رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

255. باب غەيۋەتـكە قۇلاق سېـلىشنىڭ ھاراملىقى، غەيۋەتنى ئاڭلاپ قالغان كىشىنى غەيۋەتنى ئىنكار قىلىشقا ۋە رەت قىلىشقا بۇيرۇش، ئەگەر بۇنداق قىلىشتىن ئاجىز كەلسە ياكى غەيۋەت قىلغۇچى ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلمىسا، مۇمكىن قەدەر ئۇ يەردىن كېتىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِذَا سَمِعُوا اللَّغْوَ أَعْرَضُوا عَنْهُ﴾ ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە قەسەس 55- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ﴾ ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇئمىن 3- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولـئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْؤُولاً﴾ (ئىنسان قىيامەت كۈنى) قۇلاق، كۆز، دىلنىڭ قىلمىشىلىرى ئۈستىدە ھەقىقەتەن سوراق قىلىنىدۇ . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئىسرا 36- ئايەت)

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَإِذَا رَأَيْتَ الَّذِينَ يَخُوضُونَ فِي آيَاتِنَا فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ حَتَّى يَخُوضُواْ فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ وَإِمَّا يُنسِيَنَّكَ الشَّيْطَانُ فَلاَ تَقْعُدْ بَعْدَ الذِّكْرَى مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ﴾ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا (تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن . («قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەنئام 68- ئايەت)

1528. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « منْ ردَّ عَنْ عِرْضِ أخيهِ، ردَّ اللَّه عنْ وجْههِ النَّارَ يوْمَ القِيَامَةِ » « كىمكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ غەيۋىتى قىلىنغان يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قالسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى قىيامەت كۈنى دوزاختىن ساقلاپ قالىدۇ » .

― تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: دۇنيادا بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئابرۇيىنى قوغداشنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

1529. ئىتبان ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ ئۈمىدۋارلىق توغرىسىدىكى بابتا ئۆتكەن مەشھۇر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرۇپ ناماز ئوقۇدى. ئۇ: « أيْنَ مالِكُ بنُ الدُّخْشُمِ؟ » « دۇخشۇمنىڭ ئوغلى مالىك كۆرۈنمەيدىغۇ؟»، دېدى. بىر كىشى: « ئۇ ئاللاھ تائالانى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيمەيدىغان مۇناپىق » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « لا تقُلْ ذلكَ، ألا تَراه قد قَال: لا إلهَ إلاَّ اللًه يُريدُ بذلك وجْه اللَّه، وإن اللَّه قدْ حَرَّمَ على النَّارِ منْ قال: لا إله إلاَّ اللَّه يبْتَغِي بِذلكَ وجْهَ اللَّه » « ئۇنداق دېمىگىن، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ ‹بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق›، دېگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى تىلەپ: ‹بىر ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق›، دېگەن كىشىگە ئاللاھ تائالا دوزاخنى ھارام قىلغان » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) غەيۋەتنى چەكلەش ئۇنىڭ ھارام بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. غەيۋەتنى چەكلەش غەيۋەت قىلغۇچىنى توسۇش ئارقىلىق ۋەياكى ئېيتقان سۆزىنى رەت قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ.

2) قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى، ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش كۆزدە تۇتۇلسىلا، ئاندىن پايدىسى بولىدىغانلىقى.

1530. ئابدۇللاھ ئىبن كەئب ئىبن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇنىڭ تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىسىدە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇكتا كىشىلەر ئارىسىدا ئولتۇرۇپ: « ما فعل كَعْبُ بنُ مالك؟ » « كەئب ئىبن مالىكقا نېمە بولدى؟»، دەپ سورىدى. بەنى سەلەمە جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى: « ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، كەئبنى ئۆزىنىڭ ئېسىل تونىنى كىيىپ، ئىككى يانغا ئېغىناپ مېڭىشلىرى ئۇرۇشقا كەلگىلى قويمىغاندۇ » ، دېدى. مۇئاز ئىبن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: « ئەجەب يامان گەپ قىلدىڭ، ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئى رەسۇلۇللاھ، بىز كەئبنى پەقەت ياخشى دەپلا بىلىمىز » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆز قىلماي جىم تۇردى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئاز ئىبن جەبەلنىڭ قېرىندىشى كەئبنى قوغدىغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەستىقلىغانلىقى بايان قىلىنىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن ساقلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ