رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

242. باب ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ۋە شۈكۈر ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ وَاشْكُرُواْ لِي وَلاَ تَكْفُرُونِ﴾ مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن، ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 152- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿لَئِن شَكَرْتُمْ لأَزِيدَنَّكُمْ﴾ نېئمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىبراھىم 7- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَقُلِ الْحَمْدُ لِلّه(ِ﴾ ئېيتقىنكى، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 111- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَآخِرُ دَعْوَاهُمْ أَنِ الْحَمْدُ لِلّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ﴾ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئاخىرى: « جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە يۇنۇس 10- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

1393. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مىئراج كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر قەدەھ سۈت ۋە بىر قەدەھ شاراب كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قاراپ سۈتنى ئىختىيار قىلدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: « سېنى تەبىئىي نەرسىنى ئىختىيار قىلدۇرغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، ئەگەر شارابنى ئالغان بولساڭ ئۈممىتىڭ ئېزىپ كەتكەن بولاتتى » ، دېدى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىسلام دىنى ساغلام تەبىئەتلىك، ئەقىللىق كىشىلەر چۈشىنەلەيدىغان، كىشىنىڭ تەبىئىي خاراكتېرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىن ئىكەنلىكى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلغان ياخشىلىقى ۋە پەزلى-مەرھەمىتىگە شۈكۈر قىلىش لازىملىقى، ياخشى بېشارەتلەر ۋە خۇشاللىق ئالامەتلەردىن ئۈمىدلىنىشنىڭ ئوبدان ئىش ئىكەنلىكى.

3) ھاراق بارلىق ئەسكىلىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ ھاراق-شارابقا بېرىلگەنلىكى شۇ مىللەتنىڭ نادانلىقى، ئازغۇنلۇقىنىڭ بەلگىسى ۋە ھالاكىتىنىڭ سىگنالى ئىكەنلىكى.

1394. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كُلُّ أمْرٍ ذِي بال لا يُبْدأُ فيه بـ: الحمد للَّه فَهُوَ أقْطُع » « ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن باشلانمىغان ھەر قانداق ئىش بەرىكەت تاپمايدۇ » .

― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتنى ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتىش بىلەن باشلاشنىڭ مۇسۇلماننىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىرى جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى، ئەڭ ياخشىسى « بِسْمِ اللهِ » بىلەن « اَلْحَمْدُ ِللهِ »نى بىللە دېيىش كېرەكلىكى.

2) دىندا ياخشى دەپ سانالغان ياكى قىلىشقا ئۈندەلگەن، ياكى ۋاجىپ قىلىنغان ۋەياكى مۇباھ سانالغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى « بِسْمِ اللهِ » ۋە « اَلْحَمْدُ ِللهِ »، دەپ باشلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. مەكرۇھ ئىشلارنى قىلغان ۋاقىتتا « بِسْمِ اللهِ »، « اَلْحَمْدُ ِللهِ »، دېيىشنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكى، ھارام ئىشلارنى قىلغان ۋاقىتتا « بِسْمِ اللهِ »، « اَلْحَمْدُ ِللهِ »، دېيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

1395. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا ماتَ ولَدُ العبْدِ قال اللَّه تعالى لملائِكَتِهِ: قَبضْتُمْ ولَدَ عبْدِي؟ فيقولُون: نَعمْ، فَيقولُ: قبضتُم ثَمرةَ فُؤَادِهِ؟ فيقولون: نَعَمْ، فيقولُ: فَمَاذَا قال عَبْدي؟ فيقولون: حمِدكَ واسْتَرْجَع، فَيقُولُ اللَّه تَعالى: ابْنُوا لِعَبْدِي بيْتاً في الجنَّةِ، وسَمُّوهُ بَيْتَ الحمْدِ » « ئەگەر بىرەر بەندىنىڭ بالىسى ئۆلسە، ئاللاھ تائالا پەرىشتىلىرىگە: ‹بەندەمنىڭ بالىسىنىڭ جېنىنى ئالدىڭلارمۇ؟›، دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ھەئە›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹بەندەمنىڭ يۈرەك پارىسىنى ئېلىۋالدىڭلارمۇ؟›، دەيدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ھەئە›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹بەندەم نېمىلەرنى دېدى؟›، دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر: ‹ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىپ: ﴿قَالُواْ إِنَّا لِلّهِ وَإِنَّـا إِلَيْهِ رَاجِعونَ﴾ بىز ھەمىمىز ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىمىز، ھەممىمىز ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 156- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ، دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى›، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ‹ئۇنداق بولسا، بەندەمگە جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلىپ، ئۇنى ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار ئۆيى، دەپ ئاتاڭلار›، دەيدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇسىبەت يەتكەن ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇپ، سەۋر قىلىشنىڭ پەزىلىتى، مۇسىبەت قانچە چوڭ بولۇپ، سەۋر قىلسا ئەجىر-ساۋابنىڭمۇ شۇنچە كاتتا بولىدىغانلىقى.

2) مۇئمىنلەرنىڭ ھەر دائىم ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن سىنىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ قازاسىغا رازى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى ساۋابنى كۆزلەيدىغانلىقى.

3) ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

4) ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەر تەبىئىتىگە ماس ئىكەنلىكى ۋە كىشى تەبىئىتىنى ھۆرمەت قىلىدىغان دىن ئىكەنلىكى.

1396. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ اللَّه لَيرضي عنِ العبْدِ يَأْكُلُ الأكْلَةَ فَيَحْمَدُهُ عَليْهَا، وَيَشْرب الشَّرْبَةَ فَيَحْمَدُهُ عَلَيْهَا » « ئاللاھ تائالا بىر لوقما يېمەكلىك يەپ ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتقان ۋە بىر يۇتۇم سۇ ئىچىپ ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتقان كىشىدىن مەمنۇن بولىدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىشنىڭ پەزلى ۋە كاتتا ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىش كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ھەمدۇسانا ئېيتىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

2) ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-مەرھەمىتىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ