245. باب ئۆرە تۇرغانــدىــمۇ، ئولــتۇرغانـدىـمۇ، ياتـقانـدىـمۇ ۋە تاھارەتسىز، جۇنۇب، ھەيـزدار بولـغانـدىمۇ ئاللاھ تائالانى ياد قىلىش توغرىسىدا، پەقەت جۇنۇب ۋە ھەيزدار ھالدا قۇرئان ئوقۇشــنىڭ بۇنىــڭدىن مۇستەسنالىــقى توغـرىسىـدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَاخْتِلاَفِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لآيَاتٍ لِّأُوْلِي الألْبَابِ... الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىَ جُنُوبِهِمْ﴾ شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 190-، 191- ئايەتلەر)
1444. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانى ھەر قانداق ۋاقىتتا ياد ئېتىپ تۇراتتى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا زىكىر ئېيتىشقا بولىدىغانلىقى ۋە زىكىرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
1445. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لو أَنَّ أَحَدكُمْ إِذا أَتَى أَهلَهُ قالَ: بِسْمِ اللَّهِ اللَّهُمَّ جَنِّبْنَا الشَّيطَانَ وَجنِّبِ الشَّيطانَ ما رزَقْتَنَا، فَقُضِي بيْنهُما ولَدٌ، لم يضُرّهُ » « سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئايالى بىلەن بىر تۆشەكتە بولماقچى بولسا، ‹ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنكى، ئى ئاللاھ! بىزنى شەيتاندىن يىراق قىلغىن، سەن بىزگە ئاتا قىلىدىغان پەرزەنتنىمۇ شەيتاندىن يىراق قىلغىن›، دېگەن دۇئانى ئوقۇسۇن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بالا بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا شەيتان ھەرگىزمۇ زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ دۇئانى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) ئەگەر ئايال شۇ دۇئا ئوقۇلۇپ باشلانغان جىمادا ھامىلىدار بولسا، بۇ دۇئانىڭ بەرىكىتى بىلەن تۇغۇلغان بوۋاق شەيتاننىڭ تېگىپ قويۇشى ۋە ئەزىيىتىدىن ئامان قالىدىغانلىقى.