رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

251. باب باشقىلار ئۈچۈن غايىبانە دۇئا قىلىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ جَاؤُوا مِن بَعْدِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ﴾ ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: « پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغفىرەت قىلغىن » ، دەيدۇ («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھەشىر 10- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَاسْتَغْفِرْ لِذَنبِكَ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ﴾ گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۇئمىنلەر ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىگىن («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇھەممەد 19- ئايەت)

ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿رَبَّنَا اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ الْحِسَابُ﴾ پەرۋەردىگارىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە ماڭا، ئاتا-ئانامغا، مۇئمىنلەرگە مەغفىرەت قىلغىن («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىبراھىم 41- ئايەت)

1494. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: « ما مِن عبْدٍ مُسْلِمٍ يَدعُو لأَخِيهِ بِظَهرِ الغَيْبِ إِلاَّ قَالَ المَلكُ ولَكَ بمِثْلٍ » « قانداق بىر مۇسۇلمان بەندە ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا غايىبانە دۇئا قىلسا، پەرىشتە: ‹ساڭىمۇ شۇنداق بولسۇن›، دەيدۇ » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلمان قېرىندىشىغا غايىبانە دۇئا قىلىپ قويۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە بۇ پەزىلەتنىڭ مۇسۇلمانلار جامائەسىگە ياكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغانلىقى.

1495. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « دَعْوةُ المرءِ المُسْلِمِ لأَخيهِ بِظَهْرِ الغَيْبِ مُسْتَجَابةٌ، عِنْد رأْسِهِ ملَكٌ مُوكَّلٌ كلَّمَا دعا لأَخِيهِ بخيرٍ قَال المَلَكُ المُوكَّلُ بِهِ: آمِينَ، ولَكَ بمِثْلٍ » « مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ بۇرادىرى ھەققىدە غايىبانە قىلغان دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ. دۇئا قىلغۇچىنىڭ بېشىدا بىر مۇئەككەل پەرىشتە بولۇپ، ھەر قاچان ئۇ ئادەم ئۆز بۇرادىرى ھەققىدە خەيرلىك دۇئا قىلسا، مۇئەككەل پەرىشتە: ‹ئامىن، ساڭىمۇ شۇنداق بولسۇن›، دەيدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۆزىگە ۋە مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قىلغان دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن ۋە ئوخشاش ياخشىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ