240. باب سودا-سېـتىــقتا، ئېـلىــم-بېــرىمدا كەڭچىلىك قىلىشنىڭ پەزىلىتى، قەرزىنى ئادا قىلىش ۋە سۈيلەشتە ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئۆلچەم ۋە تارازىدا ئېغىر بېرىش، كەم بېرىشنى مەنئى قىلىش ۋە قول ئىلكىدە بار ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئادەمگە قەرز قايتۇرۇشنىڭ ۋاقتىنى ئارقىغا سۈرۈپ بېرىش ياكى كەچۈرۈم قىلىۋېتىشىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَا تَفْعَلُواْ مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللّهَ بِهِ عَلِيمٌ﴾ ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 215- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَيَا قَوْمِ أَوْفُواْ الْمِكْيَالَ وَالْمِيزَانَ بِالْقِسْطِ وَلاَ تَبْخَسُواْ النَّاسَ أَشْيَاءهُمْ﴾ ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆلچەمنى كەم بەرمەڭلار، توغرا ئۆلچەڭلار، تارازىنى توغرا تارتىڭلار، كىشىلەرگە نەرسىلەرنى كەم بەرمەڭلار («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇد 85- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَيْلٌ لِّلْمُطَفِّفِينَ﴾ ﴿الَّذِينَ إِذَا اكْتَالُواْ عَلَى النَّاسِ يَسْتَوْفُونَ﴾ ﴿وَإِذَا كَالُوهُمْ أَو وَّزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ﴾ ﴿أَلَا يَظُنُّ أُولَئِكَ أَنَّهُم مَّبْعُوثُونَ﴾ ﴿لِيَوْمٍ عَظِيمٍ﴾ ﴿يَوْمَ يَقُومُ النَّاسُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ﴾ (ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بېرىدۇ، ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ، ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا تىك تۇرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇتەففىفىين 1 ~ 6- ئايەتلەر)
1367. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قەرز سۈيلەپ كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قوپال مۇئامىلە قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە يوپۇرۇلۇپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « دعُوهُ فَإنَّ لِصَاحِبِ الحَقِّ مقَالاً، أَعْطُوه سِنًّا مِثْلَ سِنِّهِ » « بولدى قىلىڭلار، ھەق ئىگىسىنىڭ سۆزلەشكە ھەققى بار. ئۇنىڭغا ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ يېشىدىكى تۆگىنى بېرىڭلار » ، دېدى. ساھابىلەر: « ئى رەسۇلۇللاھ، بىز ئۇنىڭ تۆگىسىدىن ياخشىراق تۆگىنىلا تاپالىدۇق » ، دېيشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَعْطُوهُ فَإنَّ خَيْرَكُم أَحْسنُكُمْ قَضَاءً » « ئۇنى بېرىڭلار، چۈنكى قەرز قايتۇرۇشتا ياخشى بولغىنىڭلار سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلاردۇر » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) گەرچە ھەق ئىگىسى بولسىمۇ، قارشى تەرەپكە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە يۇمشاق، سىلىق سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن. ھەق ئىگىسى شەرىئەت دائىرىسى ئىچىدە ھەققىنى قوپاللىق بىلەن تەلەپ قىلسا جازاغا تارتىلمايدۇ.
2) قەرزدار قەرزنى تاپشۇرغاندا ئەسلىدىكىدىن ئارتۇقراق بەرسىمۇ بولىدىغانلىقى، لېكىن ھەقدار ئارتۇق بېرىشنى شەرت قىلىدىغان بولسا، جازانە بولىدىغانلىقى.
3) قەرز ئېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان. چۈنكى، قەرز تىلەشنى ۋە خارلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ.
1368. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رَحِم اللَّه رجُلا سَمْحاً إذا بَاع، وَإذا اشْتَرى، وَإذا اقْتَضىَ » « بىر نەرسە ساتقاندا، بىر نەرسە ئالغاندا ۋە قەرز سۈيلىگەندە مەرد بولغان ئادەمگە ئاللاھ تائالا رەھىم قىلسۇن » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سودا-سېتىق ئىشلىرىدا كەڭچىلىك قىلىشقا، ھەققىنى تەلەپ قىلغاندا يۇمشاق قولراق بولۇشقا ۋە ھەقتىن ئازراق كېچىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
2) سېتىۋالغۇچى پۇلدا ئېتىبار بېرىشى، ساتقۇچى مالدا ئېتىبار بېرىشى كېرەك. مانا بۇ كەڭ قورساقلىق ھېسابلىنىدۇ.
1369. ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « مَنْ سَرَّهُ أَنْ يُنَجِّيَهُ اللَّه مِنْ كُرَبِ يَوْمِ القِيَامَةِ، فَلْيُنَفِّسْ عَنْ مُعْسِرٍ أوْ يَضَعْ عَنْهُ » « ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەتنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن ئۆزىنى نىجات تاپقۇزۇشىدىن خۇشاللىناي دېگەن ئادەم قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرزىنى ئېلىشنىڭ مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بەرسۇن ياكى قەرزىنى ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈۋەتسۇن » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1370. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كَانَ رجلٌ يُدايِنُ النَّاسَ، وَكَان يَقُولُ لِفَتَاهُ: إذا أَتَيْتَ مُعْسِراً فَتَجاوزْ عَنْهُ، لَعلَّ اللَّه أنْ يَتجاوزَ عنَّا فَلقِي اللَّه فَتَجاوَزَ عنْهُ » « كىشىلەرگە قەرز بېرىدىغان بىر سودىگەر بار ئىدى. ئۇ قىيىنچىلىقى بار قەرزدارنى كۆرسە، خىزمەتچىلىرىگە: ‹ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا بىزگىمۇ كەڭچىلىك قىلىشى مۇمكىن›، دەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ سودىگەرگە كەڭچىلىك قىلغانىدى » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1371. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « حُوسب رَجُلٌ مِمَّنْ كَانَ قبلكم فَلَمْ يُوجدْ لَهُ مِنَ الخَيْرِ شَيَّءٌ، إلاَّ أَنَّهُ كَان يَُخَالِطُ النَّاس، وَكَانَ مُوسِراً، وَكَانَ يأْمُرُ غِلْمَانَه أن يَتَجَاوَزُوا عن المُعْسِر . قال اللَّه، عزَّ وجَلَّ: « نَحْنُ أحقُّ بِذَلكَ مِنْهُ، تَجاوَزُوا عَنْهُ » « سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەردىن بىر كىشىدىن ھېساب ئېلىنىپتۇ. ئۇنىڭدا ھېچ قانداق بىر ياخشى ئەمەل تېپىلماپتۇ. ئۇ كىشىلەرگە ئارىلىشىدىكەن، باي ئادەم ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى قىيىنچىلىقى بارلاردىن قەرزلىرىنى كەچۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدىكەن. ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا: ‹بۇنداق كەچۈرۈۋېتىشكە بىز ئۇنىڭدىنمۇ لايىق، ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈۋېتىڭلار›، دەپتۇ » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1372. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا ئاللاھ تائالا پۇل-مال بەرگەن بەندىلەردىن بىر بەندە كەلتۈرۈلۈپتۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: « ماذَا عمِلْتَ في الدُّنْيَا؟ » « دۇنيادا نېمە ئىش قىلدىڭ؟»، دەپتۇ. ھۇزەيفە بۇ رىۋايەتنى سۆزلەۋېتىپ، ئۇلار ئاللاھ تائالادىن بىرەر سۆزنى يوشۇرالمايدۇ، دېگەننى قوشۇپ قويدى. ئۇ بەندە: « ئى رەببىم! سەن ماڭا مېلىڭدىن بەردىڭ، مەن كىشىلەر بىلەن سودا-سېتىق قىلىشاتتىم. مۇئامىلىدە كەڭ قورساق بولۇش مېنىڭ مىجەزىم ئىدى. مەن بايلارغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرەتتىم. قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە قەرزنىڭ قايتۇرۇش مۆھلىتىنى سۈرۈپ بېرەتتىم » ، دېدى. ئاللاھ تائالا: « أَنَا أَحقُّ بذا مِنْكَ، تجاوزُوا عَنْ عبْدِي » « مەن بۇنداق قىلىشقا سېنىڭدىنمۇ ھەقلىقراق، بۇ بەندەمنى كەچۈرۈڭلار » ، دېدى. ئۇقبە ئىبن ئامىر بىلەن ئەبۇ مەسئۇد ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىككىسى: « بىزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇنداق ئاڭلىغانىدۇق » ، دېيىشتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1373. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « من أَنْظَر مُعْسِراً أوْ وَضَعَ لَهُ، أظلَّهُ اللَّه يَوْمَ القِيامَةِ تَحْتَ ظِلِّ عَرْشِهِ يَوْمَ لا ظِلَّ إلاَّ ظِلُّهُ » « كىمكى قىيىنچىلىقى بار ئادەمگە قەرز قايتۇرۇشنىڭ مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بەرسە ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە بولمىغان كۈن قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1369~1373): 1) قەرز تۆلەش سۈرۈكىنى ئۇزارتىپ بېرىش ياكى قەرزنىڭ ھەممىسى ۋەياكى بىر قىسمىنى كۆتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق قەرزدارغا كەڭچىلىك قىلىشقا ۋە قەرز ئىگىسىگە ئېغىر كەلمىسە، قەرزنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرۈۋېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
2) كەڭچىلىك قىلغۇچى قەرز ئىگىسىنىڭ پەزىلىتى، كاتتا ئەجىرگە نائىل بولىدىغانلىقى، ئەگەر قەرزنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە، ئاللاھ تائالانىڭمۇ ئۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرىدىن ئۆتۈپ، جەننىتىگە كىرگۈزىدىغانلىقى.
3) مۇكاپاتنىڭ ئەمەلگە قاراپ بولىدىغانلىقى، ئەگەر قەرز ئىگىسى قەرزدارنى دۇنيادىكى جاپا-مۇشەققەت، قەرز غەم-قايغۇلىرىدىن قۇتقۇزسا، ئاللاھ تائالانىڭمۇ قەرز ئىگىسىنى قىيامەتنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدىن، مەھشەردىكى پىژغىرىم ئىسسىقتىن ساقلايدىغانلىقى.
4) مۇئامىلىدە (ھەتتا بايلار بىلەن بولسىمۇ) كەڭ قورساق بولۇش كېرەكلىكى.
5) ئەگەر زىيان يوقىلىپ، پايدا كېلىدىغان ئىش بولسا، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇلارغا ئارىلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
6) كىشىلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ياردەم قولىنى سۇنۇشنىڭ پەزىلىتى.
1374. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جابىردىن بىر تۆگە ئاشلىق (ياكى خورما) سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى بېرىشتە (كۈمۈش ياكى ئالتۇننى) ۋەزنىنى ئېغىر قىلىپ ئارتتۇرۇپ بەردى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1375. ئەبۇ سەفۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەخرەمەتۇل ئەبدىي ئىككىمىز ھەجەر دېگەن شەھەردىن كىيىم-كېچەك ئېلىپ كەلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ بىر ئىشتاننى سېتىۋالدى. مېنىڭ يېنىمدا (كىيىم سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئۆلچەيدىغان) تارازىغا مەسئۇل بىر خىزمەتچىم بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تارازىچىغا: « زِنْ وَأَرْجِحْ » « ئېغىرراق تارتىۋال » ، دېدى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1374~1375): 1) سېتىۋالغۇچى مال ئىگىسىگە كەڭ قورساقلىق قىلىپ، پۈتۈشكەن باھادىن زىيادىراق بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ساتقۇچىنىڭمۇ پۈتۈشكەن باھادىن بىر ئاز چۈشۈرۈپ بېرىشى ياكى مالدىن كۆپرەك بېرىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەڭ قورساقلىقى، مۇئامىلىسىنىڭ ياخشىلىقى ۋە ئەخلاقنىڭ ئېسىللىكىدىن ئىبارەت پەزىلەتلىرى بايان قىلىنغان.