رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

253. باب ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولغان كىشىلەرنىڭ كارامەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿أَلا إِنَّ أَوْلِيَاء اللّهِ لاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ﴾ ﴿الَّذِينَ آمَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ﴾ ﴿لَهُمُ الْبُشْرَى فِي الْحَياةِ الدُّنْيَا وَفِي الآخِرَةِ لاَ تَبْدِيلَ لِكَلِمَاتِ اللّهِ ذَلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ﴾ راستتىنلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش، (دۇنيادا قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانغا) قايغۇرۇش يوقتۇر. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر. ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ (يەنى، دۇنيادا جان ئۈزۈش ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن، ئاخىرەتتە نازۇ-نېئمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ)، ئاللاھ تائالا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، ئەنە شۇ كاتتا بەختتۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە يۇنۇس 62-، 64- ئايەتلەر)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَهُزِّي إِلَيْكِ بِجِذْعِ النَّخْلَةِ تُسَاقِطْ عَلَيْكِ رُطَبًا جَنِيًّا﴾ ﴿فَكُلِي وَاشْرَبِي وَقَرِّي عَيْنًا﴾ خورما دەرىخنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان، يېڭى خورمىلار تۆكىلىدۇ. (بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن) ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن... («قۇرئان كەرىم» سۈرە مەريەم 25-، 26- ئايەتلەر) .

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿فَتَقَبَّلَهَا رَبُّهَا بِقَبُولٍ حَسَنٍ وَأَنبَتَهَا نَبَاتًا حَسَنًا وَكَفَّلَهَا زَكَرِيَّا كُلَّمَا دَخَلَ عَلَيْهَا زَكَرِيَّا الْمِحْرَابَ وَجَدَ عِندَهَا رِزْقاً قَالَ يَا مَرْيَمُ أَنَّى لَكِ هَـذَا قَالَتْ هُوَ مِنْ عِندِ اللّهِ إنَّ اللّهَ يَرْزُقُ مَن يَشَاء بِغَيْرِ حِسَابٍ﴾ ئۇنى پەرۋەردىگارى چىرايلىقچە قوبۇل قىلدى. ئۇنى ئوبدان ئۆستۈردى. ئۇنىڭغا زەكەرىيانى كېپىل قىلدى (يەنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا زەكەرىيانى قويدى). زەكەرىيا ھەر قېتىم (ئۇنىڭ) ئىبادەتگاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بىرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ: « ئى مەريەم، بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟»، دەيتتى. مەريەم: « بۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلدى » ، دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا-مۇشەققەتسىزلا) ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئال ئىمران 37- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِذِ اعْتَزَلْتُمُوهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ فَأْوُوا إِلَى الْكَهْفِ يَنشُرْ لَكُمْ رَبُّكُم مِّن رَّحمته ويُهَيِّئْ لَكُم مِّنْ أَمْرِكُم مِّرْفَقًا﴾ ﴿وَتَرَى الشَّمْسَ إِذَا طَلَعَت تَّزَاوَرُ عَن كَهْفِهِمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَت تَّقْرِضُهُمْ ذَاتَ الشِّمَالِ﴾ (ئى يىگىتلەر!) سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە كەڭ رەھمەت قىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن (يەنى، غارنىڭ ئىشىكى شىمال تەرەپتە بولغانلىقتىن، كۈننىڭ نۇرى غارنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۈن چىققاندىمۇ، پاتقاندىمۇ ئۇنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ) ... («قۇرئان كەرىم» سۈرە كەھف 16-، 17- ئايەتلەر)

1503. ئابدۇراھمان ئىبن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سۇففە ئىگىلىرى يوقسۇل ئادەملەر ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « منْ كانَ عِنْدَهُ طَعامُ اثنَينِ، فَلْيذْهَبْ بِثَالث، ومَنْ كَانَ عِنْدهُ طعامُ أرْبَعَةٍ، فَلْيَذْهَبْ بخَامِسٍ وبِسَادِسٍ » « كىمنىڭ ئۆيىدە ئىككى كىشىلىك يېمەكلىك بولسا، ئۈچىنچى بىر ئادەم چاقىرسۇن. تۆت كىشىلىك يېمەكلىك بولسا، بەشىنچى، ئالتىنچى بىر ئادەمنى چاقىرسۇن » ، دېدى. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچ ئادەمنى ئېلىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئون ئادەمنى ئېلىپ كەتتى. ئەبۇ بەكرى پەيغەمبىرىمىزنىڭ قېشىدا كەچلىك تاماق يېدى. ئاندىن ساقلاپ تۇرۇپ خۇپتەننى ئوقۇدى. ئاندىن قايتتى. خۇدا خالىغان بىر چاغلار ئۆتكەندە ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ئەبۇ بەكرىنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا: « مېھمانلىرىڭنى كۈتمەي ھايال قالدىڭغۇ؟»، دېدى. ئەبۇ بەكرى: « ئۇلارغا تېخى كەچلىك تاماق بەرمىدىڭمۇ؟»، دېۋىدى، ئايالى: « ئۇلارغا تاماق كەلتۈرسەم: ‹ئەبۇ بەكرى كەلمىگۈچە يېمەيمىز›، دەپ ئۇنىمىدى » ، دېدى. ئابدۇراھمان يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن چىقىپ بىر يەرگە يوشۇرۇنۇۋالدىم. ئاتام مېنى: « ھەي ھاڭۋاقتى، نەدە سەن؟»، دەپ چاقىرىپ كايىدى ۋە مېھمانلارغا: « بۇ تائام سىلەرگە يېيىشلىك بولسۇن، مەن بۇ تائامنى ھەرگىز يېمەيمەن » ، دېدى (كېيىن مېھمانلار يېدى). ئابدۇراھمان يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، بىز بىر لوقما تاماق ئالساق، ئاستىدىن نەچچە ھەسسە بولۇپ كۆپىيىپ چىقاتتى. مېھمانلار تويۇشتى. تاماق ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپىيىپ قالغانىدى. بۇنى كۆرۈپ ئەبۇ بەكرى ئايالىغا: « ئى بەنى فراسنىڭ ھەمشىرىسى، بۇ قانداق ئىش؟ » ، دېدى. ئايالى: « بىلمىدىم، تاماق ھازىر بۇرۇنقىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپىيىپ قالدى » ، دېدى. ئەبۇ بەكرى: « قەسىمىم شەيتاندىن بوپتىكەن » ، دەپ، بىر لوقما يەپ، تاماقنى ئېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەتتى. تاماق تاڭ ئاتقۇچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا تۇردى. شۇ كۈنلەردە بىز بىلەن بىر قەۋم ئوتتۇرىسىدا ئەھدە بار بولۇپ، دەل شۇ ۋاقىتتا ئەھدىنىڭ ۋاقتى توشۇپ، ئۇلار كېلىپ قالدى. ئاندىن بىز ئون ئىككى كىشىگە بۆلۈندۇق. ھەر بىرىمىز بىلەن بىر مۇنچە كىشى بار ئىدى. ھەر بىر ئادەم بىلەن قانچىلىك ئادەم بىللە ئىكەنلىكىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ تائامدىن يېيىشتى.

يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇ بەكرى ئۇ تاماقتىن يېمەسلىككە قەسەم ئىچتى. ئايالىمۇ يېمەسلىككە قەسەم ئىچتى. مېھمان ياكى مېھمانلارمۇ « ئەبۇ بەكرى يېمىگۈچە بىزمۇ يېمەيمىز » ، دەپ قەسەم ئىچتى. ئەبۇ بەكرى: « بۇ شەيتاننىڭ ئىشى » ، دېدى-دە، تائامنى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن يېدى. مېھمانلارمۇ يېدى. ئۇلار تائامدىن بىر لوقما ئالسا، ئاستىدىن ئۇنىڭدىن جىقراق ئاۋۇپ تۇردى. ئەبۇ بەكرى ئايالىغا: « ئى بەنى فىراسنىڭ ھەمشىرىسى، بۇ قانداق ئىش؟»، دەپ سورىدى. ئايالى: « كۆزۈمنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى، بۇ تائام بىز يېيىشتىن بۇرۇنقىدىن كۆپىيىپ كەتتى » ، دېدى. ئۇلار تائامنى يېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ ئەۋەتىپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ تائامدىن يېدى، دېيىلگەن.

يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەبۇ بەكرى ئابدۇراھمانغا: « سەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالغىن، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا بارىمەن. سەن ئۇلارغا مەن كېلىشتىن بۇرۇن تائام بېرىپ بولغىن » ، دېدى. ئابدۇراھمان ئۇلارغا تەييارلىغان تائاملارنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: « تائامدىن يەڭلار » ، دېدى. مېھمانلار: « ئۆي ئىگىسى قەيەردە؟»، دېيىشتى. ئابدۇراھمان ئۇلارنى يەنە تائامدىن يېيىشكە تەكلىپ قىلسا، مېھمانلار: « بىز ئۆي ئىگىسى كەلمىگۈچىلىك تائام يېمەيمىز » ، دېيىشتى. ئابدۇراھمان يەنە ئۇلارغا: « تائامغا بېقىڭلار، سىلەر يېمىسەڭلار ئاتام كەلسە، بىزگە خاپا بولىدۇ » ، دېدى. ئۇلار ئۇنىمىدى. ئابدۇراھمان مۇنداق دېدى: « ئاتام كەلگەندە ماڭا خاپا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم » . ئاتام ئۆيدىكىلەردىن: « مېھمانلارنى قانداق قىلدىڭلار؟»، دەپ سورىدى. ئۆيدىكىلەر ئەھۋالنى بايان قىلدى. ئاتام: « ئابدۇراھمان » ، دەپ مېنى چاقىردى. مەن ئۈندىمىدىم. ئاندىن يەنە: « ھەي ئابدۇراھمان » ، دەپ چاقىردى. يەنە ئۈندىمىدىم. ئاندىن: « ھەي ھاڭۋاقتى، ئاۋازىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چىقمايسەنغۇ؟»، دەپ توۋلىدى. مەن چىقىپ ئۇنىڭغا: « مېھمانلاردىن سورا » ، دېدىم. مېھمانلار: « راست ئېيتتى، ئۇ بىزگە تائام ئېلىپ كەلگەنىدى، بىز يېمىدۇق » ، دېيىشتى. ئەبۇ بەكرى: « سىلەرنى كۈتكۈزۈپ قويۇپتىمەن. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، بۇ كېچە مەن بۇ تائامدىن يېمەيمەن » ، دېدى. باشقىلارمۇ: « سەن يېمىگۈچە بىزمۇ يېمەيمىز » ، دەپ قەسەم ئىچىشتى. ئەبۇ بەكرى: « سىلەرگە ۋاي، سىلەرگە تەييارلىغان نەرسىلىرىمىزنى نېمىشقا يېمەيسىلەر » ، دەپ: « تائامنى كەلتۈرۈڭلار » ، دېدى. تائام كەلتۈرۈلۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. ئۇ: « بىسمىللاھ، ئاۋۋالقى قەسەم شەيتاندىن بولۇپتۇ » ، دەپ تائامدىن يېدى، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ يېيىشتى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تاماقنى كۆپەيتىش كارامىتى.

2) ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مېھمانلارنىڭ تاماقنى يېمىگەنلىك سەۋەبلىك كۆڭۈللىرى يېرىم بولغانلىقى.

3) ياخشى ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشى قەسىمىنى بۇزۇۋېتىپ كەففارەت بەرسە بولىدىغانلىقى، بۇ ھەقتە ئىككى سەھىھ كىتابتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن بىر ئىشقا قەسەم قىلىپ، ئۇ ئىشتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىشنى كۆرۈپ قالسام، قەسىمىمگە كەففارەت بېرىۋېتىپ، ياخشى ئىشنى قىلغان بولاتتىم»، دېگەن ھەدىسى بار.

1504. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: « لَقَدْ كَان فِيما قَبْلَكُمْ مِنَ الأُممِ نَاسٌ محدَّثونَ، فإن يَكُ في أُمَّتي أَحَدٌ، فإنَّهُ عُمَرُ » « ھەقىقەتەن سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھ تائالا كۆڭلىگە سېلىش بىلەن سۆزلەيدىغان كىشىلەر بار ئىدى. ئەگەر مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە بىرەر ئادەم مۇشۇنداق بولسا، ئۇ شەكسىزكى ئۇمەردۇر » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان.

1505. جابىر ئىبن سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كۇفە ئاھالىسى سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس توغرىسىدا ئۇمەر ئىبن خەتتابقا شىكايەت قىلىشتى. ئۇمەر ئۇنى ۋالىيلىقتىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەممارنى تەيىنلىدى. ئۇلار قىلغان شىكايەتلەرنىڭ ئىچىدە سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس نامازنىمۇ ياخشى ئوقۇيالمايدۇ، دېگەندەك سۆزلەر بار ئىدى. ئۇمەر سەئدنى چاقىرتىپ كېلىپ: « ئى ئەبۇ ئىسھاق! ئۇلار سېنى نامازنىمۇ ياخشى ئوقۇيالمايدۇ، دېيىشىدىغۇ؟»، دېدى. سەئد: « ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇلارغا نامازنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىدىن كىچىككىنىمۇ پەرقلەندۈرمەي ئوخشاش قىلىپ ئوقۇپ بەردىم. مەن ئۇلارغا خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بەرسەم، ئىلگىرىكى ئىككى رەكئەتنى ئۇزۇن، كېيىنكى ئىككى رەكئەتنى قىسقا قىلىپ ئوقۇپ بەردىم » ، دېدى. ئۇمەر: « ئى ئەبۇ ئىسھاق! بىزمۇ شۇنداقمىكى دەپ ئويلىغان » ، دېدى. ئاندىن بۇ ئىشنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ بىر كىشىنى ياكى بىر نەچچە كىشىنى كۇفەگە ئەۋەتتى. بارغانلار ھەممە مەسجىدلەرگە بېرىپ تەكشۈردى. جامائەتنىڭ ھەممىسى سەئد ھەققىدە ياخشى گەپلەرنى قىلدى. ئاخىرىدا ئۇلار ئەبىس جەمەتىنىڭ مەسجىدىگە كىردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇسامە ئىبن قەتادە ئىسىملىك بىر كىشى قوپۇپ: « سىلەر بۇ ئىشنى بىزدىن ئېنىقلىغىلى كېلىپسىلەر، راستىنى ئېيتقاندا سەئد ھەقىقەتەن قوشۇن بىلەن بىللە ئۇرۇشقا چىقمايدۇ. ئولجىنى ئادىل بۆلمەيدۇ ۋە ھۆكۈمدە ئادىل بولمايدۇ » ، دېدى. سەئد: « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، بۇ ئادەم ھەققىدە بىر كەلىمە سۆز بىلەن دۇئا قىلاي، دەپ: ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر سېنىڭ بۇ بەندەڭ يالغانچى بولۇپ، ئۆزىنى كۆرسىتىپ، شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن ماڭا تۆھمەت چاپلىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغىن، ئۇزۇنغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىسۇن ۋە پىتنە-پاساتلارغا گىرىپتار قىلغىن› » ، دەپ دۇئا قىلدى. بۇ كىشى شۇ ئىشتىن كېيىن سوئال سورالسا: « مەن پىتنە-پاساتلارغا قالغان بوۋايمەن، مېنى سەئدنىڭ دۇئاسى تۇتتى » ، دەيتتى.

جابىر ئىبن سەمۇرەدىن بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ئابدۇل مەلىك ئىبن ئۇمەير مۇنداق دەيدۇ: « مەن كېيىن بۇ كىشىنى كۆردۈم. قېرىلىقتىن قاشلىرى كۆزلىرىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ يوللاردا دېدەكلەرگە بەدقىلىقلىق قىلىپ قاش ئاتاتتى » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سەئد ئىبن ئەبى ۋەققاسنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان زات ئىكەنلىكى، سەئد ئىبن ئەبى ۋەققاسنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغان دۇئالىقى توغرىسىدا تىرمىزىي، ئىبن ھەببان ۋە ھاكىملار رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « اَللَّهُمَّ اسْتَجِبْ لِسَعْد إِذَا دَعَاكَ » «ئى ئاللاھ، سەئد ساڭا دۇئا قىلسىلا ئىجابەت قىلغىن!»، دېگەن ھەدىسى بار.

2) ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەر ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنسا، شۇ جايدىكى ئەھلى پەزلىلەردىن شىكايەت قىلىنغۇچى ئادەمنىڭ ئەھۋالى سورىلىدىغانلىقى، چۈنكى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇغانلاردىن سەئد ئىبن ئەبۇ ۋەققاسنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.

3) كىشىلەر شىكايەت قىلغان ھۆكۈمراننى خەلىفە بولغۇچى ئادەمنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىسا بولىدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن نارازى بولغان ئەمەلدارنى گەرچە ئۇنىڭغا يالغان تۆھمەت چاپلانغان تەقدىردىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

1506. ئۇرۋە ئىبن ئەل زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئەۋسنىڭ قىزى ئەرۋا سەئد ئىبن زەيد بىلەن داۋالىشىپ قېلىپ، جېدەل-ماجىرا قىلىپ مەرۋان ئىبن ئەلھەكەمنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ ئايال: « سەئد ئىبن زەيد زېمىنىمدىن بىر ئاز يېرىمنى تارتىۋالدى » ، دەپ دەۋا قىلدى. سەئد: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ توغرۇلۇق ھەدىس ئاڭلىغان تۇرۇپ، ئۇنىڭ زېمىنىدىن تارتىۋالارمەنمۇ؟»، دېدى. مەرۋان: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قانداق ھەدىس ئاڭلىغانىدىڭ؟»، دەپ سورىدى. ئۇ: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: « مَنْ أَخَذَ شِبْراً مِنَ الأرْضِ ظُلْماً، طُوِّقَهُ إلى سبْعِ أرضينَ » ‹كىمكى باشقىلارنىڭ بىر غېرىچ يېرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالسا، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى يەتتە قات زېمىننى ئۇنىڭ بوينىغا چەمبىرەك شەكلىدە ئوراپ قويىدۇ›، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم » ، دېدى. مەرۋان ئۇنىڭغا: « سەن بۇ ھەدىسنى بىلگەندىكىن، مەن سەندىن بۇنىڭدىن ئارتۇق پاكىت تەلەپ قىلمايمەن » ، دېدى. ئاندىن سەئد: « ئى ئاللاھ، ئەگەر بۇ ئايال يالغانچى بولسا، ئۇنى كور قىلغىن، ئۇنىڭ جېنىنى ئۆز يېرىدە ئالغىن » ، دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ ئايال كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆز يېرىدە كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر ئورەككە چۈشۈپ كېتىپ شۇ يەردە ئۆلدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ مۇھەممەد ئىبن زەيدتىن قىلغان رىۋايىتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: مۇھەممەد ئۇ ئايالنىڭ قارىغۇ بولۇپ قېلىپ، تاملارنى سىلاپ مېڭىۋېتىپ، مېنى سەئدنىڭ بەددۇئاسى تۇتتى، دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ ئايال سەئدتىن دەۋا قىلىپ تالاشقان قورۇنىڭ يېنىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپ، شۇ يەردە ئۆلۈپ قاپتۇ. قەبرىسى شۇ قۇدۇق بولۇپتۇ.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) سەئد ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان كارامىتى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئوبدان بىلىدىغانلىقى.

2) سالىھ كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ھەمدە سالىھ كىشىلەرگە ئازار بەرگۈچىلەرنىڭ مۇشۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى.

1507. جابىر ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇھۇد ئۇرۇشى بولغاندا كېچىسى دادام مېنى چاقىرىپ: « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدە دەسلىپىدە ئۆلتۈرۈلىدىغاندەك تۇرىمەن. مەندىن كېيىن قالىدىغان ئادەملىرىم ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قالسىلا سەن مېنىڭ ئەڭ قەدىردان ئادىمىم. مېنىڭ قەرزىم بار، ئۇنى ئادا قىلغىن. ئاچا-سىڭىللىرىڭغا ياخشى قارىغىن » ، دېدى. تاڭ ئاتتى. دەرۋەقە ئۇ بىرىنچى بولۇپ شەھىد بولدى. يەنە بىرەيلەننى ئۇنىڭ بىلەن بىر قەبرىگە قويدۇم. كېيىن دادامنى باشقا بىرسى بىلەن بىر قەبرىگە قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي، ئالتە ئايدىن كېيىن قەبرىنى ئېچىپ، ئۇنى چىقىرىۋالدىم. ئۇنىڭ قۇلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنى يەرلىكىدە قويغان كۈنىدىكىدەك تۇرۇپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئايرىم بىر قەبرىگە قويدۇم. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئابدۇللاھ ئەبۇ جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن جەسىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتكىچە چىرىمىگەنلىكى، ئەجىلىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى سېزەلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالادىن ئىخلاس بىلەن شەھىدلىك تىلىگەنلىكتىن ئىبارەت كارامەتلىرى سۆزلەنگەن.

2) ساھابىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشنىڭ دەرىجىسى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى جېنى ۋە ئەھلى-ئەۋلادلىرىنىمۇ ئارتۇق كۆرىدىغانلىقى.

1508. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئىككى كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدىن قاپقاراڭغۇ كېچىدە قايتىپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا چىراغنىڭ نۇرىدەك نۇر پەيدا بولدى. ئۇ ئىككىسى ئايرىلىشقاندىن كېيىن ھەر بىرسى بىلەن بىر نۇر ئۆيگە يېتىپ كەلگۈچىلىك بىللە بولدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) بۇ ئىككى ساھابىنىڭ كارامىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى بايان قىلىنغان، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئالدىدا زاھىر بولغان نۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك نۇرىدىن بولۇپ، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى ھېسابلىنىدۇ.

2) پەرزلەرنى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن چىققان كىشىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقى.

1509. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئون ئادەمنى دۈشمەن ئەھۋالىنى كۆزىتىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇلارغا ئاسىم ئىبن سابىت ئەنسارىينى باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ ئاسىم ئىبن ئۇمەر ئىبن خەتتابنىڭ چوڭ دادىسى ئىدى. ئۇلار ئۇسفان بىلەن مەككىنىڭ ئارىلىقىدىكى ھەددە دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە ھۇزەيل قەبىلىسىدىن بولغان بەنى لىھىيان ئۇرۇقىنىڭ ئادەملىرى ئاڭلاپ قېلىپ، يۈزگە يېقىن ئوقچىلارنى ئۇلارنى قوغلاشقا ئەۋەتتى. ئۇلار مۇسۇلمانلار چۈشكەن بىر مەنزىلگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ يېگەن خورمىلىرىنى ئۇچرىتىپ، بۇ مەدىنىنىڭ خورمىسى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئاسىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مۇشرىكلارنىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قېلىپ، پاناھ ئىزدەپ بىر جايغا چىقىۋالدى. مۇشرىكلار ئۇلارنى قورشىۋېلىپ: « چۈشۈپ بىزگە تەسلىم بولۇڭلار، سىلەردىن ھېچبىر ئادەمنى ئۆلتۈرمەسلىككە ۋەدە بېرىمىز » ، دېيىشتى. ئاسىم ئىبن سابىت: « ئى قېرىنداشلار، مەن كۇففارلارنىڭ كاپالىتى بىلەن بۇ يەردىن چۈشمەيمەن. ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ھالىمىزنى پەيغەمبىرىڭگە يەتكۈزگىن » ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى مۇشرىكلار ئوققا تۇتۇپ ئاسىمنى ئۆلتۈردى. خۇبەيب، زەيد ئىبن دەسنە ۋە يەنە بىرەيلەن بولۇپ، ئۈچەيلەن مۇشرىكلارنىڭ كاپالىتى بويىچە چىقىۋالغان يەرلىرىدىن چۈشتى. ئۇلار مۇشرىكلارنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنى ئوقيالىرىنىڭ زەيلىرىنى چىقىرىپ باغلىدى. بۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى: « مانا بۇ خىيانەتنىڭ باشلىنىشى، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەر بىلەن ماڭمايمەن، بۇ ئۆلگەنلەرنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىمەن » ، دېدى. مۇشرىكلار ئۇنى سۆرەپ ماڭدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆرسىمۇ، ئۇ ئۇلار بىلەن مېڭىشتىن باش تارتتى. خۇبەيب بىلەن زەيد ئىبن دەسنەنى ھەيدەپ بېرىپ ساتتى. بۇ ۋەقە بەدرى ئۇرۇشىدىن كېيىن بولغانىدى. خۇبەيبنى ھارىس ئىبن ئامىر ئىبن ئۇفەلنىڭ بالىلىرى سېتىۋالدى. خۇبەيب بەدرى جېڭىدە ھارىس ئىبن ئامىرنى ئۆلتۈرگەنىدى. خۇبەيب ئۇلارنىڭ قولىدا ئەسىر بولۇپ تۇردى. ئاخىر ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈش قارارىغا كەلدى. خۇبەيب سۈننەت قىلىش ئۈچۈن ھارىسنىڭ قىزلىرىنىڭ بىرىدىن ئۇستىرا سورىدى. ئۇ خۇبەيبكە ئۇستىرا ئارىيەت بەردى. ھارىسنىڭ قىزىنىڭ غەپلەتتە قېلىشى بىلەن ئۇنىڭ بىر بالىسى خۇبەيبنىڭ يېنىغا بېرىپ قالدى. خۇبەيب ئۇ بالىنى قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزۇۋالغانىدى. خۇبەيبنىڭ قولىدا ئۇستىرا تۇراتتى. ھارىسنىڭ قىزى ئېيتىدۇكى، مەن بۇ ھالنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتىم. خۇبەيب بۇنى بىلىپ: « مەندىن بالامنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدىكىن، دەپ قورقۇۋاتامسەن؟ ئۇنداق قىلمايمەن » ، دېدى. ھارىسنىڭ قىزى: « ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن خۇبەيبدىن ياخشى ئەسىرنى كۆرمىدىم. بىر كۈنى ئۇنىڭ پۇتىدا ئىشكەل، قولىدا بىر ساپ ئۈزۈمنى يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەككىدە مېۋە يوق ئىدى. ئۇ چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ خۇبەيبكە بەرگەن رىزقى ئىدى » ، دەيدۇ. خۇبەيب ئادەم ئۆلتۈرۈش ھارام قىلىنغان ھەرەمنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندا، خۇبەيب ئۇلارغا: « مېنى قويۇۋېتىڭلار، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇۋالاي » ، دېدى. ئۇلار خۇبەيبنى قويۇپ بەردى. ئۇ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بولۇپ: « ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنى ئۆلۈمدىن چۆچۈۋاتىدۇ، دەپ ئويلىمايدىغان بولساڭلار، مەن نامازنى جىقراق ئوقۇيتتۇم » ، دېدى. ئاندىن كېيىن ئۇ: « ئى ئاللاھ! ئۇلارنىڭ سانىنى ئالغىن، ئۇلارنى تارقاق ئۆلتۈرگىن، ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن » ، دېدى. ئاندىن مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇدى:

پەقەت ئىمان بىلەن كەتسەملا بولدى، يوقكى پەرۋايىم،

شەھىد بولۇپ يېقىلسام، سول تەرەپتىن ياكى ئوڭ ياندىن.

خۇدانىڭ يولىدا ئۆلدۈم، ئەگەر ئۇ خالىسا شەكسىز،

ئورۇن ئالغاي بۇ قىينالغان ۋۇجۇدۇم باغۇ رىزۋاندىن.

ئاندىن ئەبۇ سەرۋە ئۇقبە ئىبن ھارىس بېرىپ خۇبەيبنى ئۆلتۈردى. خۇبەيب ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى يوق ھالەتتە ئۆلتۈرۈلگەن ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا ناماز ئوقۇشنى سۈننەت قىلىپ قالدۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەن كۈنىلا ساھابىلىرىگە ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزدى. ئاسىم ئىبن سابىتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى قۇرەيش خەلقىگە ئاڭلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭ راست ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئەزالىرىدىن بىر پارچە ئېلىپ كېلىشكە بىر تۈركۈم كىشىنى ئەۋەتتى. ئاسىم قۇرەيش خەلقىنىڭ چوڭ ئادەملىرىدىن بىرىنى ئۆلتۈرگەنىدى. ئاللاھ تائالا ئاسمانغا سايە چۈشۈرۈپ تۇرىدىغان بۇلۇتلارغا ئوخشاش ھەرىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنى قۇرەيش خەلقى ئەۋەتكەن كىشىلەردىن قوغدىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسىمنىڭ جەسىتىدىن ھېچ نەرسىنى كېسىۋېلىشقا قادىر بولالمىدى.

― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ جامائەتنىڭ پەزىلىتى، باتۇرلۇقى ۋە سەۋرچانلىقى بايان قىلىنغان.

2) خۇبەيب ۋە ئاسىمنىڭ كارامىتى، ئۇلارنىڭ مۇشرىكلارنىڭ ئازارلىرىغا سەۋر قىلغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى قوغدىغانلىقى سۆزلەنگەن.

3) شەھىد بولۇش ئالدىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى. چۈنكى، خۇبەيب شۇنداق قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇنى مۇقىملاشتۇرغان.

1510. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ئۇمەرنىڭ: « مەن بىرەر ئىشنى مۇنداق بولارمىكىن، دەپ ئويلىسام، شۇنداق بولاتتى » ، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى، ئىشلارنى توغرا مۆلچەرلەيدىغانلىقى ۋە ناھايىتى زېرەكلىكى، يۇقىرىقىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مەرھەمىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ سالىھ، سادىق بەندىلىرىگە ئۇنىڭغا قىلغاندەك ئىلتىپاتلارنى قىلىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ