243. باب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ اللَّهَ وَمَلَائِكَتَهُ يُصَلُّونَ عَلَى النَّبِيِّ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا صَلُّوا عَلَيْهِ وَسَلِّمُوا تَسْلِيمًا﴾ ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ. پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن مەغفىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۇئمىنلەر! سىلەرمۇ پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 56- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
1397. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « من صلَّى عليَّ صلاَةً، صلَّى اللَّه علَيّهِ بِهَا عشْراً » « كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇد ئېيتىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون قېتىم رەھمەت قىلىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان ۋە دۇرۇد ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
1398. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَوْلى النَّاسِ بي يوْمَ الْقِيامةِ أَكْثَرُهُم عَليَّ صلاةً » « ماڭا دۇرۇدنى ئەڭ كۆپ ئېيتقان كىشىلەر قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان كىشىلەردۇر » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇد ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن ۋە كۆپ دۇرۇد ئېيتقۇچىلارنىڭ قىيامەتتىكى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
1399. ئەۋىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إنَّ مِن أَفْضلِ أيَّامِكُمْ يَوْمَ الجُمُعةِ، فَأَكْثِرُوا عليَّ مِنَ الصلاةِ فيه، فإنَّ صَلاتَكُمْ معْرُوضَةٌ علَيَّ » « سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى جۈمە كۈنىدۇر. جۈمە كۈنىدە ماڭا دۇرۇدنى كۆپ ئېيتىڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭ دۇرۇدىڭلار ماڭا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ » ، دېدى. ساھابىلەر: « ئى رەسۇلۇللاھ، سېنىڭ جەسىتىڭ چىرىپ كېتىدىغان تۇرسا، دۇرۇدىمىز ساڭا قانداق توغرىلىنىدۇ؟»، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إنَّ اللَّه حَرم على الأرْضِ أجْساد الأنْبِياءِ » « چۈنكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى زېمىننىڭ يېيىشىدىن ھارام قىلدى » ، دېدى (يەنى، زېمىن پەيغەمبەرلەرنىڭ جەسىتىنى چېرىتەلمەيدۇ). ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جۈمە كۈنىنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شۇ كۈندە دۇرۇد ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشتىن ئىبارەت ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. چۈنكى، ئېيتىلغان دۇرۇد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ، ئاللاھ تائالادىن دۇرۇد يوللىغۇچىغا رازىلىق تىلەيدۇ.
3) پەيغەمبەرلەرنىڭ جەسەتلىرى چىرىپ كەتمەي قەبزى روھ بولغان ھالىتىدە ساقلىنىدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇدلار توغرىلانغاندا ئۇنىڭ روھىنىڭ قايتۇرۇلىدىغانلىقى.
1400. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « رَغِم أنْفُ رجُلٍ ذُكِرْتُ عِنْدَهُ فَلَمْ يُصَلِّ علَيَّ » « مېنىڭ نامىم تىلغا ئېلىنغاندا، ماڭا دۇرۇد ئېيتمىغان كىشى خار-زار بولسۇن » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېزىق ياكى تىلدا زىكىر قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا دۇرۇد يوللاشقا ئۈندەلگەن. بىر بۆلۈك ئالىملار دۇرۇد ئېيتىشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ.
1401. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَجْعلُوا قَبْرِي عِيداً، وَصلُّوا عَلَيَّ، فَإنَّ صَلاتَكُمْ تَبْلُغُني حيْثُ كُنْتُمْ » « قەبرەمنى ھېيتگاھ قىلىۋالماڭلار (سىلەر مېنىڭ قەبرەمنى زىيارەت قىلىمىز دەپ ھېيت بولغاندەك قەبرەمگە توپلىشىۋالماڭلار)، ماڭا دۇرۇد ئېيتىڭلار، قەيەردە بولماڭلار، دۇرۇدىڭلار ماڭا يېتىپ تۇرىدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ئەدەب-ئەخلاققا زىت ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن چەكلەنگەنلىكى، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى بۇتپەرەسلىككە ئېلىپ بارغاندەك بۇتپەرەسلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بىر قىسىم نادان مۇسۇلمان ئاممىسى سالىھ كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا ئالاھىدە ياسىنىپ-تارىنىپ، خۇشاللىق سادالىرىنى ياڭرىتىپ، شەرمى-ھاياغا خىلاپ ھالدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ، ئۇسسۇلغا ئوخشاش بولمىغۇر قىلىقلارنى قىلىدۇ. مانا بۇلار دىننى بىلمەسلىك ۋە دىنغا بىئەدەپلىك قىلىش بولۇپ، تەۋھىدكە دەخلى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئىسلامنىڭ پاكلىقىنى، گۈزەللىكىنى ۋە ئەسلىي جەۋھىرىنى بۇلغايدۇ.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ۋە قەبرىسى ئالدىدا ئۇنىڭ سۈننەت-كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپلىق قىلمىغان ھالدا سالام قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
3) ھەر قانداق ئورۇندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. چۈنكى، دۇرۇد پەيغەمبىرىمىزگە يېتىپ تۇرىدۇ.
1402. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما مِنْ أحد يُسلِّمُ علَيَّ إلاَّ ردَّ اللَّه علَيَّ رُوحي حَتَّى أرُدَّ عَليهِ السَّلامَ » « كىمكى ماڭا سالام قىلسا، ئاللاھ تائالا ماڭا روھىمنى قايتۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭ سالامىغا جاۋاب قايتۇرىمەن » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرىسىدە ھايات بولۇپ، سالام قىلغان كىشىلەرنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتىلىدىغان دۇرۇد ھېچقانداق ۋاقىتتا ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىدىكى ھاياتلىقىنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ تائالا ئوبدان بىلگۈچى بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق بىزنىڭ ھاياتلىقىمىزدىن پەرقلىق بولىدۇ.
3) ئەڭ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ سالام قايتۇرۇش شەرىپىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇد ۋە سالاملار يوللاشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
1403. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الْبخِيلُ من ذُكِرْتُ عِنْدَهُ، فَلَم يُصَلِّ علَيَّ » « كىمكى مېنىڭ نامىم ئۇنىڭ ئالدىدا تىلغا ئېلىنغاندا دۇرۇد ئېيتمىسا، ئۇ كىشى بېخىل ھېسابلىنىدۇ » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك نامى تىلغا ئېلىنغان ھەر قانداق ۋاقىتتا دۇرۇد ئېيتىش كېرەك. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشكە سەۋەبچى بولغان پەيغەمبەردۇر.
2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنى تەرك ئېتىش پىخسىقلىقنىڭ بەلگىسى ۋە پەس تەبىئەتلىكنىڭ دەلىلى. چۈنكى، ئۇ كىشى ئۆزى ھېچقانداق كۈچ تەلەپ قىلمايدىغان، ئەكسىچە ئۆزىگە كاتتا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ئىشنى ھەمدە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ.
1404. فەزالە ئىبن ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ نامازدا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتماي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتماي دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: « عَجِلَ هذا » « ئۇ ئالدىراپ قالدى » ، دەپ ئۇنى ئالدىغا چاقىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ياكى ئۇنىڭدىن باشقىلارغا: « إذا صلَّى أحَدُكُمْ فليبْدأْ بِتَحْمِيدِ ربِّهِ سُبْحانَهُ والثَّنَاءِ عليهِ، ثُمَّ يُصلي عَلى النبي صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم ثُمَّ يدْعُو بَعدُ بِما شاءَ » « ناماز ئوقۇغان چاغدا ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتسۇن، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتسۇن، ئاندىن خالىغانچە دۇئاسىنى قىلسۇن » ، دېدى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: دۇئانى دەسلەپ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد يوللاپ بولغاندىن كېيىن باشلاشنىڭ ھەمدە دۇئانى دۇرۇد بىلەن ئاخىرىدا ھەمد بىلەن ئاياغلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
1405. ئەبۇ مۇھەممەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققانىدى. بىز: « ئى رەسۇلۇللاھ ساڭا قانداق سالام بېرىشنى ئۆگەندۇق. ئەمدى قانداق دۇرۇد ئېيتىمىز؟»، دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قُولُوا: اللَّهمَّ صَلِّ على مُحمَّدٍ، وَعَلى آلِ مُحمَّد، كَمَا صَلَّيْتَ عَلى آلِ إبْرَاهِيمَ، إنَّكَ حمِيدٌ مجيدٌ . اللهُمَّ بارِكْ عَلى مُحَمَّد، وَعَلى آلِ مُحَمَّد، كَما بَاركْتَ على آلِ إبْراهِيم، إنَّكَ حميدٌ مجيدٌ » « ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە مۇھەممەدنىڭ جەمەتىگە (خۇددى) ئىبراھىم ۋە ئىبراھىمنىڭ جەمەتىگە رەھمەت قىلغاندەك رەھمەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيىگە لايىقسەن، ئۇلۇغسەن. ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە مۇھەممەدنىڭ جەمەتىگە (خۇددى) ئىبراھىمغا ۋە ئىبراھىمنىڭ جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلغاندەك بەخت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيىگە لايىقسەن، ئۇلۇغسەن، دەڭلار » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد يوللاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. دۇرۇد يوللاش ئارقىلىق پەزىلەتكە نائىل بولغىلى بولىدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش ۋە ئەگىشىشنىڭ پەزىلىتى، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنىڭ بىدئەت ئىش پەيدا قىلىشتىن ياخشى ئىكەنلىكى، سۈننەتكە ئەگىشىشنىڭ باشقا ئىشلاردىن بىھاجەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
1406. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز سەئد ئىبن ئۇبادەنىڭ سورۇنىدا ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى. بەشىر ئىبن سەئد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ تائالا بىزنى ساڭا دۇرۇد ئېيتىشقا بۇيرۇدى. ساڭا بىز قانداق دۇرۇد ئېيتىمىز؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈكۈتكە چۆمدى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىمىساق بولۇپتىكەن، دەپ قالدۇق. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قولُوا: اللَّهمَّ صلِّ عَلى مُحَمَّدٍ، وَعَلى آلِ مُحمَّدٍ، كما صليْتَ على إبْراهِيم، وبارِكْ عَلى مُحَمَّد، وعَلى آلِ مُحمَّد، كما بَاركْتَ عَلى إبْراهِيم، إنكَ حمِيدٌ مجِيدٌ، والسلام كما قد عَلِمتم » « ‹ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە مۇھەممەدنىڭ جەمەتىگە (خۇددى) ئىبراھىمغا رەھمەت قىلغاندەك رەھمەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە مۇھەممەدنىڭ جەمەتىگە (خۇددى) ئىبراھىمغا بەخت ئاتا قىلغاندەك بەخت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيىگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن›، دەڭلار » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد يوللاش بىلەن بىرگە يەنە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا قوشۇپ دۇرۇد يوللاش كېرەكلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
2) مۇسۇلمان كىشى بىلەلمىگەن دىنىي ئەھكاملارنى ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سورىشى كېرەك. ئۆزى بىلەلمەي ياكى ئەھلىلىرىدىن سورىماي، بىدئەت ئىشلارنى پەيدا قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
1407. ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ساھابىلەر: « ئى رەسۇلۇللاھ! ساڭا قانداق دۇرۇد ئېيتىمىز؟»، دېگەنىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قولُوا: اللَّهُمَّ صلِّ على مُحمِّدٍ، وعَلى أزْواجِهِ وَذُرِّيَّتِهِ، كما صَلَّيْتَ على إبْراهِيمَ، وباركْ عَلى مُحَمَّدٍ، وعَلى أَزْوَاجِهِ وذُرِّيَّتِهِ، كما بارَكتَ على إبْراهِيم، إنَّكَ حمِيدٌ مجِيدٌ » « ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرى، ئەۋلادلىرىغا (خۇددى) ئىبراھىمغا رەھمەت قىلغاندەك رەھمەت قىلغىن. ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرى، ئەۋلادلىرىغا (خۇددى) ئىبراھىمغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن، دەڭلار » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت تىلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بىرگە بەرىكەت تىلەش، چوقۇم دۇرۇدتىن كېيىن بولۇشى، ھەرگىزمۇ پەيغەمبەرلەردىن باشقا ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن يالغۇز بىرىگىلا بەرىكەت تىلەپ سالام يوللاشقا بولمايدىغانلىقى.