249. باب ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا نېمە ئوقۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ وَاخْتِلاَفِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لآيَاتٍ لِّأُوْلِي الألْبَابِ... الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىَ جُنُوبِهِمْوَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ﴾ شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھ تائالانى ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 190-، 191- ئايەتلەر) .
1458. ھۇزەيفە ۋە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇخلاش ئۈچۈن ئورۇنغا كەلگەندە: « باسْمِكَ اللَّهُمَّ أَحْيَا وَأَمُوتُ » « ئى ئاللاھ، ياشايدىكەنمەن، ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ ياشايمەن، ئۆلىدىكەنمەن، ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ ئۆلىمەن » ، دەيتتى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش يۈزىسىدىن ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ سۆزلەرنى دېيىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھەر دائىم ئۆلۈمگە تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكى.
1459. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى ۋە پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: « إِذَا أَوَيْتُمَا إِلى فِراشِكُما، أَوْ إِذَا أَخَذْتُمَا مَضَاجِعَكُما فَكَبِّرا ثَلاثاً وَثَلاثِينَ، وَسَبِّحَا ثَلاثاً وثَلاثِينَ، وَاحْمَدَا ثَلاثاً وَثَلاثِين » « سىلەر ئۇخلاش ئۈچۈن ئورۇنغا كەلگەندە 33 قېتىم تەكبىر ئېيتىڭلار، 33 قېتىم تەسبىھ ئېيتىڭلار، 33 قېتىم ھەمد ئېيتىڭلار » ، دېگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە: « التَّسْبِيحُ أَرَبعاً وَثَلاثِينَ » « 34 قېتىم تەسبىھ ئېيتىڭلار، دېدى » ، يەنە بىر رىۋايەتتە: « التَّكبيرُ أَربعاً وَثَلاثِينَ » « 34 قېتىم تەكبىر ئېيتىڭلار، دېدى » ، دېيىلگەن.
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
1460. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذا أَوَى أَحَدُكُم إِلى فِراشِهِ، فَلْيَنْفُض فِراشَهُ بداخِلَةِ إِزَارِهِ فإِنَّهُ لاَ يَدْرِي مَا خَلَفَهُ عَلَيْهِ، ثُمَّ يَقُولُ: بِاسْمِكَ رَبِّي وَضَعْتُ جَنْبي، وَبِكَ أَرْفَعُهُ، إِنْ أَمْسَكْتَ نَفْسِي فَارْحَمْها، وإِنْ أَرْسَلْتَهَا، فَاحْفَظْهَا بِمَا تَحْفَظُ بِه عِبادَكَ الصَّالحِينَ » « سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلاش ئۈچۈن ئورنىغا كەلگەن ۋاقىتتا كۆرپىسىنى ئىشتىنىنىڭ ئىچى تەرىپى بىلەن قېقىۋەتسۇن، چۈنكى كىشى ئەتىگەن تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئورنىغا نېمىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇ كىشى: ‹ئى رەببىم! سېنىڭ نامىڭ بىلەن يانپېشىمنى يەرگە قويدۇم، سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئۇنى يەردىن كۆتۈرىمەن، ئەگەر سەن مېنى قەبزى روھ قىلساڭ، ماڭا رەھىم قىلغىن، ئەگەر مېنى ھايات قالدۇرساڭ، ياخشى بەندىلىرىڭنى ساقلايدىغان نەرسە بىلەن ساقلىغىن›، دېسۇن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كۆرپىنى توپا ياكى پاسكىنا نەرسىلەر ۋەياكى زىيانلىق ھاشاراتلاردىن تازىلىۋېتىش ئۈچۈن كۆرپىدە يېتىشتىن بۇرۇن قېقىۋېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.
2) بۇ ھەدىستە كەلگەن دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. چۈنكى، بۇ دۇئادا ئۆز نەپسىنى پۈتۈنلەي ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش، روھى ۋە پىكىرىي خاتىرجەملىككە ئېرىشىش ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن.
1461. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياتقان چاغدا « فەلەق » سۈرىسى بىلەن « ناس » سۈرىسىنى ئوقۇپ، ئىككى قولىغا ھۈرۈپ، بەدىنىنى سىلايتتى.
يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كېچىسى تۈشىكىگە ياتقان چېغىدا ئىككى ئالىقىنىنى جۈپلەپ ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ، ئىككى ئالىقىنىغا ھۈرۈپ، بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن يېرىگىچە سىلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلاشتا بېشى، يۈزى ۋە ئالدى تەرىپى بىلەن باشلايتتى، شۇنى ئۈچ قېتىم قىلاتتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن بىزگە ئۇخلاشتىن بۇرۇن نېمە دېيىشىمىز ۋە نېمە قىلىشىمىزنى ئۆگەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇنىڭغا ئاللاھ تائالاغا تولۇق سېغىنىش ۋە زىيان-زەخمەتتىن خالاس تېپىش روھى سىڭگەن.
1462. بەرا ئىبن ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إِذَا أَتَيتَ مَضْجَعَكَ فَتَوضَّأْ وضُوءَكَ لِلصَّلاةِ، ثُمَّ اضْطَجِعْ عَلى شِقِّكَ الأَيمَنِ، وقلْ: اللَّهُمَّ أَسْلَمْتُ نفِسي إِلَيكَ، وَوَجَّهْتُ وَجْهِي إِلَيْكَ . وَفَوَّضتُ أَمري إِلَيْكَ، وَأَلَجَأْتُ ظَهرِي إِلَيْكَ، رغبةً ورهْبَةً إِلَيْكَ، لامَلجأَ ولا مَنجي مِنْكَ إِلاَّ إِليكَ، آمنتُ بِكِتَابِكَ الذِي أَنزَلْت، وَبِنَبِيِّكَ الذِي أَرسَلتَ، فإِنْ مِتَّ . مِتَّ على الفِطرةِ، واجْعَلهُنَّ آخِرَ ما تَقُولُ » « سەن ياتىدىغان چېغىڭدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ مۇنداق دېگىن: ‹ئى ئاللاھ! ئۆزۈمنى سېنىڭ ھۆكمىڭگە بويسۇنىدىغان قىلدىم. ئۆزۈمنى ۋە جىمى ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم. سېنىڭ ئازابىڭدىن قورقۇپ، ساۋابىڭنى ئۈمىد قىلىپ، ساڭا ئىلتىجا قىلىپ يۆلەندىم. سېنىڭ نازىل قىلغان كىتابىڭغا ۋە سەن ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈردۈم›، دەپ ياتقىن. ئەگەر شۇ كېچىسى قەبزى روھ بولساڭ، ئىمان بىلەن كېتىسەن. بۇ دۇئا سېنىڭ شۇ كۈنكى قىلغان ئاخىرقى سۆزۈڭ بولۇپ قالسۇن » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاھارەت بىلەن ۋە ئاللاھ تائالاغا بولغان قۇلچىلىقنى ئىپادە قىلىدىغان بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىپ ئۇخلاشنىڭ ياخشىلىقى.
1463. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇخلاش ئۈچۈن تۈشىكىگە جايلاشقاندا مۇنداق دەيتتى: « الحمْدُ للَّهِ الَّذي أَطْعَمنَا وسقَانا، وكفَانَا وآوانَا، فكمْ مِمَّنْ لا كافيَ لَهُ ولا مُؤْوِيَ » « بىزنى ئوزۇقلاندۇرغان، ئۇسسۇزلۇق بەرگەن، بىزگە كۇپايە قىلغان، بىزگە ئورۇن بەرگەن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇن. دۇنيادا نۇرغۇن ئىنسانلار باركى، ئۇلارنىڭ غەمخورلۇق قىلغۇچىسىمۇ يوق، پاشپاناسىمۇ يوق » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ دۇئانى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىنى ساناش ۋە ئۆزىدىكى نەرسىلەرنى قەدىرلەپ ئاللاھ تائالاغا تېخىمۇ شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئۆزىدىن تۆۋەن شارائىتتىكى كىشىلەرگە قاراش لازىملىقى.
1464. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇخلىماقچى بولسا ئوڭ قولىنى مەڭزىنىڭ ئاستىغا قويۇپ: « اللَّهمَّ قِني عَذَابكَ يوْمَ تَبْعثُ عِبادَكَ » « ئى ئاللاھ! مېنى، بەندىلىرىڭنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈندىكى ئازابىڭدىن ساقلىغىن » ، دەيتتى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ دۇئالارنىڭ پەزىلىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان بوي ئېگىشى ھەمدە داۋاملىق ئەسلەش، ئۇلۇغلاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.