246. باب ئۇخلىغاندا ۋە ئويغانغاندا نېمە ئوقۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا
1446. ھۇزەيفە ۋە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇخلاش ئۈچۈن ئورنىغا كەلگەندە: « بِاسمِكَ اللَّهُمَّ أَحْيَا وَأَمُوتُ » « ئى ئاللاھ! ياشايدىكەنمەن ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ ياشايمەن، ئۆلىدىكەنمەن ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ ئۆلىمەن » ، دەيتتى. ئويغانغاندا: « الحمْدُ للَّهِ الذِي أَحْيَانَا بعد مَا أَماتَنَا وَإِليْهِ النُّشورُ » « جىمى مەدھىيە بىزنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرىدىغان ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ، ھەممە ئاللاھ تەرەپكە قايتىدۇ » ، دەيتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئويغاق ۋە ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىش ئۈچۈن ئۇخلىغان ياكى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بۇ دۇئانى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. كېچە-كۈندۈز ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى بىلەن بولسا، كىشىنىڭ غەپلەتتە قالمايدىغانلىقى.