رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

250. باب دۇئانىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ﴾ پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ، ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە غافىر 60- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿ادْعُواْ رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً إِنَّهُ لاَ يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ﴾ پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە-كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەئراف 55- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ﴾ مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە بەقەرە 186- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿أَمَّن يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ﴾ بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا، ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان كىم؟ («قۇرئان كەرىم» سۈرە نەملە 62- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

1465. نوئمان ئىبن بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « الدُّعاءُ هوَ العِبَادةُ » « دۇئا قىلىشنىڭ ئۆزى بىر ئىبادەتتۇر » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىسلامدىكى ئىبادەتنىڭ بارلىق تائەتلەرنى ۋە ئاللاھ تائالاغا بوي ئېگىشنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، لېكىن بۇنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ دۇئانىڭ ناماز، روزا، زاكات، ھەجگە ئوخشاش پەرز ئىبادەتلەرنىڭ ئورنىنى باسىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. دۇئانىڭ پەقەت ئومۇمىي ئىبادەتلەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق ئىزھار قىلىشنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

1466. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزى ئىخچام، مەزمۇنى چوڭقۇر دۇئالارنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇنداق بولمىغانلىرىنى تەرك ئېتەتتى. ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاسان ئىبارىلەر بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، دۇئا قىلغۇچى ئاسان يول بىلەن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن مەزمۇنى مول، چوڭقۇر، قىسقا ئىبارىلەر بىلەن دۇئا قىلىش كېرەكلىكى.

1467. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: « اللَّهُمَّ آتِنَا في الدُّنْيَا حَسَنَةً، وفي الآخِرةِ حَسنَةً، وَقِنَا عَذابَ النَّارِ » « ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن ۋە دۇنيا-ئاخىرەت ياخشىلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز ھەر دائىم ئوقۇيدىغان دۇئالار بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ساھابىلەرنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە ھېرىس ئىكەنلىكى.

1468. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اللَّهُمَّ إِنِي أَسْأَلُكَ الهُدَى، وَالتُّقَى، وَالعفَافَ، والغنَى » « ئى ئاللاھ! سېنىڭ توغرا يولغا يېتەكلىشىڭنى، تەقۋادار قىلىشىڭنى، ھارامدىن پاك قىلىشىڭنى ۋە باي قىلىشىڭنى تىلەيمەن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلغان بۇ دۇئا گەرچە قىسقا بولسىمۇ، قوبۇل بولسا مۇسۇلماننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقى.

1469. تارىق ئىبن ئەشيەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىرەر كىشى ئىسلامغا ئىمان كەلتۈرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا نامازنى ئوقۇشنى ئۆگەتكەندىن كېيىن بۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلىشقا بۇيرۇيتتى: « اللَّهُمَّ اغفِرْ لي، وَارْحمْني، واهْدِني، وعافِني، وارْزُقني » « ئى ئاللاھ! مېنى مەغفىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، مېنى سالامەت قىلغىن، ماڭا رىزىق ئاتا قىلغىن » .

تارىق ئىبن ئەشيەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: بىر ئادەم كېلىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ! مەن پەرۋەردىگارىمدىن سورىغان چاغدا نېمە دەيمەن؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قُلْ: اللَّهُمَّ اغْفِرْ لي، وَارْحَمْني، وَعَافِني، وَارْزُقني، فَإِنَّ هَؤُلاءِ تَجْمَعُ لَكَ دُنْيَاكَ وَآخِرَتَكَ » « ئى ئاللاھ! مېنى مەغفىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى سالامەت قىلغىن، ماڭا رىزىق ئاتا قىلغىن، دېگىن، چۈنكى بۇ دۇئا دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاجەتلىرىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان » ، دېدى. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) نامازغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكى، چۈنكى ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكىدۇر.

2) ھەدىستىكى دۇئاغا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. چۈنكى، بۇ دۇئاغا ئىنساننىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مۇراد-مەقسەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن.

1470. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اللَّهُمَّ مُصَرِّفَ القُلُوبِ صرِّفْ قُلوبَنَا عَلَى طَاعَتِكَ » « ئى دىللارنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! دىللىرىمىزنى ساڭا ئىتائەت قىلىشقا ئۆزگەرتكىن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ دۇئادا تائەتكە يېتەكلەش ۋە تائەتنى داۋاملاشتۇرۇش تىلەنگەنلىكتىن، بۇ دۇئانىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

1471. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « تَعَوَّذُوا بِاللَّهِ مِنْ جَهْدِ الْبَلاءِ، وَدَرَكِ الشَّقَاءِ، وَسُوءِ الْقَضَاءِ، وَشَماتَةِ الأَعْدَاءِ » « ئېغىر ئەھۋالدا قېلىشتىن، بەختسىزلىككە دۇچار بولۇپ قېلىشتىن، بالا-قازاغا يولۇقۇشتىن ۋە دۈشمەنلەرنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارغا دۇچار بولۇشتىن ئاللاھ بىلەن پاناھ تىلەڭلار » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ دۇئا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ كۆڭۈلسىزلىكلىرىدىن ساقلايدىغان، مەزمۇنى كەڭ دۇئا بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلغان.

1472. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « اللَّهمَّ أَصْلِحْ لي دِيني الَّذي هُوَ عِصْمَةُ أَمْرِي، وأَصْلِحْ لِي دُنْيَايَ التي فِيهَا مَعَاشِي، وَأَصْلِحْ لي آخِرَتي الَّتي فِيها معادي، وَاجْعلِ الحيَاةَ زِيادَةً لي في كُلِّ خَيْرٍ، وَاجْعَلِ الموتَ راحَةً لي مِنْ كُلِّ شَرٍ » « ئى ئاللاھ! مېنىڭ دىنىمنى ياخشى قىلغىنكى، ئۇ مېنىڭ ھەممە ئىشىمدا ئېسىلىدىغان نەرسەمدۇر. دۇنيايىمنى ياخشىلاپ بەرگىنكى، ئۇ مېنىڭ ياشاش ئورنۇمدۇر. ئاخىرىتىمنى ياخشىلاپ بەرگىنكى، ئۇ مېنىڭ قايتىدىغان جايىمدۇر. ياخشىلىق ھالەتلەردە ھاياتىمنى ئۇزۇن قىلىپ بەرگىن، يامانلىق ھالەتلەردە ئۆلۈمنى ئارام قىلىپ بەرگىن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممەتلىرىگە تەلىم بېرىش ئۈچۈن بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلاتتى. بۇ دۇئانىڭ خۇلاسىسى: «ئى ئاللاھ! ئۆمرۈمنى سەن ياقتۇرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشىمغا مۇيەسسەر قىلغىن ۋە سەن ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن مېنى ساقلىغىن»، دېگەن بولىدۇ.

1473. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: « قُلْ: اللَّهُمَّ اهْدِني، وَسدِّدْني » « ئى ئاللاھ! مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە توغرا ئادەم قىلغىن، دېگىن » ، دېگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: « اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْهُدى وَالسَّدَادَ » « ئى ئاللاھ! سەندىن ھىدايەتنى ۋە توغرۇلۇقنى سورايمەن، دېگىن » ، دېگەن. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇۋەپپەقىيەت ۋە توغرا يولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) دۇئا قىلغۇچى ئۆز ئەمەلىنى توغرىلاشقا ۋە تۈزەشكە ۋە سۈننەتتە چىڭ تۇرۇشقا ھېرىسمەن بولۇشنىڭ لازىملىقى.

1474. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: « اللَّهُمَّ إِنِّـي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْعجْزِ والكَسَلِ وَالجُبْنِ وَالهَرَمِ، وَالْبُخْلِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ القبْرِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ الْمَحْيا وَالْمَمَاتِ » « ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، بەكمۇ قېرىپ كېتىشتىن، بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيمەن. ساڭا سېغىنىپ، گۆر ئازابىدىن، ھاياتلىقنىڭ پىتنىلىرىدىن ۋە ئۆلۈمنىڭ پىتنىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن » .

يەنە بىر رىۋايەتتە: « وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغَلَبَةِ الرِّجَالِ » « ئېغىر قەرزدىن ۋە زۇلۇمدىن پاناھ تىلەيمەن » ، دېيىلگەن. ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يامانلىقلاردىن نىجاتلىق تېپىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىش ۋە شۇ يامانلىقلارغا دۇچار بولۇپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.

1475. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: « ماڭا نامىزىمدا ئوقۇيدىغان بىر دۇئا تەلىم بەرسەڭ » ، دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنۇ دۇئانى ئوقۇشنى تەلىم بەرگەن: « اللَّهمَّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي ظُلْماً كثِيراً، وَلا يَغْفِر الذُّنوبَ إِلاَّ أَنْتَ، فَاغْفِر لي مغْفِرَةً مِن عِنْدِكَ، وَارحَمْني، إِنَّكَ أَنْتَ الْغَفور الرَّحِيم » « ئى ئاللاھ! مەن ئۆزۈمگە كۆپ زۇلۇم قىلدىم. گۇناھلارنى سەنلا مەغفىرەت قىلىسەن، مەرھەمەت قىلىپ ماڭا كەڭ مەغفىرەت ۋە رەھىم قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىسەن ۋە كۆيۈنگۈچىدۇرسەن » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەلىم بەرگەن بۇ سۆزلەرنى ئۆيدە ۋە نامازدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

1476. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: « اللَّهمَّ اغْفِر لي خَطِيئَتي وجهْلي، وإِسْرَافي في أَمْري، وما أَنْتَ أَعلَم بِهِ مِنِّي، اللَّهمَّ اغفِرْ لي جِدِّي وَهَزْلي، وَخَطَئي وَعمْدِي، وَكلُّ ذلِكَ عِنْدِي، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لي مَا قَدَّمْتُ وَمَا أَخَّرْتُ، وَما أَسْررْتُ وَمَا أَعْلَنْتُ، وَمَا أَنْتَ أَعْلَمُ بِهِ مِنِّي، أَنْت المقَدِّمُ، وَأَنْتَ المُؤَخِّرُ، وَأَنْتَ عَلى كلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ » « رەببىم، مېنىڭ گۇناھلىرىمنى، نادانلىقىمنى، ئىشلىرىمدىكى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىمنى ۋە سەن مەندىنمۇ ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەستەن، بىلمەستىن، بىلىپ تۇرۇپ ۋە چاقچاق يوسۇندا قىلىپ تاشلىغان گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە تېپىلىدۇ. ئى ئاللاھ! ئىلگىرى ۋە كېيىن قىلغان گۇناھلىرىمنى، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن. خالىغان بەندەڭنى رەھمىتىڭگە بالدۇر ئېرىشتۈرىسەن، خالىغان بەندەڭنى رەھمىتىڭگە كېيىن ئېرىشتۈرىسەن. سەن ھەممىگە قادىرسەن » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئۈممەتلىرىگە مەزمۇنى مول دۇئالار بىلەن تەلىم بەرگەنلىكى ۋە ئاللاھ تائالاغا سۆز-ھەرىكەتلىرىدە كەمتەرلىكنى بىلدۈرگەنلىكى.

2) ھەر قانداق ئەھۋال ۋە ھەر قانداق چاغدا گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش كېرەكلىكى.

1477. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئاسىدا مۇنداق دەيتتى: « اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ ما عمِلْتُ ومِنْ شَرِّ ما لَمْ أَعْمَلْ » « ئى ئاللاھ! قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە قىلمىغان ئەمەللىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سادىر قىلغان ياكى سادىر قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلەش، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن قۇلچىلىق قىلىپ، تەكەببۇرلۇق ۋە مەنمەنچىلىكنى تەرك ئەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

1478. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان: « اللَّهمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ زَوَالِ نِعْمَتِكَ، وَتَحَوُّلِ عَافِيَتِكَ وَفُجاءَةِ نِقْمَتِكَ، وَجميعِ سخَطِكَ » « ئى ئاللاھ! سەن بىلەن بەرگەن نېئمىتىڭنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن، ئامانلىقىمنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن، تۇيۇقسىز جازالىشىڭدىن ۋە جىمى غەزەبلىرىڭدىن پاناھ تىلەيمەن » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) نېئمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن، تىنچلىقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن، ئاللاھ تائالانىڭ تۇيۇقسىز جازالىشىدىن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان بارلىق ئىشلاردىن پاناھ تىلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) ئاللاھ تائالا بەرگەن نېئمەتلەرنى ۋە ئامانلىقنى داۋاملىق ساقلاش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش كېرەكلىكى.

1479. زەيد ئىبن ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: « اللهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ العَجْزِ وَالكَسَلِ، والبُخْلِ وَالهَرم، وعَذَاب الْقَبْر، اللَّهُمَّ آتِ نَفْسِي تَقْوَاهَا، وَزَكِّهَا أَنْتَ خَيرُ مَنْ زَكَّاهَا، أَنْتَ ولِيُّهَا وَموْلاَهَا، اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ عِلمٍ لا يَنْفَعُ، ومِنْ قَلْبٍ لاَ يخْشَعُ، وَمِنْ نَفْسٍ لا تَشبَعُ، ومِنْ دَعْوةٍ لا يُسْتجابُ لهَا » « ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن ۋە بەك قېرىپ كېتىشتىن، قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! نەپسىمنى تەقۋادار قىلغىن ۋە ئۇنى پاك قىلغىن، ئۇنى پەقەتلا سەنلا پاك قىلىسەن، سەن ئۇنى قوغدىغۇچىسەن ۋە ئۇنىڭ ئىگىسىدۇرسەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ پايدىسىز ئىلىمدىن، بويسۇنماس قەلبتىن، تويماس نەپسىدىن ۋە ئىجابەت بولماس دۇئادىن پاناھ تىلەيمەن » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ھەدىستە سۆزلەنگەن ئىشلاردىن پاناھ تىلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) تەقۋادارلىققا ۋە ئىلىم تارقىتىش ھەمدە ئىلىمگە ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

3) مۇئمىننىڭ تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتۇشى، تائەت-ئىبادەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئوبدان ئادا قىلىشى كېرەكلىكى، كۆڭلىنى ياخشىلىق بىلەن ساپلاشتۇرۇشى ۋە ئىشلارنىڭ غەلىبىلىك، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تايىنىشى كېرەكلىكى.

4) دىنىي ۋە دۇنياسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىلىم تەلەپ قىلىش، پايدىسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىپ، قانائەتچان بولۇش كېرەكلىكى.

1480. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: « اللَّهُمَّ لَكَ أَسْلَمْتُ، وَبِكَ آمَنْتُ، وعلَيْكَ تَوَكَّلْتُ، وَإِلَيْكَ أَنَبْتُ وَبِكَ خَاصَمْتُ، وإِلَيْكَ حَاكَمْتُ . فاغْفِرْ لي ما قَدَّمْتُ، وما أَخَّرْتُ، وَمَا أَسْررْتُ ومَا أَعلَنْتُ، أَنْتَ المُقَدِّمُ، وَأَنْتَ المُؤَخِّرُ، لا إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ » « ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئەمرىڭگە بويسۇندۇم، ساڭا ئىشەندىم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم. قەلبىم بىلەن ساڭا يۈزلەندىم. سەن بەرگەن قورال بىلەن دۈشمىنىمنى يەڭدىم. ئىنكار قىلغانلارنى ساڭا قويدۇم. ئىلگىرى-كېيىن قىلغان ۋە يوشۇرۇن-ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغىن. قىيامەتنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا، دۇنيانىڭ ئاخىرقى ۋاقتىدا مېنى تىرىلدۈرگۈچىدۇرسەن. سەن يالغۇز بىر ئىلاھتۇرسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق » .

بەزى رىۋايەت قىلغۇچىلار: « ولا حَولَ ولا قوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ » (ئاللاھنىڭ مەدىتى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ) »، د ېگەننى قوشتى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالا تەرەپكە قايتىش، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھ تائالاغا تايىنىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلىش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

1481. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلاتتى: « اللَّهُمَّ إِني أَعوذُ بِكَ مِن فِتنةِ النَّارِ، وعَذَابِ النَّارِ، وَمِن شَرِّ الغِنَى وَالفَقْر » « ئى ئاللاھ! سەن بىلەن دوزاخنىڭ پىتنىسىدىن، دوزاخنىڭ ئازابىدىن، بايلىق ۋە كەمبەغەللىكنىڭ يامانلىقلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن » .

― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) دوزاختىن قورقۇش ۋە دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدىغان گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن يىراق بولۇشى كېرەكلىكى.

2) بايلىق ۋە نامراتلىقتىن توغرا پايدىلانغان ئادەمگە ھەر ئىككىسىدە ياخشىلىق بارلىقى.

3) بايلىق ۋە نامراتلىق پىتنىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

1482. زىياد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: « اللَّهمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِن منْكَرَاتِ الأَخلاقِ، والأعْمَالِ والأَهْواءِ » « ئى ئاللاھ! سەن بىلەن يامان ئەخلاقلاردىن، يامان ئەمەللەردىن، يامان ھەۋەسلەردىن پاناھ تىلەيمەن » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: يامان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەشكە، ئېسىل ئەخلاق ۋە ياخشى ئەمەللەردە چىڭ تۇرۇشقا چاقىرىلغان.

1483. شەكەل ئىبن ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « قُلْ: اللَّهُمَّ إِني أعوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ سَمْعِي، وَمِن شَرِّ بصَرِي، وَمِن شَرِّ لسَاني، وَمِن شَرِّ قَلبي، وَمِن شَرِّ منِيِّي » « ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا دۇئا ئۆگىتىپ قويغىن » ، دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ‹ئى ئاللاھ! سەن بىلەن قۇلىقىمنىڭ يامانلىقىدىن، كۆزۈمنىڭ يامانلىقىدىن، تىلىمنىڭ يامانلىقىدىن، قەلبىمنىڭ يامانلىقىدىن ۋە جان يېرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن›، دېگىن » ، دېگەن. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كۆز، قولاق، تىل، قەلب ۋە ئەۋرەتنى ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇلارنى گۇناھتىن ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

2) ئاللاھ تائالا مۇنۇ سۆزىدە: ﴿إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولـئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْؤُولاً﴾ (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى، سەزگۈ ئەزالىرى)نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 36- ئايەت) دەپ ئېيتقانغا ئوخشاش بۇ ھەدىستە ئىنساننىڭ ئۆز سەزگۈ ئەزالىرى ئۈستىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

1484. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: « اللَّهمَّ إِنِّي أَعُوُذُ بِكَ مِنَ الْبرَصِ، وَالجُنُونِ، والجُذَامِ، وسّيءِ الأَسْقامِ » « ئى ئاللاھ! سەن بىلەن ئاق كېسەلدىن، روھىي كېسەلدىن، ماخاۋ كېسىلىدىن ۋە يامان ئاغرىقلاردىن پاناھ تىلەيمەن » . ― ئەبۇ داۇۋد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: ئىنسان چىداشلىق بېرەلمەي سەۋر قىلغانلىق ئەجرىگە ئېرىشەلمەيدىغان ھالاكەتلىك، ئېغىر كېسەللەردىن پاناھ تىلەش كېرەكلىكى.

1485. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: « اللَّهمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الجُوعِ، فإِنَّهُ بِئْسَ الضَّجيعُ، وَأَعُوذُ بِكَ من الخِيانَةِ، فَإِنَّهَا بئْسَتِ البِطانَةُ » « ئى ئاللاھ! سەن بىلەن ئاچلىقتىن پاناھ تىلەيمەن، ئاچ قېلىش نېمىدېگەن يامان. سەن بىلەن خىيانەتتىن پاناھ تىلەيمەن، خىيانەت قىلىش نېمىدېگەن يامان » . ― ئەبۇ داۇۋد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قاتتىق ئاچارچىلىقتىن ۋە خىيانەتكە ئادەتلىنىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلاردىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ پاناھ تىلەش كېرەكلىكى.

1486. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇنىڭ ئالدىغا بىر قۇل كېلىپ: « مەن مېنىڭ ئازاد بولۇشۇم ئۈچۈن بەلگىلەنگەن پۇلنى تېپىشتىن ئاجىز كەلدىم. ماڭا ياردەم قىلغىن » ، دېدى. ئەلى: « مەن ساڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگىتىپ قويغان بىر نەچچە كەلىمىلەرنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ تاغدەك قەرزىڭ بولسىمۇ ئاللاھ سېنى ئۇنىڭدىن خالاس قىلىدۇ. سەن ‹ئى ئاللاھ! ماڭا ھالال رىزقى ئاتا قىلىپ مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن، پەزلى مەرھەمىتىڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭدىن غەيرىيدىن بىھاجەت قىلغىن›، دېگىن » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ كەلىمىلەر بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشىلىقى، قەرزنىڭ ئادا بولۇشىدا ۋە كىشىلەرگە بىھاجەت بولۇشتا بۇ دۇئانىڭ بەرىكىتى نامايان بولىدۇ.

1487. ئىمران ئىبن ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىمراننىڭ ئاتىسى ھۇسەينگە دۇئا قىلىدىغان مۇنداق ئىككى سۆزنى ئۆگىتىپ قويغان: « اللَّهُمَّ أَلهِمْني رُشْدِي، وأَعِذني مِن شَرِّ نفسي » « ئى ئاللاھ! ھەق يولدا چىڭ تۇرۇشۇمنى مېنىڭ كۆڭلىمگە سالغىن، نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن مېنى ساقلىغىن » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نەپسىنىڭ شەررىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە بارلىق ئىشلاردا ھىدايەت، توغرۇلۇق، دۇرۇسلۇق تىلەش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.

1488. ئەبۇلفەزلى ئابباس ئىبن ئابدۇل مۇتتەلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: « ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا ئاللاھ تائالادىن تىلەيدىغان بىرەر نەرسىنى ئۆگىتىپ قويساڭ » ، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: « سَلُوا اللَّه العافِيةَ » « ئاللاھ تائالادىن ئامانلىقنى تىلەڭلار » ، دېدى. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مەن يەنە بېرىپ: « ئى رەسۇلۇللاھ، ماڭا ئاللاھ تائالادىن تىلەيدىغان بىرەر نەرسىنى ئۆگىتىپ قويساڭ » ، دېسەم، ئۇ ماڭا: « يَا عبَّاسُ يا عمَّ رَسولِ اللَّهِ ، سَلُوا اللَّه العافيةَ في الدُّنْيا والآخِرةِ » « ئى ئابباس! ئى رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالادىن ئامانلىقنى تىلەڭلار » ، دېدى.

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئاللاھ تائالادىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئامانلىق تىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن. چۈنكى، بۇنداق قىلغاندا ھەر خىل كېسەل ۋە گۇناھلاردىن ئامان بولغىلى بولىدۇ.

1489. شەھر ئىبن ھەۋشەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: « ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى، سېنىڭ قېشىڭدىكى چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ كۆپرەك قىلىدىغان دۇئاسى نېمە ئىدى؟»، دەپ سورىغاندا، ئۇممۇ سەلەمە: « يا مُقلبَ القُلوبِ ثَبِّتْ قلْبي علَى دِينِكَ » « ‹ئى دىللارنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! قەلبىمنى سېنىڭ دىنىڭدا ئىزچىل قىلغىن›، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى » ، دەپ جاۋاب بەرگەن. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالاغا كەمتەرلىك بىلەن باش ئېگىدىغانلىقى ۋە ئۈممەتلىرىگە بۇ دۇئانى تەلىم بەرگەنلىكى.

2) ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى كۆرسىتىلگەن.

1490. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « كانَ مِن دُعاءِ دَاوُدَ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم: « اللَّهمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ حُبَّكَ، وَحُبَّ من يُحِبُّكَ، وَالعمَل الذي يُبَلِّغُني حُبَّكَ اللَّهُمَّ اجْعل حُبَّكَ أَحَبَّ إِلَيَّ مِن نَفسي، وأَهْلي، ومِن الماءِ البارد » « ئى ئاللاھ! مەن سەندىن سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى، ساڭا مۇھەببەت باغلىغانلارنىڭ مۇھەببىتىنى سورايمەن ۋە سېنىڭ مۇھەببىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان ئەمەلنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى ماڭا ئۆزۈمدىنمۇ، ئائىلە-تاۋبىئاتىمدىنمۇ ۋە چاڭقاپ كەتكەن ۋاقىتتىكى مۇزدەك سۇدىنمۇ سۆيۈملۈك قىلغىن » ، دەپ دۇئا قىلدى. ئاندىن مۇنداق دېدى: « بۇ دۇئا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىدىندۇر » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ياخشى ئىشلارنى قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھ تائالانى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ تائالا سىلەرنى دوست تۇتىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 31- ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

2) نەپسى بىلەن كۈرەش قىلىش. ئاللاھ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشنى جېنى، ئائىلىسى ۋە نەپسى خاھىشلىرىدىن ئەلا بىلىش كېرەك.

1491. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَلِظُّوا بِياذا الجَلالِ وَالإِكرامِ » « دۇئايىڭلارنى ياذا الجَلالِ وَالإِكرامِ (ئى ئەزىمەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك ئاللاھ)، دېگەن سۆز بىلەن باشلاڭلار » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كۆپ دۇئا قىلىشقا ۋە ھەدىستىكى سۆز ئاللاھ تائالانى تولۇق مەدھىيىلەشنى ۋە كامالى سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ سۆزلەر بىلەن دۇئانى باشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

1492. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن دۇئا قىلدى. ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى تۇتۇۋالالماي: « ئى رەسۇلۇللاھ! نۇرغۇن دۇئا قىلدىڭ. ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى تۇتۇۋالالمىدۇق » ، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: « أَلا أَدُلُّكُم على ما يَجْمَعُ ذَلكَ كُلَّهُ؟ تَقُولُ: اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُك مِن خَيرِ ما سأَلَكَ مِنْهُ نبيُّكَ مُحَمَّدٌ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم، وأَعُوذُ بِكَ من شَرِّ ما اسْتَعاذَ مِنْهُ نَبيُّكَ مُحمَّدٌ صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم، وَأَنْتَ المُسْتَعَانُ، وعليْكَ البلاغُ، ولا حَوْلَ ولا قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ › « دۇئانىڭ بارلىق مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر دۇئانى ساڭا ئېيتىپ بېرەي، مۇنداق دېسەڭ بولىدۇ: ‹ئى ئاللاھ! سەندىن سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سورىغان نەرسىلەرنىڭ ياخشىسىنى سورايمەن، سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەن بىلەن پاناھ تىلىگەن نەرسىلەرنىڭ يامىنىدىن پاناھ تىلەيمەن. مەدەت سەندىنلا سورىلىدۇ. ھەر قانداق چارە-تەدبىر ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ› » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق دۇئالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش.

2) بۇ دۇئانىڭ پايدىسى، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىنى يادلىمىغان كىشىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ گەۋدىلىك كۆرۈلىدۇ. بۇ ئىسلامنىڭ ئاممىبابلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىدىندۇر.

1493. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بۇ دۇئا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان دۇئالىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى: « اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ مُوجِباتِ رحْمتِكَ، وَعزَائمَ مغفِرتِكَ، والسَّلامَةَ مِن كُلِّ إِثمٍ، والغَنِيمَةَ مِن كُلِّ بِرٍ، وَالفَوْزَ بالجَنَّةِ، وَالنَّجاةَ مِنَ النَّارِ » « ئى ئاللاھ! سەندىن سېنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىلەرنى، مەغفىرىتىڭگە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەرنى سورايمەن. ھەر بىر گۇناھتىن ساق بولۇشنى، ھەر بىر ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى، جەننەتنىڭ قولغا كېلىشىنى، دوزاختىن نىجات تېپىشنى سورايمەن » . ― ھاكىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ياخشى ئەمەللەرگە، تائەت-ئىبادەتلەرگە سەئيى قىلىش، يامان ئەمەللەردىن يىراق بولۇش.

2) ئىمامى نەۋەۋىينىڭ بۇ بابنى بۇ ھەدىس بىلەن تۈگەتكەنلىكى شۇنىڭغا ئىشارەتكى، ئاللاھ تائالاغا بەندىچىلىكنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشقا ئەمەللەرگە ئوخشاش دۇئا قىلىشتىكى مەخسەت: دوزاختىن نىجات تېپىشنى ۋە جەننەتكە ئامان-ئېسەن كىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقتۇر.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ