رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

252. باب دۇئاغا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدا

1496. ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ صُنِعَ إَلَيْهِ معْرُوفٌ، فقالَ لِفَاعِلِهِ: جزَاك اللَّه خَيْراً، فَقَد أَبْلَغَ في الثَّنَاءِ » « قانداق بىر كىشىگە ياخشىلىق قىلىنسا، ئۇ كىشى ياخشىلىق قىلغۇچىغا: «‹ ئاللاھ تائالا ساڭا ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن›، دېسە، ئاشۇرۇپ رەھمەت ئېيتقان بولىدۇ » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىننىڭ دۇئاسىنىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقى، قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا مىننەت قىلماسلىق ۋە ياخشىلىق قىلغان ئادەمنىڭ ياخشىلىقنى بىلىش لازىملىقى.

1497. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تَدعُوا عَلى أَنْفُسِكُم، وَلا تدْعُوا عَلى أَولادِكُم، ولا تَدْعُوا على أَمْوَالِكُم، لا تُوافِقُوا مِنَ اللَّهِ ساعة يُسأَلُ فِيهَا عَطاءً، فيَسْتَجيبَ لَكُم » « ئۆزۈڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، ماللىرىڭلارغا بەددۇئا قىلىپ سالماڭلار، ئاللاھ تائالادىن سورىسىلا ئىجابەت قىلىنىدىغان بىر ۋاقىت بولۇپ، دۇئايىڭلار شۇ ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قېلىپ ئىجابەت بولۇپ قالىدۇ » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئۆزىگە ياكى ئەۋلادىغا ۋەياكى مېلىغا بىرەر زىيان-زەخمەت يېتىشنى تىلەپ بەد دۇئا قىلىش دۇئانىڭ قوبۇل بولۇش سائەتلىرىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن چەكلەنگەن.

2) ئاللاھ تائالا دۇئالارنى قوبۇل قىلىدىغان ئالاھىدە ۋاقىتلار بولۇپ، مۇئمىن كىشى قىلغان دۇئانىڭ مەزمۇنى ئازاب، ھالاكەت ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق، رەھمەت، ئامانلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولۇشى كېرەكلىكى، دۇئا قوبۇل بولىدىغان مۇبارەك ۋاقىتلاردا دۇئا قىلىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

3) يېرىم كېچە ۋە پەرز نامازدىن كېيىن قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولۇشى ئەڭ ئۈمىدلىك دۇئالار ئىكەنلىكى.

1498. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « أَقْرَبُ ما يَكُونُ العَبْدُ مِن ربِّهِ وَهُوَ سَاجِدٌ، فَأَكْثِرُوا الدُّعَاءَ » « بەندىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى، ئۇنىڭ سەجدە قىلىپ تۇرغاندىكى ۋاقتىدۇر. شۇڭا، سەجدە قىلغان ۋاقتىڭلاردا دۇئانى كۆپ قىلىڭلار » .

― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: سەجدىدىكى ھالىتىدە دۇئا قىلىشنىڭ پەزىلىتى. چۈنكى، بۇ ۋاقىت بەندىنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ياراتقۇچىسى ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان ۋاقتىدۇر.

1499. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « يقُولُ قَد دَعوتُ رَبِّي، فَلم يسْتَجبْ لي » « ھەر قانداق ئادەم مەن رەببىمگە دۇئا قىلسام، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلمىدى، دەپ ئالدىراپ كەتمىسىلا دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا يزَالُ يُسْتَجَابُ لِلعَبْدِ مَا لَم يدعُ بإِثمٍ، أَوْ قَطِيعةِ رَحِمٍ، ما لَمْ يَسْتعْجِلْ » « مادامىكى، بەندىنىڭ قىلغان دۇئاسى گۇناھ ئىشلارنى ياكى سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا ياكى بۇ ئادەم پەرۋەردىگارىمغا دۇئا قىلسام، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلمىدى، دەپ ئالدىراپ كەتمىسىلا دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ » ، دېگەندە: « ئى رەسۇلۇللاھ! ئالدىراپ قېلىش قانداق بولىدۇ؟»، دەپ سورالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « يَقُولُ: قَدْ دعَوْتُ، وَقَدْ دَعَوْتُ فَلَم أَرَ يَسْتَجِيبُ لي، فَيَسْتَحْسِرُ عِنْد ذلك، ويَدَعُ الدُّعَاءَ » « بەندە دۇئا قىلدىم، دۇئا قىلدىم، ئىجابەت بولغىنىنى كۆرمىدىم، دەپ ھەسرەتلىنىپ دۇئا قىلىشنى تاشلايدۇ » ، دېدى.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) مۇسۇلمان كىشى پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ تۇرۇشى، ياخشىلىقنى تېلىشى كېرەك. گۇناھ ئىشلارنى تىلىمىسە ياكى ئىجابەت بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىسىلا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ.

2) دۇئانىڭ ئىجابەت بولماسلىقىغا سەۋەب بولىدىغان ئالدىراپ كېتىش دۇئانى تەرك ئېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

1500. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « ئى رەسۇلۇللاھ، قايسى چاغدىكى دۇئا بەكرەك قوبۇل قىلىنىدۇ؟»، دېيىلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « جوْفَ اللَّيْلِ الآخِرِ، وَدُبُرَ الصَّلَوَاتِ المكْتُوباتِ » « يېرىم كېچىدىن كېيىن ۋە پەرز نامازلاردىن كېيىن قىلىنىدىغان دۇئا » ، دېدى.

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئەڭ ئۈمىدلىك ۋاقىتلار ۋە شۇ ۋاقىتلاردا دۇئا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى بايان قىلىنغان.

1501. ئۇبادە ئىبن سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَا عَلى الأَرْضِ مُسْلِمٌ يَدْعُو اللَّه تَعالى بِدَعْوَةٍ إِلاَّ آتَاهُ اللَّه إِيَّاهَا، أَوْ صَرَف عنْهُ مِنَ السُّوءِ مِثْلَهَا . ما لَم يدْعُ بإِثْم، أَوْ قَطِيعَةِ رحِمٍ » « يەر يۈزىدىكى قايسىبىر مۇسۇلمان دۇئا قىلسىلا، مادامىكى دۇئاسى گۇناھ ئىشلارنى ۋە سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن تىلىگىنىگە باراۋەر بىر يامانلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ » ، دېگەنىدى، جامائەت ئىچىدىكى بىر ئادەم: « ئۇنداقتا بىز دۇئانى كۆپ قىلساق بولىدىكەنغۇ؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « اللَّه أَكْثَرُ » « ئاللاھ تائالا تېخىمۇ كۆپ بېرىدۇ » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) دۇئا زايا بولۇپ كەتمەيدۇ. بىر بولسا، ئىجابەت بولۇپ، مەقسەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. بىر بولسا كىشى دۇئا ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېتىدىغان يامانلىقلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ ۋەياكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىلغان دۇئاسى سەۋەبلىك باشقا بىر مەنپەئەتنى قۇرامساق قىلىپ ساقلاپ قويىدۇ.

2) ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدىكى ياخشىلىق كىشىلەر تىلەيدىغان، سۆزلەيدىغان نەرسىلەردىنمۇ كۆپتۇر.

1502. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىشۋارلىققا يولۇققاندا مۇنداق دەيتتى: « لا إِلَه إِلاَّ اللَّه العظِيمُ الحلِيمُ، لا إِله إِلاَّ اللَّه رَبُّ العَرْشِ العظِيمِ، لا إِلَهَ إِلاَّ اللَّه رَبُّ السمَواتِ، وربُّ الأَرْض، ورَبُّ العرشِ الكريمِ » « ئۇلۇغ مەرھەمەتلىك بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، ئاسمان-زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: قاتتىقچىلىقلار ۋە ئېغىر كۈنلەرنىڭ داۋاسى ئاللاھ تائالانى يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش، بارلىق سەۋەبلەرگە يېپىشىپ ئاللاھ تائالادىن باشقىغا يۈزلەنمەسلىك ۋە دۇئا-زىكىرلەرنى كۆپ قىلىش بىلەن بولىدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ