244. باب ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَذِكْرُ اللَّهِ أَكْبَرُ﴾ ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنكەبۇت 45- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ﴾ مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتىمەن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 152- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَاذْكُر رَّبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعاً وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالآصَالِ وَلاَ تَكُن مِّنَ الْغَافِلِينَ﴾ پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە-ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكىر قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 205- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَّعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە جۇمۇئە 10- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ الْمُسْلِمِينَ وَالْمُسْلِمَاتِ﴾ .... وَالذَّاكِرِينَ اللَّهَ كَثِيرًا وَالذَّاكِرَاتِ أَعَدَّ اللَّهُ لَهُم مَّغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا...، ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ تائالا مەغفىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 35- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا﴾ ﴿وَسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا﴾ ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىڭلار، ئۇنىڭغا ئەتىگەن-ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب 41-، 42- ئايەتلەر) .
بۇ بابتا كەلگەن ئايەتلەر كۆپ بولۇپ، ھەممىسى مەلۇملۇقتۇر.
1408. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كَلِمتَانِ خَفِيفَتَانِ عَلى اللِّسانِ، ثَقيِلَتانِ في المِيزَانِ، حَبِيبَتَانِ إلى الرَّحْمنِ: سُبْحان اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ، سُبحانَ اللَّه العظيمِ » « تىلغا يەڭگىل كېلىدىغان، مىزان (قىيامەت كۈنى كىشىلەرنىڭ نامە-ئەمالىنى تارتىدىغان تارازا. ― ت)دا ئېغىر كېلىدىغان، ئاللاھ تائالاغا ياقىدىغان ئىككى سۆز بار. ئۇ بولسىمۇ ‹ سُبْحَانَ اللهِ العَظِيْمُ › (ئۇلۇغ ئاللاھنى تەرىپلەيمەن)، ‹ سُبْحَانَ اللهِ وَبِحَمْدِهِ › (ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەيمەن)، دېگەن سۆزلەردىن ئىبارەت » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1409. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لأن أَقُولَ سبْحانَ اللَّهِ، وَالحَمْدُ للَّهِ، ولا إلَه إلاَّ اللَّه، وَاللَّه أكْبرُ، أَحبُّ إليَّ مِمَّا طَلَعَت عليهِ الشَّمْسُ » « (ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تائالا ئەڭ ئۇلۇغدۇر)، دەپ ئېيتىشىم مەن ئۈچۈن جاھاندىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكرەكتۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1408~1409): ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىش، ھەمدۇسانا ئېيتىش، ئۇلۇغلاش ۋە ئاللاھ تائالانى بىر دەپ قاراش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالانى ئەسلەپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، شۈبھىسىزكى، يۇقىرىقى زىكىرلەر ساۋابى مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، داۋاملىشىپ تۇرىدىغان ئاخىرەتكە تەۋە ئەمەللەر بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەمەللەر ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا باقىي ئەمەس، ئاخىر تۈگەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ يېنىڭلاردىكى نەرسىلەر تۈگەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە تۈگىمەس باقىيدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەھل 96- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
1410. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ قال لا إله إلاَّ اللَّه وَحْدَهُ لا شرِيكَ لَهُ، لهُ المُلكُ، وَلهُ الحَمْدُ، وَهُوَ عَلى كُلِّ شَيءٍ قَدِيرٌ، في يومٍ مِائةَ مَرَّةٍ كانَتْ لَهُ عَدْل عَشر رقَابٍ وكُتِبَتْ لَهُ مِائَةُ حَسَنةٍ، وَمُحِيت عنهُ مِائة سيِّئَةٍ، وكانت له حِرزاً مِنَ الشَّيطَانِ يومَهُ ذلكَ حتى يُمسِي، ولم يأْتِ أَحدٌ بِأَفضَل مِمَّا جاءَ بِهِ إلاَّ رجُلٌ عَمِلَ أَكثَر مِنه » « كىمكى ‹يالغۇز بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، پۈتۈن سەلتەنەت ۋە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر›، دېگەن كەلىمىنى بىر كۈندە 100 قېتىم ئوقۇسا، ئون قۇل ئازاد قىلغاننىڭ باراۋىرىدە بولىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە 100 ياخشىلىق يېزىلىپ، ئۇنىڭدىن 100 خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ. بۇ دۇئا شۇ كۈنى كەچكىچە ئۇ كىشىنى شەيتاندىن ساقلايدۇ، ئۇ ئادەم ئەڭ ئەۋزەل بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭدىن ئارتۇق دېگەن كىشىدىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « من قالَ سُبْحَانَ اللَّهِ وَبحمْدِهِ، في يوْم مِائَةَ مَرَّةٍ، حُطَّتْ خَطَاياهُ، وإنْ كَانَتْ مِثْلَ زَبَدِ البَحْر » « كىمكى (ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەيمەن)نى كۈندە 100 قېتىم دېسە، ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ بولغاندىمۇ يوققا چىقىرىلىدۇ » ، دېيىلگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1411. ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ قالَ لا إله إلاَّ اللَّه وحْدهُ لا شَرِيكَ لهُ، لَهُ المُلْكُ، ولَهُ الحمْدُ، وَهُو على كُلِّ شَيءٍ قَدِيرٌ، عشْر مرَّاتٍ: كان كَمَنْ أَعْتَقَ أرْبعةَ أَنفُسٍ مِن وَلِد إسْماعِيلَ » « كىمكى ‹بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، پۈتۈن سەلتەنەت ۋە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاس، ئاللاھ تائالا ھەممىگە قادىر›، دەپ ئون قېتىم دېسە، ئىسمائىل ئەۋلادىدىن تۆت ئادەمنى ئازاد قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1412. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « ألا أُخْبِرُكَ بِأَحبِّ الكَلامِ إلى اللَّهِ؟ إنَّ أحبَّ الكَلامِ إلى اللَّه: سُبْحانَ اللَّه وبحَمْدِهِ » « ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق بولغان سۆزنى ساڭا ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق بولغان سۆز: ‹ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەيمەن›، دېگەن سۆزدۇر »، د ېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1410~1412): يۇقىرىقى زىكىرلەر ئاللاھ تائالانى مۇقەددەس ۋە پاك دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە تۈرلۈك ھەمدۇسانانى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقتىن كىشىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىدە، يامانلىقلارنىڭ (كىچىك گۇناھلارنىڭ) ئەپۇ قىلىنىشىدا ۋە شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىشتا ئەھمىيىتى چوڭدۇر. بەزىلەر يۇقىرىقى زىكىرلەر پەقەت كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ. چوڭ گۇناھلارغا ئايرىم تەۋبە قىلىش لازىم، دەپ قارايدۇ.
1413. ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الطُّهُورُ شَطْرُ الإيمان، والحمدُ للَّهِ تَمْلأُ المِيْزانَ، وسُبْحَانَ اللَّهِ والحمْدُ للَّه تمْلآنِ أو تَمْلأُ ما بَيْنَ السَّمَواتِ والأرْضِ » « پاكلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر ۋە ‹ اَلْحَمْدُ للهِ › (جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر) نام-ئەمەل تارازىسىنى توشقۇزىدۇ، ‹ سُبْحَانَ اللهِ وَالْحَمْدُ للهِ › (ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر) ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىسىنى توشقۇزىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: 1) ھېسسىي ۋە مەنىۋى پاكلىققا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
2) يۇقىرىقى زىكىرلەرنىڭ ساۋابىنىڭ ناھايىتى كاتتا ئىكەنلىكى، ساۋابى شۇنداق كاتتا ئىكەنكى، يۇقىرىقى زىكىر كەلىمىلەر سۈرەتكە كېلىپ، جىسىمغا ئايلىنىدىغان بولسا، چوڭلۇقىنىڭ ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىسىنى توشقۇزىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
3) ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-مەرھەمىتىنىڭ كەڭ ۋە بۈيۈكلۈكى بايان قىلىنغان.
1414. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئەئرابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: « ماڭا مەن ئوقۇيدىغان سۆز ئۆگىتىپ قويغىن » ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قُل لا إله إلاَّ اللَّه وحدَهُ لا شرِيكَ لهُ، اللَّه أَكْبَرُ كَبِيراً، والحمْدُ للَّهِ كَثيراً، وسُبْحانَ اللَّه ربِّ العالمِينَ، ولا حوْل وَلا قُوَّةَ إلاَّ باللَّهِ العَزيز الحكيمِ » «‹ يالغۇز بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، ئاللاھ تائالا ناھايىتى بۈيۈكتۇر، ئاللاھ تائالاغا كۆپ مەدھىيە بولسۇن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت غالىب ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر›، دېگىن » ، دېدى. ئۇ كىشى: « بۇ سۆزلەرنى رەببىم ئۈچۈن ئوقۇيمەن، ئۆزۈم ئۈچۈن نېمە ئوقۇيمەن؟»، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قُل: اللَّهُمَّ اغْفِرْ لي وارْحمني، واهْدِني، وارْزُقْني » « ‹ئى ئاللاھ! مېنى مەغفىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، ماڭا رىزىق بەرگىن›، دېگىن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بۇ زىكىرلەرنى كۆپ ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ساپ ھەمدە ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزلەر ئىكەنلىكى. چۈنكى، بۇ زىكىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ شېرىكسىز، يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نالايىق سۈپەتلەردىن پاك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان سانالاردۇر.
2) كىشىنىڭ ئۆزىگە ئەڭ ياخشى، دىن ۋە دۇنياۋى ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇشۇ دۇئالار بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىش ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېلىپ بارىدىغان ھىدايەت تېپىش، ئەڭ مۇھىم دۇنيالىق ئىش بولسا، باشقىلاردىن تىلەشتىن ۋە خارلىقتىن ساقلايدىغان يېتەرلىك رىزىققا ئېرىشىش.
1415. سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇپ بولغاندا ئۈچ قېتىم ئىستىغفار ئېيتاتتى ۋە: « اللَّهُمَّ أَنْتَ السَّلامُ، ومِنكَ السَّلامُ، تباركْتَ يَاذا الجلالِ والإكرام » « ئى ئاللاھ، سەن نۇقسانلاردىن پاكتۇرسەن، سەن مۇئمىنلەرگە سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇرسەن، ئى ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك زات! سەن بۈيۈكتۇرسەن » ، دەيتتى. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئەۋزائىغا: « ئىستىغفار قانداق ئېيتىلىدۇ؟»، دېيىلىۋىدى، ئۇ: « ئەستەغفىرۇللاھ، دېسۇن » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1416. مۇغىرە ئىبن شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر بىر پەرز نامازنىڭ ئارقىسىدا: « لا إلهَ إلاَّ اللَّه وحْدَهُ لا شَرِيكَ لَهُ، لهُ المُلْكُ ولَهُ الحَمْدُ، وهُوَ عَلى كُلِّ شَيءٍ قَديرٌ . اللَّهُمَّ لا مانِعَ لما أعْطَيْتَ، وَلا مُعْطيَ لما مَنَعْتَ، ولا ينْفَعُ ذا الجَدِّ مِنْكَ الجدُّ » (يالغۇز بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئاللاھ تائالانىڭ شېرىكى يوق، بارچە مەخلۇقات ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە، جىمى مەدھىيە ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ. ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىگە تولۇق قۇدرىتى يېتىدۇ. ئى ئاللاھ! سەن بەرگەن نەرسىگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. سەن بەرمىگەن نەرسىنى ھېچكىم بېرەلمەيدۇ. سېنىڭ ئالدىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ) » ، دەيتتى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1417. ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ھەر نامازنىڭ كەينىدە سالام بەرگەندە: « يالغۇز بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، پۈتكۈل سەلتەنەت ۋە مەدھىيە ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇر. كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا ئىبادەت قىلىمىز. نازۇ-نېئمەت ۋە پەزىلەتلەر ۋە گۈزەل سانالار ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر. گەرچە كۇففارلار ياقتۇرمىسىمۇ دىنىمىزغا چىن قەلبىمىزدىن بېرىلگەن ھالدا بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، دەيمىز » ، دەيتتى.
ئۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر نامازدىن كېيىن بۇلارنى ئوقۇيتتى»، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1415~1417) : 1) ھەر پەرز نامازدىن كېيىن يۇقىرىقى ئىلاھىي كامالەت سۈپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىكىرلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) ئاللاھ تائالاغا قايتىش ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە قايىل بولۇشقا تەرغىب قىلىنغان.
1418. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: مۇھاجىرلارنىڭ پېقىرلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: « پۇلدارلار كاتتا دەرىجىلەرگە ۋە مۇقىم نېئمەتلەرگە ئېرىشتى. ئۇلار بىز ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇيدۇ، بىز روزا تۇتقاندەك روزا تۇتىدۇ. قوللىرىدىكى ئارتۇق مال-مۈلكى بىلەن ھەج قىلىدۇ، ئۆمرە قىلىدۇ، جىھاد قىلىدۇ ۋە سەدىقە قىلىدۇ » ، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ألا أُعلمُكُمْ شَيْئاً تُدْرِكُونَ بِهِ مَنْ سبَقَكُمْ، وتَسبِقُونَ بِهِ منْ بَعْدكُمْ . ولا يَكُونُ أَحَدٌ أَفْضلَ مِنْكُمْ إلاَّ مَنْ صَنَعِ مِثلَ ما صَنَعْتُم؟ » « مەن سىلەرگە شۇنداق بىر سۆزنى ئۆگىتىپ قويايكەنكى، سىلەر ئۇ سۆز بىلەن ئىلگىرىكىلەرگە يېتىۋالالايسىلەر، كېيىنكىلەردىن ئېشىپ كېتىسىلەر، سىلەر قىلغاننى قىلغان كىشىدىن باشقا ھېچ كىشى سىلەردىن ئارتۇق بولالمايدۇ » ، دېدى. ئۇلار: « ئى رەسۇلۇللاھ، شۇنداق قىلغىن » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « تُسبِّحُونَ، وتَحْمدُونَ وتُكَبِّرُونَ، خلْفَ كُلِّ صلاةٍ ثلاثاً وثَلاثينَ » « ھەر نامازنىڭ ئارقىسىدىن 33 قېتىمدىن ‹ سُبْحَانَ اللهِ، اَلْحَمْدُ ِللهِ، اَللهُ اَكْبَرُ › ، د ەڭلار » ، دېدى.
ئەبۇ سالىھ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ئوقۇش رەۋىشىدىن سورالغاندا: « ئۈچ سۆزنىڭ ھەر بىرى ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇلسۇن » ، دېدى.
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: كەمبەغەل مۇھاجىرلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: « بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى ئاڭلاپ، پۇلدارلارمۇ شۇنداق ئوقۇدى » ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: « ذلكَ فَضْلُ اللَّه يُؤْتِيهِ منْ يشاءُ » « ئەنە شۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلىدۇركى، ئۇنى خالىغان كىشىگە ئاتا قىلىدۇ » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1419. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ سَبَّحَ اللَّه في دُبُرِ كُلِّ صلاةٍ ثَلاثاً وثَلاثينَ، وَحمِدَ اللَّه ثَلاثاً وثَلاثين، وكَبَّرَ اللَّه ثَلاثاً وَثَلاثينَ وقال تَمامَ المِائَةِ: لا إلهَ إلاَّ اللَّه وحْدَه لا شَريك لهُ، لَهُ المُلْكُ وَلَهُ الحمْد، وهُو على كُلِّ شَيءٍ قَدِيرٌ، غُفِرتْ خطَاياهُ وإن كَانَتْ مِثْلَ زَبدِ الْبَحْرَ » « كىمكى ھەر نامازدىن كېيىن 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتىسا، 33 قېتىم ھەمد ئېيتسا، 33 قېتىم تەكبىر ئېيتسا، يۈزىنچى قېتىمدا ‹ لآاِلَهَ اِلاَّ اللهُ وحْدَهُ لاَ شَرِيْكَ لَهُ، لَهُ المُلْكُ ولَهُ الحَمْدُ وَهَوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيْرُ › (يالغۇز بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، پۈتۈن سەلتەنەت ۋە جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر)، دېسە، ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپىكىدەك كۆپ بولسىمۇ، مەغفىرەت قىلىنىدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1420. كەئب ئىبن ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مُعقِّبَاتٌ لا يَخِيبُ قَائِلُهُنَّ أَو فَاعِلُهُنَّ دُبُرَ كُلِّ صلاةٍُ مكتُوبةٍ: ثَلاثاً وثَلاثينَ تَسْبِيحَةً، وَثَلاثاً وَثَلاثِينَ تَحْمِيدَةً، وَأَرْبَعاً وثَلاثِينَ تَكبِيرةً » « ھەر پەرز نامازنىڭ كەينىدىن ئېيتىلىدىغان تەسبىھلەر بولۇپ، ئۇلارنى ئېيتقۇچى نائۈمىد قالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ، 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتىش، 33 قېتىم ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە 33 قېتىم تەكبىر ئېيتىشتىن ئىبارەت » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1421. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازلارنىڭ كەينىدە بۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ پاناھ تىلەيتتى: « اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الجُبْنِ والْبُخلِ وَأَعوذُ بِكَ مِنْ أنْ أُرَدَّ إلى أرْذَل العُمُرِ وَأعُوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ الدُّنْيا، وأَعوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ القَبر » « ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ قورقۇنچاقلىقتىن، بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيمەن، بەك قېرىپ كېتىشتىن پاناھ تىلەيمەن، سەن بىلەن دۇنيانىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن ۋە سەن بىلەن گۆر ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن » .
― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1418~1421): 1) ھەر نامازدىن كىين بۇ زىكىرلەرنى يۇقىرىقى زىكىرلەر بىلەن قوشۇپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) بۇ سۆزلەرنى نامازنىڭ ئاخىرىدا سالام قىلىشتىن ئىلگىرى ئېيتاتتى، يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەسبىھنى بولسا، سالام بېرىپ بولۇپ، نامازنىڭ ئاخىرىدا ئېيتاتتى، دېگەن قاراشلارمۇ بار.
1422. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ: « يَا مُعَاذُ، وَاللَّهِ إنِّي لأُحِبُّكَ فقال: أُوصِيكَ يَا معاذُ لا تَدعَنَّ في دُبُرِ كُلِّ صَلاةٍ تقُولُ: ‹ اللَّهُمَّ أعِنِّي على ذِكْرِكَ، وشُكْرِكَ، وَحُسنِ عِبادتِكَ › » « ئى مۇئاز، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سېنى مەن چوقۇم ياخشى كۆرىمەن. ئاندىن ساڭا تەۋسىيە قىلىمەنكى، سەن ھەر نامازنىڭ ئارقىسىدا: ‹ئى ئاللاھ! سېنى زىكىر قىلىشىمغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ساڭا ئوبدان قۇلچىلىق قىلىشىمغا يار-يۆلەكتە بولغايسەن›، دېگەن دۇئانى ئوقۇشنى تەرك ئەتمىگىن » ، دېدى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇئاز ئىبن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
2) ئاللاھ تائالانى ئەسلەش مۇئمىننى ياراتقۇچىغا تەشەككۇر بىلدۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ، تەشەككۇر بولسا ئاللاھ تائالاغا راستچىللىق بىلەن قۇلچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
1423. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا تَشَهَّد أَحدُكُمْ فَليسْتَعِذ بِاللَّه مِنْ أرْبَع، يقولُ: اللَّهُمَّ إنِّي أعُوذُ بِكَ مِنْ عذَابِ جهَنَّمَ، وَمِنْ عَذَابِ القَبرِ، وَمِنْ فِتْنةِ المحْيَا والمَماتِ، وَمِنْ شَرِّ فِتْنَةِ المَسِيح الدَّجَّالِ » « سىلەرنىڭ بىرىڭلار تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئاللاھ تائالادىن تۆت نەرسىدىن پاناھ تىلىسۇن، يەنى ئۇ كىشى: ‹ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ جەھەننەمنىڭ ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن. قەبرىنىڭ ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن. ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن ۋە ساڭا سېغىنىپ كەززاب دەججالنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن›، دېسۇن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەدىستە سۆزلەنگەن ئىشلاردىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە قەبرە ئازابى، قەبرىدىكى سوئال-سوراقلار، دەججالنىڭ مەيدانغا كېلىشى قاتارلىق قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى بايان قىلىنغان.
1424. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا ئولتۇرغاندا تەشەھھۇد بىلەن سالامنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەيدىغان ئاخىرقى سۆزى بولسا: « اللَّهمَّ اغفِرْ لي ما قَدَّمتُ وما أَخَّرْتُ، وما أَسْرَرْتُ ومَا أعْلَنْتُ، وما أَسْرفْتُ، وما أَنتَ أَعْلمُ بِهِ مِنِّي، أنْتَ المُقَدِّمُ، وَأنْتَ المُؤَخِّرُ، لا إله إلاَّ أنْتَ » « ئى ئاللاھ! ئىلگىرى ۋە كېيىن قىلغان گۇناھلىرىمنى، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن، ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن، سەن خالىغان بەندەڭنى رەھمىتىڭگە بالدۇر ئېرىشتۈرىسەن، خالىغان بەندەڭنى رەھمىتىڭگە كېيىن ئېرىشتۈرىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالاغا تولۇق بويسۇنىدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ قۇلچىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقى.
2) ئىستىغفار ئېيتىشقا ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا باش ئېگىش تۇيغۇسىدا بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.
1425. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە بۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: « سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا وَبِحَمْدك ، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لي » « ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن ۋە ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. ئى ئاللاھ! مېنى مەغفىرەت قىلغىن » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1426. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە: « سُبُّوحٌ قدُّوسٌ ربُّ الملائِكةِ وَالرُّوحِ » « ئى ئاللاھ! سەن نۇقسانلاردىن خالىي، پاكتۇرسەن، بارلىق مەلائىكە ۋە جىبرىئىلنىڭ پەرۋەردىگارىدۇرسەن » ، دەيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1425~1426): ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش يۈزىسىدىن يۇقىرىقى سۆزلەرنى رۇكۇ-سەجدىلەردە دېيىش كېرەكلىكى.
1427. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « فَأَمَّا الرُّكوعُ فَعَظِّموا فيهِ الرَّبَّ، وأمَّا السُّجُودُ فَاجْتَهِدُوا في الدُّعاء فَقَمِنٌّ أنْ يُسْتَجَاب لَكُمْ » « رۇكۇدا بولسا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاڭلار (يەنى ‹ سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيْمُ › ، د ەڭلار)، سەجدىدە بولسا تىرىشىپ دۇئا قىلىڭلار، سەجدىدە قىلغان دۇئايىڭلار ئىجابەت بولۇشقا لايىق » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1428. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أقربُ ما يَكونُ العبْدُ مِن ربِّهِ وَهَو ساجدٌ، فَأَكثِرُوا الدُّعاءَ » « بەندىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى سەجدىدە تۇرغان ۋاقتىدۇر. شۇڭا، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1427~1428): رۇكۇدا تەسبىھ ئېيتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، تەسبىھنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ‹ سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيْمُ › بولۇپ، بىر قېتىم دېسە سۈننەت ئادا تاپىدۇ. ئۈچ قېتىم دېسە، تولۇق قىلغان بولىدۇ. ئون بىر قېتىم دېسە، كامىل ئادا قىلغان بولىدۇ. سەجدىدە ئىنسان بېشىنى زېمىنغا قويۇپ، ئاللاھ تائالاغا تولۇق باش ئەگكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇ ھالەتتە تەسبىھ ئېيتىش بىلەن بىرگە كۆپلەپ دۇئا قىلىش ياخشى. شۇڭا، سەجدىدىكى ھالەت كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن تۇرغان ھالىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەنىۋى جەھەتتىكى يېقىنلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ بەندىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
1429. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدە: اللَّهُمَّ اغفِرْ لي ذَنبي كُلَّهُ: دِقَّه وجِلَّهُ، وأَوَّله وَآخِرَهُ، وعلانيته وَسِرَّه » « ئى ئاللاھ تائالا! مېنىڭ گۇناھلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مەغفىرەت قىلغىن، كىچىكلىرىنى ۋە چوڭلىرىنى، ئالدىنقىلىرىنى ۋە كېيىنكىلىرىنى، ئاشكارىلىرىنى ۋە يوشۇرۇنلىرىنى مەغفىرەت قىلغىن » ، دەيتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1430. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاپالماي ئىزدەپ قارىسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇ ياكى سەجدىدە بولۇپ، مۇنداق دەۋاتقانىكەن: « سُبْحَانكَ وبحمدِكَ، لا إلهَ إلاَّ أنْتَ » « ئى ئاللاھ! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن ۋە ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق » .
يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنىڭ قولۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاپىنىغا تەگدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدە بولۇپ، ئىككى پۇتى تىكلەكلىك ئىكەن، ئۇ مۇنداق دەۋېتىپتىكەن: « اللَّهُمَّ إنِّي أَعُوذُ بِرضَاكَ مِنْ سَخَطِكَ، وبمُعافاتِكَ مِنْ عُقوبتِكَ، وَأَعُوذُ بِك مِنْكَ، لا أُحْصِي ثَنَاءً عليكَ أَنْتَ كما أثنيتَ على نَفْسِكَ » « ئى ئاللاھ! سېنىڭ رازىلىقىڭ ئارقىلىق غەزىپىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ قوغدىشىڭ بىلەن سېنىڭ ئازابىڭدىن پاناھ تىلەيمەن. سەن بىلەن سېنىڭ دوزىخىڭدىن پاناھ تىلەيمەن. سەن ئۆزۈڭگە سانا ئېيتقاندەك مۇكەممەل رەۋىشتە سانا ئېيتىشتىن ئاجىزدۇرمەن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى (1429~1430): 1) ئاللاھ تائالانىڭ پاكلىق ۋە ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ زىكىرلەرنى سەجدىدە ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) ئىنسان ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاپ، نۇرغۇن ھەمدۇسانالارنى ئېيتسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەزىمىتى ۋە بۈيۈكلىكىنىڭ چېكىگە يېتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتقان ھەمدۇسانالىرىنىڭ چېكىگە يېتەلمەيدۇ.
1431. سەئد ئىبن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَيعجِزُ أَحدُكم أنْ يكْسِبَ في كلِّ يوْمٍ أَلف حَسنَة » « سىلەرنىڭ بىرىڭلار كۈنىگە 1000 ياخشىلىق قىلىشقا قادىر بولالامدۇ؟»، دېدى. سورۇنداشلىرىدىن بىرى: « بىر ئادەم قانداقمۇ بىر كۈندە 1000 ياخشىلىق قىلالىسۇن؟»، دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « يُسَبِّحُ مِائةَ تَسْبِيحة، فَيُكتَبُ لهُ أَلفُ حسَنَةٍ، أوْ يُحَطُّ عنْهُ ألفُ خَطِيئَةٍ » « كىمكى ھەر كۈنى 100 قېتىم تەسبىھ ئېيتسا، ئۇنىڭغا 1000 ياخشىلىق يېزىلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن 1000 خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابى ئون ھەسسىگىچىلىك كۆپەيتىپ بېرىدىغانلىقى. ساۋابنىڭ ئون ھەسسە بېرىلىدىغانلىقى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىدۇر. بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابى 700 ھەسسىگىچە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىسمۇ بار. بۇ ھەدىستىكى « أو » (ياكى) بولسا « و » (ۋە) مەنىسىدە كەلگەن بولۇپ، يەنى ئۇ كىشىدىن 1000يامانلىق ئۆچۈرىلىدۇ، دېمەكچى. تەسبىھ ئارقىلىقمۇ ساۋابلار يېزىلىدۇ ۋە ئۆچۈرۈلىدۇ.
1432. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يُصْبِحُ عَلى كُلِّ سُلامَى مِنْ أَحدِكُمْ صَدَقةٌ: فكُلُّ تَسْبِيحةٍ صدقَةٌ، وكُلُّ تَحْمِيدَةٍ صَدَقَةٌ، وَكُلُّ تَهْلِيلَةٍ صَدَقَةٌ، وكُلُّ تَكْبِيرةٍ صدقَةٌ، وَأَمْرٌ بِالمعْرُوفِ صَدقَةٌ، وَنَهْيٌ عَنِ المُنكَرِ صدقَةٌ . وَيُجْزِيءُ مِنْ ذلكَ ركْعتَانِ يَرْكَعُهُما منَ الضُّحَى » « ھەر سەھەردە سىلەرنىڭ ھەر بىر ئۈگىلىرىڭلار ئۈچۈن بىر سەدىقە بېرىش لازىم بولىدۇ. ھەر بىر ‹ سُبْحَانَ اللهِ › ، د ېيىش سەدىقىدۇر. ‹ اَلْحَمْدُ ِللهِ › ، د ېيىش سەدىقىدۇر. ‹ لآاِلَهَ ﺇِﻻًََََّ اللهُ › ، د ېيىش سەدىقىدۇر. ‹ اَللهُ اَكْبَرُ › ، د ېيىش سەدىقىدۇر ۋە ياخشىلىققا بۇيرۇش بىر سەدىقىدۇر. يامانلىقتىن توسۇش بىر سەدىقىدۇر. چاشگاھ ۋاقتىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش بولسا يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسىگە كۇپايە قىلىدۇ » .
― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە تەننىڭ كېسەللىكلەردىن سالامەت بولغانلىقىغا تەشەككۇر بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان چاشگاھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى تەكىتلەنگەن.
1433. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى جۇۋەيرىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئەتىگىنى بامداتنى ئوقۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتكەندە جۇۋەيرىيە ئۆزى ناماز ئوقۇغان جايدا ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاشگاھ نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ قايتىپ كىرسە، ئۇ يەنە شۇ جايدا ئىكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مازلْتِ على الحال التي فارَقْتُكَ عَلَيْهَا؟ » « مەن چىقىپ كەتكەندىن تا ھازىرغىچە مۇشۇ ھالدا ئولتۇردىڭمۇ؟»، دېۋىدى، ئۇ: « ھەئە » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لَقَدْ قُلْتُ بَعْدِكِ أرْبَعَ كَلمَاتٍ ثَلاثَ مرَّاتٍ، لَوْ وُزِنَتْ بمَا قُلْتِ مُنْذُ الْيَومِ لَوَزَنْتهُنَّ: سُبْحَانَ اللَّهِ وبحمْدِهِ عَدَدَ خَلْقِهِ، وَرِضَاءَ نَفْسِهِ، وَزِنَةَ عرْشِهِ، ومِداد كَلمَاتِه » « مەن سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندىن كېيىن تۆت كەلىمە سۆزنى ئۈچ قېتىم ئوقۇدۇم. ئۇنى سېنىڭ بۈگۈن كەچكىچە ئوقۇغانلىرىڭ بىلەن ئۆلچەپ قارالسا، بۇ تۆت كەلىمە چوقۇم ئېغىر كېلىدۇ. ئۇلار: « ‹ سُبْحَانَ اللهِ وَبِحَمْدِهِ عَدَدَ خَلْقِهِ وَرِضَى نَفْسِهِ وَزنَةِ عَرْشِهِ وَمِدَادَ كَلِمَاتِهِ › (ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھ تائالاغا ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ سانىدەك كۆپ ھەمد ئېيتىمەن. ئاللاھ تائالا رازى بولغۇدەك ھەمد ئېيتىمەن. ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشىگە توغرا كەلگۈدەك ھەمد ئېيتىمەن. ئاللاھ تائالانىڭ كالامى يېزىلغان سىياھتەك كۆپ ھەمد ئېيتىمەن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: « سُبْحانَ اللَّهِ عددَ خَلْقِهِ، سُبْحَانَ اللَّهِ رِضَاءَ نَفْسِهِ، سُبْحانَ اللَّهِ زِنَةَ عَرْشِهِ، سُبْحَانَ اللَّهِ مِداد كَلماتِهِ » « ئاللاھ تائالانى ئۇ ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ سانىدەك كۆپ پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. ئاللاھ تائالانى ئۆزى رازى بولغۇدەك پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. ئاللاھ تائالانى ئەرشىگە توغرا كەلگۈدەك كۆپ پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھ تائالانى ئۇنىڭ كالامى يېزىلغان سىياھتەك كۆپ پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن » ، دېيىلگەن.
تىرمىزىينىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇۋەيرىيەگە: « ألا أُعلِّمُكِ كَلماتٍ تَقُولِينَها؟ سُبْحانَ اللَّهِ عَدَدَ خلْقِهِ، سُبْحانَ اللَّهِ عَددَ خَلْقِهِ، سُبْحانَ اللَّه عدد خَلْقِهِ، سُبْحانَ اللَّه رضي نَفْسِهِ، سُبْحان اللَّهِ رضي نَفْسِهِ، سُبْحانَ اللَّه رضي نَفْسِهِ، سُبحَانَ اللَّه زِنَةَ عرْشِهٍ، سُبحَانَ اللَّه زِنَةَ عرْشِهٍ، سُبحَانَ اللَّه زِنَةَ عرْشِهٍ، سُبحَانَ اللَّهِ مِدادَ كَلماتِهِ، سُبحَانَ اللَّهِ مِدادَ كَلماتِهِ، سُبحَانَ اللَّهِ مِدادَ كَلماتِه » « مەن ساڭا سەن ئوقۇيدىغان بىر قانچە سۆزلەرنى ئۆگىتىپ قويمايمۇ؟ 1) ‹ سُبْحَانَ اللهِ وَبِحَمْدِهِ عَدَدَ خَلْقِه › (ئاللاھ تائالانى ئۆزى ياراتقان مەخلۇقاتلىرىنىڭ سانىدەك پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن)، دەپ ئۈچ قېتىم دەيسەن. 2) ‹ سُبْحَانَ اللهِ وَرِضَى نَفْسِهِ › (ئاللاھ تائالا ئۆزى رازى بولغۇدەك پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن)، دەپ ئۈچ قېتىم دەيسەن. 3) ‹ سُبْحَانَ اللهِ وَزنَةِ عَرْشِهِ › (ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشىگە توغرا كەلگۈدەك پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن)، دەپ ئۈچ قېتىم دەيسەن. 4) ‹ سُبْحَانَ اللهِ وَمِدَادَ كَلِمَاتِهِ › (ئاللاھ تائالانىڭ كالامى يېزىلغان سىياھتەك كۆپ پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن)، دەپ ئۈچ قېتىم دەيسەن »، د ېگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىسلەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئاز ئەمەلگە كۆپ ساۋاب بېرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە مەزكۇر شەكىلدىكى زىكىرلەرنىڭ شەرىپى بايان قىلىنغان.
1434. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَثَلُ الذي يَذكُرُ ربَّهُ وَالذي لا يذكُرُهُ، مَثَل الحيِّ والمَيِّتِ » « پەرۋەردىگارىغا زىكىر ئېيتىپ تۇرىدىغان ئادەم تىرىك ئادەمگە ئوخشايدۇ. زىكىر ئېيتىپ تۇرمايدىغان ئادەم ئۆلۈك ئادەمگە ئوخشايدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: « مَثَلُ البَيْتِ الَّذي يُذْكَرُ اللَّه فِيهِ، وَالبَيتِ الذي لا يُذْكَرُ اللَّه فِيهِ، مَثَلُ الحَيِّ والمَيِّتِ » « ئاللاھ تائالانى ئەسلەپ تۇرىدىغان ئۆي بىلەن ئەسلەپ تۇرمايدىغان ئۆي ئۆلۈك بىلەن تىرىكنىڭ مىسالىغا ئوخشاش » ، دېيىلگەن.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: زىكىر ئېيتمىغان كىشى ئۆلۈككە ئوخشايدۇ. چۈنكى، زىكىرنى تەرك ئېتىش كىشىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ، غەپلەتتە قالدۇرىدۇ.
1435. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يقُولُ اللَّه تَعالى: أَنَا عِنْدَ ظَنِّ عبدي بي، وأنا مَعهُ إذا ذَكَرَني، فَإن ذَكرَني في نَفْسهِ، ذَكَرْتُهُ في نَفسي، وإنْ ذَكَرَني في ملإٍ، ذكَرتُهُ في ملإٍ خَيْرٍ منْهُمْ » « ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‹بەندەم مېنىڭ قانداق بولۇشۇمنى ئويلىسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق بولىمەن، ئۇ مېنى ياد ئەتسە، مەنمۇ ئۇنى ياد ئىتىمەن، ئەگەر ئۇ مېنى مەخپى ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى مەخپى ياد ئېتىمەن. ئەگەر ئۇ مېنى جامائە بار يەردە ياد ئەتسە مەن ئۇنى ئۇ جامائەدىنمۇ ياخشىراق جامائە بار يەردە ياد ئېتىمەن› » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئاللاھ تائالاغا قارىتا ياخشى ئويدا بولۇش زۆرۈركى، ئاللاھ تائالا تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ. گۇناھلارنى كەچۈرىدۇ. غەم-قايغۇلارنى كەتكۈزىدۇ. بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرنى ئۆز پاناھىغا ئالىدۇ. يامانلىقلارنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈش كۇفرىلىق ھېسابلىنىدۇ.
2) ئاللاھ تائالا بەندىسى بىلەن بىللە بولۇپ، بەندىسىنىڭ زىكىر-تەسبىھلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. سىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ. تائەت-ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىدۇ.
3) ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرلەر ئىچىدىكى ئالاھىدە شەخسلەر جىبرىئىلغا ئوخشاش ئالاھىدە پەرىشتىلەردىن ئەۋزەل بولىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ ئالاھىدىلىرى ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئەۋزەل بولىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئىچىدىكى ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتمەنلىرى پەرىشتىلەرنىڭ ئادەتتىكىلىرىدىن ئەۋزەل. پەرىشتىلەرنىڭ ئادەتتىكىلىرى ئىنسانلارنىڭ گۇناھكارلىرىدىن ئەۋزەل.
1436. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سبقَ المُفَرِّدُونَ » « مۇفەررىدلەر (ئاخىرەتتە) ھەممىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ » ، دېگەنىدى، ساھابىلەر: « ئى رەسۇلۇللاھ! مۇفەررىدلەر كىم؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « الذَّاكِرُونَ اللَّه كَثيراً والذَّاكِراتُ » « ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد قىلغۇچى ئاياللار » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: شەھۋەت ۋە لەززەتلەرگە ئەگىشىشتىن زىكىر بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنى تارتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئاخىرەتتە پەقەت تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلغان ھەمدە ئىخلاس بىلەن قىلغان كىشىلەرلا ئۇتۇپ چىققۇچىلاردۇر.
1437. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « أَفْضَلُ الذِّكرِ: لا إله إلاَّ اللَّه » « زىكىرنىڭ ئەۋزىلى ‹ لا إله إلاَّ اللَّه ›دۇر » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تەۋھىد كەلىمىسى ئاللاھ تائالانىڭ يەككە-يېگانىلىقىنى، شېرىكسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان سۆز بولغانلىقى ئۈچۈن، تەۋھىد كەلىمىسى ھەممىدىن ئەۋزەلدۇر. شۇنداقلا تەۋھىد كەلىمىسى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ ئەڭ ياخشى سۆزى بولۇپ، پەيغەمبەرلەر مۇشۇ سۆزنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن. بۇ سۆز جەننەتكە كىرىشنىڭ ۋە دوزاختىن نىجات تېپىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
1438. ئابدۇللاھ ئىبن بۇسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى: « ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئورۇندايدىغان ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەھكاملىرى كۆپ ئىكەن. مەن مەھكەم تۇرىدىغان بىرەرىنى ئېيتىپ بەرسەڭ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا يَزالُ لِسَانُكَ رَطْباً مِنْ ذِكْرِ اللَّهِ » « تىلىڭ ھەمىشە ئاللاھ تائالانىڭ زىكىرى بىلەن بولسۇن » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
1439. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ قال: سُبْحانَ اللَّهِ وبحَمدِهِ، غُرِستْ لهُ نَخْلَةٌ في الجَنَّةِ » « كىمكى ‹ سُبْحانَ اللَّهِ وبحَمدِهِ › ‹ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەيمەن›، دېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە بىر تۈپ خورما دەرىخى تىكىلىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىنىڭ كەڭلىكى، تەسبىھ ئېيتقان بەندىگە جەننەتكە خورما تىكىلىدىغانلىقى، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-مەرھەمىتى ئىكەنلىكى، بۇ سۆز ياكى ماجازى بولۇپ، ئەجىر-ساۋابىنىڭ زىيادىلىكىنى ۋە مۇقىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
1440. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لَقِيتُ إبراهيمَ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم لَيْلَةَ أُسْرِيَ بي فقال: يا مُحمَّدُ أقرِيءْ أُمَّتَكَ مِنِّي السَّلام، وأَخبِرْهُمْ أنَّ الجنَّةَ طَيِّبةُ التُّرُبةِ، عذْبةُ الماءِ، وأنَّها قِيعانٌ وأنَّ غِرَاسَها: سُبْحانَ اللَّه، والحمْدُ للَّه، ولا إله إلاَّ اللَّه واللَّه أكْبَرُ » « مەن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغان كېچىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئۇچراشتىم. ئۇ ماڭا: ‹ئى مۇھەممەد! ئۈممىتىڭگە مەندىن سالام ئېيتقىن، ئۇلارغا خەۋەر قىلغىنكى، جەننەت تۇپرىقى پاك، سۈيى تاتلىق بىپايان كەڭرى جايدۇر. ئۇنىڭ كۆچەتلىرى: ‹ سُبْحَانَ اللهِ والحَمْدُ للهِ ولآ اِلَهَ اِلاَّ اللهُ واللهُ اَكْبَرُ › (ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تائالا ئەڭ ئۇلۇغدۇر)، دېگەن سۆزلەردۇر›، دېدى » .
― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ لەفزىلەر بىلەن ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش جەننەتتىكى نازۇنېئمەتلەرنى زىيادە قىلىدىغانلىقى ۋە گۈلىستانلىقلارنى كۆپەيتىدىغانلىقى، شۇڭا مۇسۇلمان كىشى زىكىر ئېيتىشقا ئامراق بولۇشى لازىملىقى. بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان پەزلى-مەرھەمىتىدىن ئىكەنلىكى.
1441. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَلا أُنَبِّئُكُم بِخَيْرِ أَعْمَالِكُم، وأَزْكَاهَا عِند مليكِكم، وأَرْفعِها في دَرجاتِكم، وخَيْرٌ لَكُمْ مِنْ إِنْفَاق الذَّهَبِ والفضَّةِ، وخَيْرٌ لَكُمْ مِنْ أَنْ تَلْقوْا عدُوَّكم، فَتَضربُوا أَعْنَاقَهُم، ويضرِبوا أَعْنَاقكُم؟» « مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ياخشىراقى بولغان ۋە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نەزىرىدە پاكراقى، دەرىجەڭلار ئىچىدىكى يۇقىرىراقى بولغان ۋە سىلەر ئۈچۈن ئالتۇن-كۈمۈش سەدىقە قىلغاندىنمۇ، دۈشمەنلىرىڭلارغا ئۇچرىشىپ سىلەر ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا، ئۇلار سىلەرنىڭ بويۇنلىرىڭلارغا ئۇرغاندىنمۇ ياخشىراق بولغان ئەمەلدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟»، دېدى. ساھابىلەر: « شۇنداق قىلغىن، ئى رەسۇلۇللاھ » ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ذِكُر اللَّهِ تَعالى » « ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالدا ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىپ تۇرۇش ئەڭ پايدىلىق ۋە ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىنلىقتۇر. چۈنكى، پۈتۈن ۋاقىت، ئۆمۈرىنى زىكىر بىلەن ئۆتكۈزۈش كىشىلەرنى تەقۋادارلىققا ئۈندەپ، پىتنە-پاسات، نەپسى-خاھىشى ۋە يامانلىقتىن ساقلاپ، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىنى دائىم ئۇلاپ تۇرىدىغان جىھادنىڭ بىر تۈرىدۇر.
1442. سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئالدىغا تاش ياكى ئۇرۇقچا قويۇۋېلىپ، تەسبىھ ئېيتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يېنىغا كىردىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَلا أُخْبِرُك بما هُو أَيْسرُ عَليْكِ مِنْ هذا أَوْ أَفْضَلُ » فقالَ: « سُبْحانَ اللَّهِ عددَ مَا خَلَقَ في السَّماءِ، وَسُبْحانَ اللَّهِ عددَ ما خَلَقَ في الأَرْضِ، سُبحانَ اللَّهِ عددَ ما بيْنَ ذلك، وسبْحانَ اللَّهِ عدد ما هُوَ خَالِقٌ . واللَّه أَكْبرُ مِثْلَ ذلكَ، والحَمْد للَّهِ مِثْل ذلك، ولا إِله إِلا اللَّه مِثْل ذلكَ، ولا حوْل ولا قُوَّةَ إِلاَّ باللَّه مِثْلَ ذلك » « مەن ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ ئاسانراق ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق بىر كەلىمىنى دەپ بېرەيمۇ؟ » ، دەپ مۇنداق دېدى: « مەن ئاللاھ تائالا ئاسماندا ياراتقان مەخلۇقلار سانى باراۋېرىدە ئاللاھ تائالانى پاك دەپ بىلىمەن ۋە زېمىندا ياراتقان ۋە ئاسمان-زېمىن ئارىسىدا ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ سانى باراۋېرىدە ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ياراتماقچى بولغان نەرسىلەرنىڭ سانى باراۋىرىدە ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن ۋە شۇ نەرسىلەر باراۋىرىدە ئاللاھ تائالاغا ھەمد ئېيتىمەن ۋە شۇ نەرسىلەرنىڭ باراۋىرىدە بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق، دەيمەن ۋە شۇ نەرسىلەرنىڭ باراۋېرىدە كۈچ-قۇدرەت پەقەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، دەيمەن » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستىكى لەفزىلەر بىلەن زىكىر ئېيتىش تاش ۋە تەسۋى ئىشلىتىشتىنمۇ ياخشى. چۈنكى، تاشلارنى ۋە ئۇرۇقلارنى سانىغاندا ئۇنىڭ سانى چەكلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ سانى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىندا ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ سانىغا قارىغاندا ئازدۇر.
1443. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « أَلا أَدُلُّك على كَنْزٍ مِنْ كُنُوزِ الجنَّةِ؟ » « سېنى جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىن بىرىگە دالالەت قىلايمۇ؟»، دېدى. مەن: « بولىدۇ، قىلغىن ئى رەسۇلۇللاھ! » ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا حول ولا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ » « ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ » ، دېدى.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: « لاَحَوْلَ وَلاَقُوَّةَ اِلاَّ بِاللهِ »نى كۆپ ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. چۈنكى، بۇنى ئوقۇش ئاللاھ تائالاغا بويسۇنۇپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئىلكىگە تاپشۇرغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى. بەندىنىڭ بىرەر نەرسىگە ئىگە بولۇشى ياكى ياخشىلىققا ئېرىشىشى ۋە يامانلىقتىن دەپئىي قىلىشى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەنلا بولىدىغانلىقى.