاعْبُدُواْ اللّهَ وَلاَ تُشْرِكُواْ بِهِ شَيْئًا وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَى وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالجَنبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ﴾ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يىراق يېقىندىكى قوشنىلارغا، ياندىكى ھەمراھقا، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 36- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

1360. مەئرۇر ئىبن سۇۋەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئەبۇ زەرنى ئۈستىگە چىرايلىق تون كىيىۋالغان ھالدا كۆردۇم، ئۇنىڭ خىزمەتكارىنىڭ ئۇچىسىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تون بار ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن بۇ ئىش توغرۇلۇق سورىسام ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا بىر كىشىنى ئانىسىنى تىلغا ئېلىپ تىللىغانلىقىنى، شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا: « إنَّك امْرُؤٌ فِيك جاهِليَّةٌ » : هُمْ إخْوانُكُمْ، وخَولُكُمْ، جعَلَهُمُ اللَّه تَحت أيدِيكُمْ، فَمَنْ كَانَ أَخُوهُ تَحت يَدهِ فليُطعِمهُ مِمَّا يَأْكلُ، وَلْيُلْبِسْهُ مِمَّا يلبَسُ، ولا تُكَلِّفُوهُم مَا يَغْلبُهُمْ، فإن كَلَّفتُمُوهُم فَأَعِينُوهُم » « سەندە جاھىلىيەت ۋاقتىدىكى ئىللەتلەر بار ئىكەن، ئۇلار بولسا سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلاردۇر ۋە خىزمەتكارلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلدى، كىمكى ئۇنىڭ قېرىندىشى ئۇنىڭ قول ئاستىدا بولسا ئۆزى نېمە يېسە ئۇنىڭغا شۇنى يېگۈزسۇن، ئۆزى نېمىنى كىيسە شۇنى كىيگۈزسۇن، ئۇلارنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا ئۇلارنى بۇيرۇمىسۇن، ئەگەر بۇيرۇسا ئۇلارغا ياردەملەشسۇن »، د ېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. بالا-چاقىلىرىغا قانداق مۇئامىلىدە بولغان بولسا، ئۇلارغا نېمە كىيدۈرگەن بولسا قول ئاستىدىكىلەرگىمۇ شۇنداق مۇئامىلىدە بولۇش ۋە ئوخشاش كىيىندۈرۈش ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ تەشەببۇس قىلىنغان ياخشى ئىش ئىكەنلىكى، قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچىكىدىن ئىبارەت ئېھتىياجلىرىدىن لايىقىدا چىقىشنىڭ خوجايىنلار ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكى.

2) قول ئاستىدىكىلەرگە كۆيۈنۈش، ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) گۇرۇھۋازلىق، جەمەتۋازلىققا ئوخشاش جاھىلىيەت ئەخلاقلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

4) ئىسلامدىكى باراۋەرلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بارلىق كىشىلەرنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكى، كىشىلەرنىڭ پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولىدىغانلىقى.

1361. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا أَتى أحدَكم خَادِمُهُ بِطَعامِهِ، فَإنْ لم يُجْلِسْهُ معهُ، فَليُناولْهُ لُقمةً أوْ لُقمَتَيْنِ أوْ أُكلَةً أوْ أُكلَتَيْنِ، فَإنَّهُ ولِيَ عِلاجهُ » « بىرەركىمنىڭ خىزمەتچىسى تاماق ئېلىپ كەلسە، ئۇ ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ بىللە يېسۇن، خىزمەتچىسى بىلەن بىللە يېمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا تاماقتىن ئاز-تولا ئېغىز تەگدۈرسۇن، چۈنكى ئۇ تاماق ئېتىشنىڭ جاپاسىنى تارتقان » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تاماق تەييارلىغان كىشىنى داستىخاندا ئولتۇرغۇزۇپ بىللە غىزالىنىش ئۇلارغا كۈيۈنگەنلىك ۋە كەمتەرلىك بولىدىغانلىقى.

2) تاماق تەييارلىغان ئاشپەز، خادىملىرىغا ئېشىپ قالغىنىنى ئەمەس، شۇ تاماقتىن بېرىشنىڭ لازىملىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ