رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

254. باب غەيۋەتنىڭ ھاراملىقى ۋە تىلنى ساقلاشقا بۇيرۇش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَا يَغْتَب بَّعْضُكُم بَعْضًا أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَن يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَّحِيمٌ﴾ بىر-بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ » ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ھۇجۇرات 12- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولـئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْؤُولاً﴾ بىلمەيدىغان نەرسەڭگە ئەگەشمە (يەنى بىلمىگەننى بىلدىم، كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم، دېمە)، (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىل (يەنى سەزگۈ ئەزالىرى)نىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوئال-سوراق قىلىنىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 36- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿مَا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ﴾ ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ كۆزىتىپ تۇرىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە قاف 18- ئايەت)

شۇنى بىلگىنكى، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان پايدىسى بولمىغان ھەر قانداق گەپتىن تىلنى ساقلىشى كېرەك. قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىق سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. بەزىدە قىلىش دۇرۇس بولىدىغان سۆزلەرمۇ ھارام ياكى مەكرۇھقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش شۇنداق ياخشىكى، ھېچ نەرسە توغرا كەلمەيدۇ.

1511. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَاليَوْمِ الآخِرِ فَليقُلْ خَيْراً، أوْ ليَصْمُتْ » « كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن » ، دېدى (بۇ ھەدىستە شۇ نەرسە ئاشكارىكى، كىشى ياخشى سۆزنى قىلىشى كېرەك، سۆزلەشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاندا مۇشۇنداق. سۆزنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىگە گۇمانلىنىپ قالسا، سۆزلىمەسلىك كېرەك). ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ياخشى سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ۋەياكى پايدىسىز سۆزلەردىن تىلىنى يىغىشنىڭ ئىمانى كامىللىق جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

1512. ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ، قانداق مۇسۇلمان ئەڭ ئەۋزەل بولىدۇ؟»، دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَنْ سَلِمَ المُسْلِمُونَ مِن لِسَانِهِ وَيَدِهِ » « سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن كىشى » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) كىشىلەرگە ئازار بېرىشتىن چەكلەنگەن.

2) كىشىگە ئەزىيەت يەتكۈزمىگەن كىشىنىڭ ئەڭ ياخشى مۇسۇلمان ھېسابلىنىدىغانلىقى.

1513. سەھل ئىبن سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « مَنْ يَضْمَنْ لي ما بيْنَ لَحْيَيْهِ وَمَا بيْنَ رِجْلَيْهِ أضْمنْ لهُ الجَنَّة » « كىمكى ئېغىزىنى ۋە جان يېرىنى ساقلاشقا كېپىللىك قىلسا، مەن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە كېپىللىك قىلىمەن »، دېگەن. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تىلى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنىڭ جەننەتكە كىرىش ۋە دوزاختىن نىجات تېپىش يولى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

1514. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ الْعَبْد لَيَتَكَلَّمُ بِالكَلِمةِ مَا يَتَبيَّنُ فيهَا يَزِلُّ بهَا إلى النَّارِ أبْعَدَ مِمَّا بيْنَ المشْرِقِ والمغْرِبِ » « بىر بەندە پەرۋاسىزلىق بىلەن ئاللاھ تائالانى نارازى قىلىدىغان بىرەر سۆزنى قىلىپ قويىدۇ-دە، بۇ سۆز سەۋەبىدىن ئاللاھ تائالا ئۇنى دوزاخقا تاشلايدۇ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلمان كىشى تىلىنى يامان سۆزلەردىن ساقلىشى كېرەك. بەزىدە ئويلانماستىن، پەرۋاسىز دەپ تاشلىغان سۆز شۇ كىشىنى دوزاخقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا، سۆزلەشتىن بۇرۇن سۆزنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاش زۆرۈر.

1515. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ الْعَبْدَ لَيَتَكَلَّمُ بِالكَلِمةِ مِنْ رِضْوَانِ اللَّهِ تَعَالى مَا يُلقِي لهَا بَالاً يَرْفَعُهُ اللَّه بهَا دَرَجاتٍ، وَإنَّ الْعبْدَ لَيَتَكلَّمُ بالْكَلِمَةِ مِنْ سَخَطِ اللَّهِ تَعالى لا يُلْقي لهَا بالاً يهِوي بهَا في جَهَنَّم » « بەندە ئويلىمايلا ئاللاھ تائالانى مەمنۇن قىلىدىغان بىرەر سۆزنى قىلىپ قويىدۇ. بۇ سۆز سەۋەبىدىن ئۇنى ئاللاھ تائالا بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. يەنە بىر بەندە پەرۋاسىزلىق بىلەن ئاللاھ تائالانى نارازى قىلىدىغان بىرەر سۆزنى قىلىپ قويىدۇ. بۇ سۆز سەۋەبىدىن ئاللاھ تائالا ئۇنى دوزاخقا تاشلايدۇ » . ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە ياخشى سۆزلەرنى قىلغۇچىلارنىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىنغان. يامانلىقنى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ دوزاخقا تاشلىنىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

1516. ئابدۇراھمان بىلال ئىبن ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إنَّ الرَّجُلَ ليَتَكَلَّمُ بالْكَلِمَةِ مِنْ رِضْوانِ اللَّهِ تَعالى ما كَانَ يَظُنُّ أنْ تَبْلُغَ مَا بلَغَتْ يكْتُبُ اللَّه اللَّه بهَا رِضْوَانَهُ إلى يَوْمِ يلْقَاهُ، وَإنَّ الرَّجُلَ لَيَتَكَلَّمُ بالكَلِمةِ مِنْ سَخَطِ اللَّه مَا كَانَ يظُنُّ أن تَبْلُغَ ما بلَغَتْ يكْتُبُ اللَّه لَهُ بهَا سَخَطَهُ إلى يَوْمِ يلْقَاهُ » « بىر ئادەم ئاللاھ تائالانى مەمنۇن قىلىدىغان بىر سۆزنى قىلىپ سالىدۇ-دە، شۇ سۆزنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىدىغان كۈنگىچە رازىلىقىنى پۈتۈۋېتىدىغانلىقى خىيالىغا كەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالانى نارازى قىلىدىغان بىر سۆزنى قىلپ سالىدۇ-دە، شۇ سۆزنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىدىن قىيامەتكىچە نارازى بولىدىغانلىقى ئويىغىمۇ كەلمەيدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

1517. سۇفيان ئىبن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا مەن مەھكەم ئېسىلىدىغان بىرەر سۆزنى دەپ بەرگىن » ، دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « قُلْ ربِّي اللَّه، ثُمَّ اسْتَقِمْ » « پەرۋەردىگارىم ئاللاھ دېگىن، ئاندىن توغرا بولغىن » ، دېدى. مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ، سېنىڭ مەندىن ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىڭ نېمە؟»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: « هذا » « مۇشۇ » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئالدى بىلەن ئىمان ئېيتىش، ئىماننى مۇستەھكەملەش، ئارقىدىنلا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش.

2) تىل ئاسانلا ئېزىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.

1518. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا تُكْثِرُوا الكَلامَ بغَيْرِ ذِكْرِ اللَّهِ، فَإنَّ كَثْرَة الكَلامِ بِغَيْرِ ذِكْرِ اللَّه تَعالَى قَسْوةٌ لِلْقَلْبِ، وإنَّ أبْعَدَ النَّاسِ مِنَ اللَّهِ القَلبُ القَاسي » « ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشتىن باشقا سۆزلەرنى كۆپ سۆزلىمەڭلار. چۈنكى، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىشتىن باشقا سۆزلەرنى تولا قىلىش دىلنى قاساۋەتلەشتۈرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ تائالادىن ئەڭ يىراق كىشى بولسا دىلى قاساۋەتلىشىپ كەتكەن كىشىدۇر » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پايدىسىز گەپلەرنى كۆپ قىلىشنىڭ قەلبنىڭ قاساۋەتلىشىپ كېتىشىگە، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى.

1519. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَنْ وَقَاهُ اللَّه شَرَّ مَا بيْنَ لَحْييْهِ، وشَرَّ مَا بَيْنَ رِجْلَيْهِ دَخَلَ الجنَّةَ » « كىمكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئېغىزىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە جان يېرىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىسا، ئۇ كىشى جەننەتكە كىرىدۇ » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە تىلنى ئاللاھ تائالا رازى بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىپ سېلىشتىن ساقلاش ۋە ئەۋرەتنى ھارامدىن ساقلاش تەكىتلەنگەن.

1520. ئۇقبە ئىبن ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! نىجاتلىققا قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟»، دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أمْسِكْ عَلَيْكَ لِسانَكَ، وَلْيَسَعْكَ بيْتُكَ، وابْكِ على خَطِيئَتِكَ » « تىلىڭنى چىڭ تۇت، ئۆيۈڭنى ئازادە بىل، خاتالىقلىرىڭغا يىغلىغىن » ، دېدى. ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە تىلنى ساقلاشقا ۋە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئاجىز كەلگەندە ياكى كىشىلەر بىلەن ئارىلاشسا، نەپسى ۋە دىنىغا زىيان يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەندە، ئۆز ئىشلىرى بىلەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

1521. ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « إذا أَصْبح ابْنُ آدم، فَإنَّ الأعْضَاءَ كُلَّهَا تُكَفِّرُ اللِّسانَ، تَقُولُ: اتِّقِ اللَّه فينَا، فَإنَّما نحنُ بِكًَ: فَإنِ اسْتَقَمْتَ اسَتقَمْنا وإنِ اعْوججت اعْوَججْنَا » « تاڭ ئاتقان چاغدا ئادەم بالىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى تىلغا ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ دەيدۇكى: ھەي تىل! بىز توغرۇلۇق ئاللاھ تائالادىن قورققىن، ھەقىقەتەن بىز سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن جازاغا تارتىلىمىز. ئەگەر سەن دۇرۇس بولساڭ، بىزمۇ دۇرۇس بولىمىز، ئەگەر سەن ئەگرى بولساڭ، بىزمۇ ئەگرى بولىمىز » . ― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) تىل دىلنىڭ ئەلچىسى ۋە تەرجىمانى بولغانلىقى ئۈچۈن، تىلنىڭ ئىنساننىڭ ساق-سالامەت بولۇشتىكى ئەھمىيىتى، ئىنساننىڭ قىممىتى تىلى ۋە دىلىدىن ئىبارەت ئىككى كىچىك ئەزا بىلەن بولىدىغانلىقى.

2) بىرەر ئەزانىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشى ياكى گۇناھقا مۇپتىلا بولۇشى باشقا ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى.

1522. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا مېنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ۋە دوزاختىن يىراق قىلىدىغان بىر ئەمەلنى دەپ بەرگىن » ، دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لَقدْ سَأَلْتَ عنْ عَظِيمٍ، وإنَّهُ لَيَسِيرٌ عَلى منْ يَسَّرَهُ اللَّه تَعَالى علَيهِ: تَعْبُد اللَّه لا تُشْركُ بِهِ شَيْئاً، وتُقِيمُ الصَّلاةَ، وتُؤتي الزَّكَاةَ، وتصُومُ رمضَانَ وتَحُجُّ البَيْتَ إن استطعت إِلَيْهِ سَبِيْلاً، « ألا أدُلُّك عَلى أبْوابِ الخَيْرِ؟ الصَّوْمُ جُنَّةٌ .،الصَّدَقةٌ تطْفِيءُ الخَطِيئة كما يُطْفِيءُ المَاءُ النَّار، وصلاةُ الرَّجُلِ منْ جوْفِ اللَّيْلِ » « سەن ھەقىقەتەن چوڭ بىر ئىش توغرۇلۇق سورىدىڭ، ئۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاسان قىلىدىغان بەندىگە ئاساندۇر. ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلغايسەن، نامازنى ئادا قىلغايسەن، زاكاتنى بەرگەيسەن، رامزان روزىسىنى تۇتقايسەن، ئەگەر قادىر بولالىساڭ ھەج قىلغايسەن » ، دەپ ئاندىن: « ساڭا ياخشىلىقنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆرسىتەيمۇ؟! روزا قالقاندۇر، سەدىقە ۋە ئەر كىشىنىڭ يېرىم كېچىدە ئوقۇغان نامىزى خاتالىقنى سۇ ئوتنى ئۆچۈرگەندەك ئۆچۈرۈۋېتىدۇ » ، دەپ ﴿تتجافى جُنُوبهُمْ عَنِ المَضَاجِعِ()ظذلارنعث بئقعنلعرع ياتعدعغان جايلعرعدعن يعراق بولعدذ (يةنع، ظذلار كئحعسع ظعبادةت قعلعص ظاز ظذخلايدذ)... كاتتا نئظمةتنع هئحكعم بعلمةيدذ﴾ («قۇرئان كەرىم» سۈرە سەجدە 16-، 17- ئايەتلەر) دېگەن ئايەتلەرنى ئوقۇدى. ئاندىن: « ألا أُخْبِرُكَ بِرَأسِ الأمْرِ، وعمودِهِ، وذِرْوةِ سَنامِهِ » « مەن ساڭا ئىشنىڭ بېشى، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئۇنىڭ چوققىسىنى دەپ بېرەيمۇ؟»، دېۋىدى، مەن: « شۇنداق قىلغىن، ئى رەسۇلۇللاھ » ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « رأْسُ الأمْرِ الإسْلامُ، وعَمُودُهُ الصَّلاةُ . وذروةُ سنامِهِ الجِهَادُ » « ئىشنىڭ بېشى ئىسلامدۇر، ئۇنىڭ تۈۋرۈكى نامازدۇر، چوققىسى جىھادتۇر » ، دەپ، ئاندىن: « ألا أُخْبِرُكَ بـِمِلاكِ ذلكَ كله؟ » « مەن ساڭا ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇلىنى دەپ بېرەيمۇ؟»، دېدى. مەن: « شۇنداق قىلغىن ئى رەسۇلۇللاھ! »، د ېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ تىلىنى تۇتۇپ: « بۇ تىلىڭنى يىغقىن » ، دېدى. مەن: « ئى رەسۇلۇللاھ، بىز قىلغان سۆزلىرىمىزگىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلامدۇق؟»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ثَكِلتْكَ أُمُّكَ، وهَلْ يَكُبُّ النَّاسَ في النَّارِ على وَجُوهِهِم إلاَّ حصَائِدُ ألْسِنَتِهِمْ؟ » « ئىست ساڭا، كىشىلەرنىڭ دوزاخقا دۈم تاشلىنىشىغا پەقەت ئۇلارنىڭ تىللىرى سەۋەب بولىدۇ » ، دېدى.

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئىسلام ئەركانلىرىدىن ھەر بىر رۇكنىنىڭ ئەھمىيىتى بايان قىلىنغان.

2) تىلنىڭ خەتىرى ۋە تىلنى يامانلىقتىن ساقلىمىسا، ئۇنىڭ كىشىنىڭ دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

1523. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە: « أَتَدْرُونَ ما الغِيبةُ؟ » « غەيۋەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟»، دېۋىدى. ئۇلار: « ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ذِكرُكَ أَخَاكَ بما يكْرَهُ » « قېرىندىشىڭ ياقتۇرمايدىغان نەرسىنى تىلغا ئېلىشىڭ » ، دېۋىدى: « مېنىڭ دېگەنلىرىم قېرىندىشىمدا ھەقىقەتەن تېپىلسىچۇ؟»، دېيىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « إنْ كانَ فِيهِ ما تقُولُ فَقَدِ اغْتَبْته، وإنْ لَمْ يكُن فِيهِ ما تَقُولُ فَقَدْ بهتَّهُ » « بار نەرسىنى دېسەڭ غەيۋەت قىلغان بولىسەن. ئەگەر ئۇنىڭدا يوق نەرسىنى دېسەڭ بوھتان قىلغان بولىسەن »، د ېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: غەيۋەت ۋە بوھتاننىڭ مەنىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئىككىسى تىلنىڭ ئاپەتلىرىدىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

1524. ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە قۇربان ھېيت كۈنى مىنادا تۇرۇپ سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: « إنَّ دِماءَكُم، وأمْوالَكم وأعْراضَكُم حرامٌ عَلَيْكُم كَحُرْمة يومِكُم هذا، في شهرِكُمْ هذا، في بلَدِكُم هذا، ألا هَلْ بلَّغْت » « بىر-بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا، ئابرۇيىغا چېقىلىش خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر، ئاگاھ بولۇڭلاركى، سىلەرگە يەتكۈزدىممۇ؟ » .

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇسۇلماننىڭ قېنىغا، مېلىغا ۋە ئابرۇيىغا شەرئى سەۋەبسىز چېقىلىشنىڭ، شۇنداقلا مۇسۇلمانغا غەيۋەت ئارقىلىق تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

1525. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: « سىلىگە سەفىييەنىڭ مۇنداق، مۇنداق تەرىپى (ئائىشە سەفىييەنىڭ پاكارلىقىنى كۆزدە تۇتقان) كۇپايە قىلمامدۇ؟»، دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لقَدْ قُلْتِ كَلِمةً لو مُزجتّ بماءِ البحْر لمَزَجتْه » « سەن شۇنداق بىر سۆزنى قىلدىڭ، ئەگەر ئۇ سۆز دېڭىز سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇلسا، ئەلۋەتتە ئۇ دېڭىزغا تېتىغان بولاتتى » ، دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېيتتى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى دوراپ بېرىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: ‹ ما أحِبُّ أني حكَيْتُ إنْساناً وإنَّ لي كذا وَكَذَا › ‹ مەن ئۈچۈن شۇنداق پايدىلار بولسىمۇ، بىر كىشىنىڭ قىلىقىنى دوراشنى ياقتۇرمايمەن › ، دېدى. ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بۇ ھەدىستە مۇسۇلمان كىشى غەيۋەت قىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان.

1526. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لمَّا عُرِجَ بي مررْتُ بِقَوْمٍ لهُمْ أظْفَارٌ مِن نُحاسٍ يَخمِشُونَ بهَا وجُوهَهُمُ وَصُدُورَهُم، فَقُلْتُ: منْ هؤلاءِ يَا جِبْرِيل؟ قَال: هؤلاءِ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ لُحُوم النَّاسِ، ويَقَعُون في أعْراضِهمْ » « مەن مىئراجقا ئەپچىقىلغان كېچىدە تىرناقلىرى تۇچتىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىرىنى، مەيدىلىرىنى تاتىلاۋاتقان بىر جامائەنى كۆرۈپ: ‹ئى جىبرىئىل، ئۇلار كىملەر؟›، دەپ سورىۋىدىم، جىبرىئىل: ‹ئۇلار كىشىلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەيدىغان (غەيۋەت قىلىدىغان)، ئۇلارنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغان كىشىلەردۇر›، دېدى » . ― ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: غەيۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە غەيۋەت قىلغۇچىنى ئادەم گۆشى يېگۈچىگە ئوخشاتقان.

1527. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كُلُّ المُسلِمِ عَلى المُسْلِمِ حرَامٌ: دَمُهُ وعِرْضُهُ وَمَالُهُ » « بىر مۇسۇلماننىڭ قېنى، ئابرۇيىنى تۆكۈش ۋە مېلىغا چېقىلىش يەنە بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ھارامدۇر » . ― مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانلارنىڭ جانلىرى، ئىناۋەت-ئابرۇيلىرى ۋە مېلىنى ساقلاشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ