238. باب ئاللاھنىڭ ۋە خوجايىننىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان قۇلنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
1362. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ العَبْد إذا نَصحَ لِسيِّدِهِ، وَأَحْسَنَ عِبادةَ اللَّهِ، فَلَهُ أَجْرُهُ مرَّتيْنِ » « بىرەر قۇل خوجايىنىغا سادىق بولسا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلسا، ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1363. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « للعبدِ الممْلُوكِ المُصْلحِ أَجْرَانِ » « ياخشى قۇل قوش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ » ، دېگەنىدى. ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دېدى: « ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاللاھ تائالا يولىدىكى جىھاد قىلىش، ھەج قىلىش، ئانامغا ياخشىلىق قىلىش قاتارلىق ئەمەللەر بولمىغان بولسا، ئەلۋەتتە مەن قۇل بولغان ھالدا ئۆلۈشنى ياخشى كۆرەتتىم » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1364. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الممْلُوكُ الذي يُحْسِنُ عِبَادَةَ رَبِّهِ، وَيُؤدِّي إلى سَيِّدِهِ الذي عليهِ مِنَ الحقِّ، والنَّصِيحَةِ، والطَّاعَةِ، لهٌُ أجْرَانِ » « ئۆز رەببىنىڭ ئىبادىتىنى ياخشى قىلغان، شۇنداقلا ئۆز خوجايىنىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئادا قىلغان، سەمىمىي، سادىق بولغان، ئىتائەتچان قۇلغا قوش ساۋاب بېرىلىدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
1365. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ثلاثةٌ لهُمْ أَجْرانِ: رَجُلٌ مِنْ أَهْلِ الكتاب آمن بنبيَّه وآمنَ بمُحَمدٍ، والعبْدُ المَمْلُوكُ إذا أدَّى حقَّ اللَّهِ، وَحقَّ مَوَالِيهِ، وَرَجُل كانَتْ لَهُ أَمةٌ فَأَدَّبها فَأحْسَنَ تَأْدِيبَها، وَعلَّمها فَأَحْسَنَ تَعْلِيمَها، ثُمَّ أَعْتقَهَا فَتَزَوَّجَهَا، فَلَهُ أَجْرَان » « ئۈچ تۈرلۈك ئادەمنىڭ ئەجرى قوشلاپ بېرىلىدۇ. خرىستىئان ياكى يەھۇدىي بولۇپ، پەيغەمبىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ياكى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭىمۇ ئىمان كەلتۈرگەن بولسا ئۇنىڭغا قوش ئەجر بىرىلىدۇ. بىر قۇل ئاللاھنىڭ ھەققىنىمۇ ئادا قىلسا، خوجايىنىنىڭ ھەققىنىمۇ ئادا قىلسا ئۇنىڭغا قوش ئەجىر بىرىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىر دېدىكى بولۇپ، ئۇنى ياخشى تەربىيىلەپ، ياخشى ئوقۇتۇپ ئاندىن ئۇنى ئازاد قىلىپ نىكاھىغا ئالغان بولسا بۇ كىشىگىمۇ قوش ئەجىر بېرىلىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇ بابتىكى ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1362~1365): 1) پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىنى ۋە خوجايىنىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلغان سالىھ قۇلنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقى.
2) قۇل-چاكارلارغا ئوخشاش ئاجىز كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىش، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياش ۋە ئۇلارنى سەۋرچانلىققا، ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابىنى كۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش.
3) مۇسۇلمانلارنى قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە ياردەم بېرىشكە، ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشقا ۋە ئۇلارنى ئۆيلەش، ئازاد قىلىۋېتىش ۋە خاتىرجەم قىلىشقا، بولۇپمۇ ئاياللارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىپ قويۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
4) جىھاد ۋە ھەجنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان، ئاتا-ئانىغا، بولۇپمۇ ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
5) ئەھلى كىتابلارنى ئۆز پەيغەمبىرىگە ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈپ قوش ئەجىرگە نائىل بولۇش ئۈچۈن ئىسلامغا كىرىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.