رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

241. باب ئىلىمنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَقُل رَّبِّ زِدْنِي عِلْمًا﴾ ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن، دېگىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە تاھا 114- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ﴾ . ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە زۇمەر 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ﴾ ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇجادىلە 11- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاء﴾ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھ تائالادىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە فاتىر 28- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

1376. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ يُرِد اللَّه بِهِ خيْراً يُفَقِّهْهُ في الدِّينِ » « ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىق قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىنىي ئىلىملەرگە ئالىم قىلىدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە ئىلىمنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلىمنىڭ ياخشىلىقنىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ تەۋپىقى ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىشنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

1377. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: « لا حَسَد إلاَّ في اثْنَتَيْنِ: رَجُلٌ آتَاهُ اللَّه مَالاً فَسلَّطهُ عَلى هلَكَتِهِ في الحَقِّ، ورَجُلٌ آتاهُ اللَّه الحِكْمَةَ فهُوَ يَقْضِي بِهَا، وَيُعَلِّمُهَا » « مۇشۇنداق ئىككى خىسلىتى بار ئادەملەردەك بولۇشنى ئارزۇ قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل-مېلىنىڭ ھەممىسىنى تامامەن ئورۇنلۇق سەرپ قىلغان ئادەم، يەنە بىرى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىلىملەر ئاتا قىلغان، شۇ ئىلىملەر بويىچە ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇلارنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن ئادەم» . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىلىم تەلەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن ۋە ئىلىمگە ئەمەل قىلىشنىڭ، كىشىلەرگە ئۆگىتىشنىڭ، شۇنداقلا ئىلىمنى كىشىلەر مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى بايان قىلىنغان.

2) ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن پۇل-مال تېپىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىشقا بولىدىغانلىقى.

1378. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَثَلُ مَا بعثَنِي اللَّه بِهِ مِنَ الهُدى والْعِلْمِ كَمَثَل غَيْثٍ أصاب أرْضاً، فَكَانَتْ مِنْهَا طَائفَةٌ طَيِّبَةٌ قَبِلَتِ المَاءَ فَأَنْبَتَتِ الْكَلأَ، وَالْعُشْب الْكَثِيرَ، وَكَانَ مِنْهَا أجَادِبُ أمسَكَتِ المَاءَ، فَنَفَعَ اللَّه بِهَا النَّاسَ، فَشَرِبُوا مِنْهَا وَسَقَوْا وزَرَعُوا، وأَصَاب طَائفَةً مِنْهَا أُخْرى إنَّما هِي قِيعانٌ، لا تمْسِكُ مَاءً، وتُنْبِتُ كَلأً، فَذلكَ مثَلُ منْ فَقُهَ في دِينِ اللَّهِ، وَنَفَعَهُ ما بَعَثَنِي اللَّه بِهِ فَعلِمَ وَعلَّمَ، وَمَثَلُ منْ لَمْ يَرْفَعْ بِذلكَ رأساً، وَلَمْ يَقْبَلْ هُدَى اللَّهِ الَّذي أُرْسِلْتُ بِهِ » « مەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھىدايەت ۋە شەرىئەت ئىلمى زېمىنغا ياغقان مول يامغۇرغا ئوخشايدۇ. بەزى يەرلەر مۇنبەت بولۇپ، يامغۇرنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە نۇرغۇن ئوت-چۆپلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ. بەزى يەرلەر گىياھ ئۈنمەس، سۇ سىڭمەس تېتىر بولۇپ، ئۈستىدە سۇ لەيلەپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن كىشىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ. شۇ سۇدىن كىشىلەر ئىچىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇلاغلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى سۇغىرىدۇ. يەنە بىر قىسىم تۈزلەڭ، شور يەرلەر بولۇپ، ئۈستىدە سۇمۇ تۇرمايدۇ. گىياھمۇ ئۈنمەيدۇ. ئەنە شۇ يۇقىرىدىكىلەر ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى چۈشىنىپ، مەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلتۈرگەن تەلىماتتىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىنىڭ مىسالىدۇر، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇ تەلىماتقا باقمىغان ۋە مەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتنى قوبۇل قىلمىغان ئادەمنىڭ مىسالىدۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پايدىسىنىڭ تېخىمۇ ئومۇمىي ۋە تېخىمۇ كەڭ بولۇشى ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلىشتا ۋە ئۆگىتىشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

2) ئىلىمگە قارىتا كىشىلەر ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بىر خىلى، ئىلىم ئۆگىنىپ ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۆگىتىپ، ئۆزىمۇ ۋە باشقىلارمۇ پايدىلانغانلار بولۇپ، بۇ خىلدىكىلەر ئەڭ ئەۋزەل كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر خىلى، ئىلىم ئۆگىنىپ ھەم باشقىلارغا ئۆگىتىدىغانلار بولۇپ، ئۆزى ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىلدىكىلەر بىرىنچى خىلدىكىلەردىن تۆۋەنرەك تۇرىدۇ. ئۈچىنچى خىلدىكىسى، ئىلىم ئۆگىنىش-ئۆگىتىشتىن ۋە ئىلىمنى ئاڭلاپ پايدىلىنىشتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىلەر بولۇپ، بۇ خىلدىكىلەر بولسا ئەڭ بەتتەر كىشىلەردۇر.

1379. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: « فو اللَّهِ لأنْ يهْدِيَ اللَّه بِكَ رجُلاً واحِداً خَيْرٌ لكَ من حُمْرِ النَّعم » « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالانىڭ سەن ئارقىلىق بىر كىشىنى ھىدايەت قىلغىنى سەن ئۈچۈن قىزىل تۆگىدىنمۇ ياخشىراقتۇر (چۈنكى قىزىل تۆگە ئەرەبلەردە ئەڭ ئېسىل مال ھېسابلىناتتى) » ، دېگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا چاقىرىش (دەۋەت قىلىش)نىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان ھەمدە كىشىلەرنى ھەق يولغا باشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن ۋە بۇنىڭ پەقەت ئىلىم بىلەنلا بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

1380. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بلِّغُوا عَنِّي ولَوْ آيَةً، وحَدِّثُوا عنْ بني إسْرَائيل وَلا حَرجَ، ومنْ كَذَب علَيَّ مُتَعمِّداً فَلْيتبَوَّأْ مَقْعَدهُ من النَّار » « مېنڭ سۆزلىرىمنى گەرچە بىر ئايەت بولسىمۇ باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار، بەنى ئىسرائىل ھەققىدىكى سۆزلەرنى نەقىل قىلىڭلار. كىمكى مەن دېمىگەن سۆزنى يالغاندىن مېنى دېدى، دېسە، ئۇ ئادەم جايىنى دوزاخ دەپ بىلسۇن » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى باشقىلارغا يەتكۈزەلەيدىغان بولۇش ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەمدە بۇ زۆرۈر مەجبۇرىيەتنىڭ بىر بۆلۈك كىشىلەر ئىجرا قىلسا، باشقىلاردىن ساقىت بولىدىغان، ھېچقايسىسى باشقىلارغا يەتكۈزمىسە، ھەممىسى گۇناھكار بولىدىغان پەرز كۇپايە ئىكەنلىكى.

2) ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن ۋە راستلىقى ئىسپاتلانغان سۆزلەر بولۇش شەرتى ئاستىدا ئىبرەت ئېلىش ئۈچۈن بەنى ئىسرائىللاردا يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىسە بولىدىغانلىقى.

3) ئاللاھ تائالانىڭ دىنىي توغرىسىدا يالغانچىلىق قىلىشنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىغا يالغاننى توقۇشنىڭ دوزاخقا دۇچار قىلىدىغان چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن ئىكەنلىكى.

4) سۆز قىلغاندا، بولۇپمۇ ئاللاھ تائالانىڭ دىنى توغرىسدا كىشىلەرگە سۆز ئاچقاندا يالغان بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن سۆزدە ئېھتىيات قىلىش ۋە راست بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى، بۇنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە، ھەق ئىلىمگە پەرز ئىكەنلىكى.

1381. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ... ومَنْ سلَك طرِيقاً يَلْتَمِسُ فِيهِ عِلْماً، سهَّلَ اللَّه لَهُ بِهِ طَرِيقاً إلى الجَنَّةِ » « كىمكى ئىلىم ئېلىش يولىدا ماڭىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ جەننەتكە كىرگۈزىدىغان يول ئىكەنلىكى، چۈنكى ئىلىم مۇسۇلماننى روشەن پاكىتقا ئىگە قىلىپ، ياخشى ئىشلارغا باشلايدۇ ھەمدە قەلبىگە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالايدىغان نۇرنى كىرگۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق توغرا ئىشلارنى خاتاسىدىن ئايرىيالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە قىلىدۇ.

1382. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ دعا إلى هُدىً كانَ لهُ مِنَ الأجْر مِثلُ أُجورِ منْ تَبِعهُ لا ينْقُصُ ذلكَ من أُجُورِهِم شَيْئاً » « كىمكى بىرەر كىشىنى ھىدايەت يولىغا دەۋەت قىلسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھىدايەت تاپقان ئادەمنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نېمە كېمەيتىلمەستىن، ھىدايەتكە دەۋەت قىلغۇچىغىمۇ ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: دىنىي ئىلىمنىڭ فەزلى ۋە كىشىلەرگە بېرىدىغان پايدىسى چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، دىنىي ئىلىم ئۆگەنگەن، باشقىلارغا ئۆگەتكەن ۋە ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەسسىلەپ ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

1383. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا ماتَ ابْنُ آدَم انْقَطَع عَملُهُ إلاَّ مِنْ ثَلاثٍ: صَدقَةٍ جارية، أوْ عِلمٍ يُنْتَفَعُ بِهِ، أوْ وَلدٍ صالحٍ يدْعُو لَهُ » « ئەگەر ئادەم بالىسى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈچ خىل ئەمىلىدىن باشقا ئەمىلىنىڭ ساۋابى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ: بىرىنچىسى، ئۈزۈلۈپ قالماستىن پايدىسى جارى بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد، مەدرىسە سېلىش، ۋەخپە قاتارلىقلارغا ئوخشاش خەيرىيەت ئىشلىرى). ئىككىنچىسى، خەلق پايدىلىنىپ تۇرىدىغان ئىلىم (باشقىلارغا ئىلىم ئۆگىتىش، كىتاب يېزىپ قالدۇرۇشقا ئوخشاش). ئۈچىنچىسى، ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت تەربىيىلەپ قويۇش » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان ھەمدە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ساۋابىنىڭ ئوخشاشلا داۋاملىشىشى، ئۆسۈپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئىلىمگە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

2) پايدىسى تېگىپ، يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە جارىيەنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان ھەمدە ئۆلۈمدىن كېيىن بالىسىنىڭ دۇئا- ئىستىغفارلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئاتا بولغۇچىنىڭ پەرزەنتىنى ئىسلامى ئەخلاققا ئۇيغۇن تەربىيىلىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

1384. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « الدُّنْيَا ملْعُونَةٌ، ملْعُونٌ ما فِيهَا، إلاَّ ذِكرَ اللَّه تَعَالى، وما والاَهُ، وعَالماً، أوْ مُتَعلِّماً » « ئاگاھ بولۇڭلار! ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ قىممىتى يوقتۇر. دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭمۇ قىممىتى يوقتۇر. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىگە يانداشقان نەرسىلەر، ئالىم ۋە ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرلا بۇنىڭ سىرتىدا » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىپ، رەھمىتىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

2) نىيەت خالىس بولسىلا ۋە بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتى كۆزلەنسىلا، ئىلىم تەلەپ قىلىش ۋە ئىلىمگە ئالاقىدار ئىشلارنىڭ ئەيىبلەنگەن دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ياتمايدىغانلىقى.

1385. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَن خرَج في طَلَبِ العِلمِ، فهو في سَبيلِ اللَّهِ حتى يرجِعَ » « كىمكى ئىلىم ئىزدەش يولىدا سەپەرگە چىقسا، تاكى قايتىپ كەلگۈچە ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا بولغان بولىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىلىم تەلەپ قىلىش ئاللاھ تائالا يولىدا كۈرەش قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىغا مۇجاھىدنىڭ ئەجرى بولىدىغانلىقى.

2) ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا جان ئۈزگەن كىشىگە شەھىدلىكنىڭ ئەجرى بېرىلىدىغانلىقى، ئەگەر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى پېقىر بولسا، ئۇنىڭغا زاكات بېرىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى.

1386. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَنْ يَشبَع مُؤمِنٌ مِنْ خَيْرٍ حتى يكون مُنْتَهَاهُ الجَنَّةَ » « مۇئمىن ئادەم تاكى جەننەتكە يېتىپ بارمىغۇچە، ياخشى ئىشلارغا تويمايدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ياخشى ئەمەللەرنى داۋاملىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن ۋە ئەڭ شەرەپلىك ئەمەلنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

1387. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « فضْلُ الْعالِم على الْعابِدِ كَفَضْلي على أَدْنَاكُمْ، إنَّ اللَّه وملائِكَتَهُ وأَهْلَ السَّمواتِ والأرضِ حتَّى النَّمْلَةَ في جُحْرِهَا وحتى الحُوتَ لَيُصَلُّونَ عَلى مُعلِّمِي النَّاسِ الخَيْرْ » « ئالىمنىڭ ئابىد (ئىبادەت قىلغۇچى)تىن ئارتۇقچىلىقى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەڭ تۆۋەن ئادەمدىن مېنىڭ ئارتۇق بولغىنىمدەك پەرقى بار. ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرى، ئاسمان-زېمىن ئەھلى، ھەتتا ئۆز ئۇۋىسىدىكى چۈمۈلە ۋە بېلىقلارمۇ كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگەتكۈچىلەرگە خەيرلىك دۇئا قىلىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆزى ۋە ئۆزگىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

2) مەجبۇرىيەتلەردىن ئېشىنىپ، ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ نەفلى ئىبادەتلەردىن ئەۋزەل ئىكەنلىكى، چۈنكى ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئۆزىلا نەپكە ئېرىشسە، ئىلىم ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزى ۋە ئۆزگىنىمۇ نەپكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.

3) ئۆلىمالارنى ۋە ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارنى ھۆرمەتلەشكە ۋە ئۇلارغا دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

1388. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « منْ سلك طَريقاً يَبْتَغِي فِيهِ علْماً سهَّل اللَّه لَه طَريقاً إلى الجنةِ، وَإنَّ الملائِكَةَ لَتَضَعُ أجْنِحَتَهَا لِطالب الْعِلْمِ رِضاً بِما يَصْنَعُ، وَإنَّ الْعالِم لَيَسْتَغْفِرُ لَهُ منْ في السَّمَواتِ ومنْ في الأرْضِ حتَّى الحِيتانُ في الماءِ، وفَضْلُ الْعَالِم على الْعابِدِ كَفَضْلِ الْقَمر عَلى سائر الْكَوَاكِبِ، وإنَّ الْعُلَماءَ وَرَثَةُ الأنْبِياءِ وإنَّ الأنْبِياءَ لَمْ يُورِّثُوا دِينَاراً وَلا دِرْهَماً وإنَّما ورَّثُوا الْعِلْمَ، فَمنْ أَخَذَهُ أَخَذَ بِحظٍّ وَافِرٍ » « كىمكى ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىدا ماڭسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا جەننەت يولىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ. پەرىشتىلەر ئىلىم ئۈگەنگۈچىنىڭ ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئۇنىڭغا قاناتلىرىنى يېيىپ بېرىدۇ. ئالىم ئۈچۈن ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى مەخلۇقاتلار، ھەتتا سۇدىكى بېلىقلارمۇ ئەلۋەتتە مەغفىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ. ئالىمنىڭ ئابىدتىن ئارتۇقلۇقى ئاسماندىكى ئاينىڭ باشقا يۇلتۇزلاردىن ئۈستۈن بولغىنىغا ئوخشاشتۇر. شۈبھىسىزكى، ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەر تىللا-كۈمۈش مىراس قالدۇرمىغان، پەقەت ئىلىمنى مىراس قالدۇرغان. كىمكى ئىلىم ئالسا تولۇق نېسىۋىگە ئېرىشكەن بولىدۇ » .

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارنى ھۆرمەتلەشكە، ئۇلار ئالدىدا كەمتەر بولۇپ، ئىشلىرىدىن مەمنۇن بولۇشقا ۋە ئۇلارغا دۇئا قىلىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

2) ئىلىمنىڭ پەزىلىتى، ئىلىمنىڭ كىشىلەرگە ياخشىلىق ۋە ھەققانىيەت يوللىرىنى نۇرلاندۇرۇپ بېرىدىغانلىقى.

3) ئىلىم ئەڭ زور ۋە شەرەپلىك بايلىق بولۇپ، ئىلىم ئۆگەنگەنلەرنىڭ ھۆرمەتلىنىشى ۋە ئىززەتلىنىشى كېرەكلىكى.

4) مۇكەممەل ئىلىمنىڭ ئەخلاق ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقى.

5) ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلىمالارنى خارلاش ۋە ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ پاسىقلىق ۋە ئازغۇنلۇق بولىدىغانلىقى.

1389. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « نَضَّرَ اللَّه امْرءاً سمِع مِنا شَيْئاً، فبَلَّغَهُ كما سَمعَهُ فَرُبَّ مُبَلَّغٍ أوْعى مِنْ سَامِع » « مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئېسىدە قالدۇرۇپ، ئۇنى باشقىلارغا ئەينەن يەتكۈزگەن ئادەمنى ئاللاھ تائالا شادلاندۇرغاي. ھەدىس سەۋىيىسى تۆۋەنلەر ھەدىسنى ئۆزلىرىدىن سەۋىيىسى يۇقىرىلارغا يەتكۈزۈشى مۇمكىن » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىلىمنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىپ، ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

2) ئىلىمنى يەتكۈزۈشتە ئىشەنچلىك بولۇش ۋە ئىلىم ئىگىلەش، چۈشىنىشتە بولسۇن ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكلىكى.

3) بىر قىسىم تابىئىنلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى بەزى ساھابىلەردىنمۇ ياخشى بىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى.

1390. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ سُئِل عنْ عِلمٍ فَكَتَمَهُ، أُلجِم يَومَ القِيامةِ بِلِجامٍ مِنْ نَارٍ » « كىمكى بىرەر ئىلىم توغرۇلۇق سورالسا، ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرسا، قىيامەتتە ئۇنىڭغا ئوتتىن يۈگەن سېلىنىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئىلىمنى يەتكۈزۈشى، بولۇپمۇ دىنىي ئىشلاردا باشقىلارغا ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى.

2) ئىلىمنى يوشۇرۇش قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچار قىلىدىغان چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن بولىدىغانلىقى.

1391. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ تَعلَّمَ عِلماً مِما يُبتَغَى بِهِ وَجْهُ اللَّهِ عز وَجَلَّ لا يَتَعلَّمُهُ إلا ليصِيبَ بِهِ عرضاً مِنَ الدُّنْيا لَمْ يجِدْ عَرْفَ الجنَّةِ يوْم القِيامةِ » « كىمكى ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى دۇنيالىق بىرەر غەرەز ئۈچۈن ئۆگەنسە، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىلىم تەلەپ قىلىشتا خالىس بولۇش، ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىش زۆرۈرلۈكى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە ئۆگىنىش كېرەكلىكى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىنىپ، مال-دۇنياغا ئېرىشسە ۋە ئۇنى قوبۇل قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى.

1392. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « إنَّ اللَّه لا يقْبِض العِلْم انْتِزَاعاً ينْتزِعُهُ مِنَ النَّاسِ، ولكِنْ يقْبِضُ العِلْمَ بِقَبْضِ العُلَماءِ حتَّى إذا لمْ يُبْقِ عالماً، اتَّخَذَ النَّاسُ رُؤوساً جُهَّالاً فَسئِلُوا، فأفْتَوْا بغَيْرِ علمٍ، فَضَلُّوا وأَضَلُّوا » « شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئىلىمنى كىشىلەردىن يۇلۇپ ئالغاندەك ئالمايدۇ، بەلكى ئالىملارنى قەبزى روھ قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالا بىرەر ئالىمنىمۇ قويمىغاندا كىشىلەر ئۆزلىرىگە نادانلارنى باشلىق قىلىۋالىدۇ-دە، ئۇلاردىن سورالسا، بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ ئازىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆلىمالارنىڭ كىشىلەرنى زېمىندا تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشتۈرگۈچىلەر ۋە ياخشىلىق-پەزىلەت بۇلىقى ئىكەنلىكى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ ئۆلىمالارغا بەرگەن نېئمىتىنى تارتىپ ئېلىپ كەتمەستىن، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-مەرھەمىتىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش بىلەن بېشارەت بەرگەنلىكى.

3) ئۆلىمالارنىڭ كۆپىيىشى، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا ئۇلارنى يېتەكلەيدىغان ئەھلى-ئىلىملەرنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن ئىلىم تەلەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

4) بىلەرمەنلىك قىلىپ، كىشىلەرنى قارىسىغا خاتا پەتىۋا بەرسە ئاللاھ تائالاغا يالغاننى چاپلىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت قىلغان بولۇپ، ئۆز-ئۆزىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقى ھەمدە كىشىلەرنى ھەقتىن قايمۇقتۇرۇپ، كىشىلەرنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ