رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

248. باب ئەتىگەن-ئاخشامدا ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَاذْكُر رَّبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعاً وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالآصَالِ وَلاَ تَكُن مِّنَ الْغَافِلِينَ﴾ پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەن-ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكىر قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 205- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا وَمِنْ آنَاء اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَى﴾ مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن ۋە ھەمد ئېيتقىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە تاھا 130- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَار﴾ ئەتىگەن-ئاخشىمى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە غافىر 55- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فِي بُيُوتٍ أَذِنَ اللَّهُ أَن تُرْفَعَ وَيُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ يُسَبِّحُ لَهُ فِيهَا بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ﴾ ... رِجَالٌ لَّا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَن ذِكْرِ اللَّه ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە (مۇئمىنلەر) ئەتىگەن-ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا-سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نۇر 36- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّا سَخَّرْنَا الْجِبَالَ مَعَهُ يُسَبِّحْنَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِشْرَاقِ﴾ بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى (داۋۇدقا) بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى-ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ساد 18- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

1451. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ قال حِينَ يُصْبِحُ وحينَ يُمسِي: سُبْحانَ اللَّهِ وبحمدِهِ مِائَةَ مَرةٍ لَم يأْتِ أَحدٌ يوْم القِيامة بأَفضَلِ مِما جَاءَ بِهِ، إِلاَّ أَحدٌ قال مِثلَ مَا قال أَوْ زَادَ » « كىمكى ئەتىگەن-ئاخشامدا ‹ سُبْحَانَ اللهِ وَبِحَمْدِهِ › (ئاللاھ تائالانى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەيمەن)›نى 100 قېتىم دېسە، قىيامەت كۈنى شۇ كىشىنىڭ دېگىنىنى دېگەن ياكى ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق دېگەن ئادەمدىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئەمەلنى ئەكېلەلمەيدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: زىكىرنى كۆپ قىلغان كىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە زىكىرنىڭ چېكى يوق ئىكەنلىكى، زىكىرنى ئەتىگەنگە، ئاخشامغا خاس قىلىشنىڭ ھېكمىتى شۇكى، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە ئاخشامقى ۋاقىتلارنى دىنى ئىبادەت بىلەن باشلىغاندا، پۈتۈن كۈندىكى گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدىغانلىقى.

1452. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ، كېچە مېنى چايان چېقىۋالدى » ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أَما لَو قُلتَ حِينَ أمْسَيْتَ: أعُوذُ بِكَلماتِ اللَّهِ التَّامَّاتِ منْ شَرِّ ما خَلَقَ لم تَضُرَّك » «‹ ئاللاھ تائالانىڭ نۇقسانسىز مۇكەممەل كالامى بولغا قۇرئانغا سېغىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن›، دېگەن دۇئانى ئوقۇغان بولساڭ، ئۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيتتى، ئەمەسمۇ؟ » ، دېدى.

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پاناھ تىلىگەن كىشىنى ساقلايدىغانلىقى.

1453. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاڭ ئاتقاندا: « اللَّهُمَّ بِكَ أَصْبحْنَا وبِكَ أَمسَيْنَا وبِكَ نَحْيا، وبِكَ نَمُوتُ، وَإِلَيْكَ النُّشُورُ » « ئى ئاللاھ! سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇزدۇق ۋە سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن كەچ قىلدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ياشايمىز ۋە سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز، قىيامەت كۈنى سەن تىرىلدۈرىسەن » ، دەيتتى. كەچ كىرگەندە: « اللَّهُمَّ بِكَ أَمْسَيْنَا، وبِكَ نَحْيا، وبِك نمُوتُ وإِلَيْكَ المَصِير » « ئى ئاللاھ! سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن كەچ قىلدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ياشايمىز ۋە سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز، قىيامەت كۈنى سەن تىرىلدۈرىسەن » ، دەيتتى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

1454. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: « ئى رەسۇلۇللاھ، ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئېيتىدىغان سۆزلەردىن تەلىم بەرسەڭ » ، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قُلْ: « اللَّهُمَّ فَاطِرَ السَّمَواتِ والأرضِ عَالمَ الغَيْب وَالشَّهَادةِ، ربَّ كُلِّ شَيءٍ وَمَلِيكَهُ . أَشْهَدُ أَن لاَ إِله إِلاَّ أَنتَ، أَعُوذُ بكَ منْ شَرِّ نَفسي وشَرِّ الشَّيْطَانِ وَشِرْكهِ، قُلْها إِذا أَصْبحْتَ، وَإِذا أَمْسَيْتَ، وإِذا أَخذْتَ مَضْجِعَكَ » «‹ ئى ئاسمان-زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى، مەخپىي ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى، بارلىق شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھ! گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق، ساڭا سېغىنىپ نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ۋە شەيتان ئېزىقتۇرغان شېرىكلىكتىن پاناھ تىلەيمەن›، دېگىن. ئۇنى ئەتىگەن-ئاخشامدا ۋە ياتقان چېغىڭدا ئوقۇغىن » ، دېدى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

1455. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەچ كىرگەندە: « أَمْسَيْنَا وأَمْسى المُلكُ للَّهِ، والحمْدُ للَّهِ، لاَ إِلهَ إِلاَّ اللَّه وحْدَهُ لاَ شَريكَ لَه » « كەچ قىلدۇق، ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ھەممە نەرسە كەچ قىلدى. بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ھېچقانداق شېرىكى يوق يالغۇز بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھ يوق » ، دەيتتى. رىۋايەت قىلغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ سۆزلەرنىمۇ قوشۇپ دېدى، دەپ قارايمەن: ‹ لهُ المُلكُ وَلَه الحمْدُ وهُوَ عَلى كلِّ شَيءٍ قدِيرٌ، ربِّ أَسْأَلُكَ خَيْرَ مَا في هذِهِ اللَّيلَةِ، وَخَيْرَ مَا بَعْدَهَا، وأَعُوذُ بِكَ منْ شَرِّ مَا في هذِهِ اللَّيْلَةِ وشَرِّ ما بعْدَهَا، ربِّ أَعُوذُ بِكَ من الكَسَلِ، وَسُوءِ الكِبْرِ، أعوذُ بِكَ منْ عذَابٍ في النَّار، وَعَذَابٍ في القبر › ‹ بارلىق سەلتەنەت ۋە ھەمدۇسانا ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇر. پەرۋەردىگارىم! مەن سەندىن مۇشۇ كېچىدىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كېچىلەردىكى ياخشىلىقنى سورايمەن، ساڭا سېغىنىپ مۇشۇ كېچىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كېچىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ ھورۇنلۇقتىن ۋە قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ساڭا سېغىنىپ دوزاخ ئازابىدىن ۋە قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن › . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاڭ ئاتقاندا شۇ دۇئالارنى ئوقۇيتتى. دۇئانىڭ بېشىدا: ‹ أَصْبحْنَا وَأَصْبَحَ المُلْك للَّهِ › ‹ ئى ئاللاھ! تاڭ ئاتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىلەرمۇ تاڭ ئاتقۇزدى › ، دەيتتى». ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى (1453~1455): پەرۋەردىگارىنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ھىدايەت تىلەش ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىقىنى ۋە ئىلاھلىقىنى ئىقرار قىلغان ھالدا نىجاتلىق ۋە دۇنيا-ئاخىرەت ئەزىيەتلىرىدىن ئامانلىق ئۈمىد قىلىش ئۈچۈن ئۇخلىغاندا، ئويغانغاندا، ئەتىگەن-ئاخشاملاردا بۇ زىكىرلەرنى ئوقۇپ تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

1456. ئابدۇللاھ ئىبن خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « اقْرأْ: قُلْ هوَ اللَّه أَحَدٌ، والمعوِّذَتَيْن حِينَ تُمْسِي وَحِينَ تُصبِحُ، ثَلاثَ مَرَّاتٍ تَكْفِيكَ مِنْ كلِّ شَيْءٍ » « سەن سۈرە ئىخلاس، سۈرە فەلەق ۋە سۈرە ناسنى كەچتە ۋە ئەتىگەندە ئۈچ قېتىم ئوقۇساڭ، سېنىڭ ھەممە ئىشىڭغا كۇپايە قىلىدۇ » ، دېگەن.

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئەتىگەن-ئاخشامدا سۈرە ئىخلاس ۋە سۈرە فەلەق بىلەن سۈرە ناسنى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتىشتىن بۇرۇن بۇ سۈرىلەرنى ئوقۇپ، قولىغا ھۈرۈپ، بەدىنىنىڭ ئىككى قولى يەتكەن جايلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىلايدىغانلىقى.

1457. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە مۇنداق دەيتتى: « مَا مِنْ عَبْدٍ يَقُولُ في صَبَاحِ كلِّ يَوْمٍ ومَسَاءٍ كلِّ لَيْلَةٍ: بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لاَ يَضُرُّ مَع اسْمِهِ شيء في الأرضِ ولا في السماءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعلِيمُ، ثلاثَ مَرَّاتٍ، إِلاَّ لَمْ يَضُرَّهُ شَيءٌ » « بىرەر بەندە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە ھەر كۈنى ئاخشامدا: ‹ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەنكى، ئاللاھنىڭ ئىسمى بار يەردە زېمىن ۋە ئاسماندىكى ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر›، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم ئوقۇسا، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن يامانلىق ۋە زىيانلاردىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن بۇ زىكىرلەرنى ئوقۇش تەكىتلەنگەن.

2) بارلىق بالايىئاپەت، مۇسىبەتلەردىن ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەشتە ئاللاھ تائالاغىلا تايىنىش كېرەكلىكى. ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتى بىلەن ھەر قانداق بالايىئاپەتلەردىن ساقلايدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ