رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

239. باب پىتنە-پاسات زامانىدا ئىبادەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

1366. مەئقىل ئىبن يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « العِبَادَةُ في الهَرْجِ كهِجْرةٍ إلَيَّ » « پىتنە-پاسات زامانىدا قىلىنغان ئىبادەت مېنىڭ تەرىپىمگە ھىجرەت قىلغانغا ئوخشايدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پىتنىلەر ئەۋج ئېلىپ كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىدىن غاپىل قالغان كۈنلەردە ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

2) ھىجرەتنىڭ مەنىسى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى زاھىرى ھىجرەت، بۇنىڭ لۇغەت مەنىسى بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە يۆتكىلىشتىن ئىبارەت. شەرىئەتتىكى مەنىسى بولسا، ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان نەرسىنى تەرك ئېتىپ، بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، دىننى پىتنىدىن قوغداپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت بىلەن ئىلتىجا قىلغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە ھىجرەت قىلغان ھېسابلىنىدۇ.

3) پىتنىگە ئۇچرىماسلىق ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتى، پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدە چىڭ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ