رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

256. باب يامان بولمايدىغان غەيۋەتلەر توغرىسىدا

غەيۋەتسىز يەتكىلى بولمايدىغان توغرا دىنىي مەقسەت ئۈچۈن قىلىنغان غەيۋەت دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭ دۇرۇس بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالتە تۈرلۈك ئەھۋالنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك.

بىرىنچىسى، يەتكەن زۇلۇمنى شىكايەت قىلىش. سۇلتانغا، قازىغا ياكى ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ، زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ئۈستىدىن ھەققىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شىكايەت قىلىش.

ئىككىنچى، ناشايان ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن. گۇناھكارلارنى توغرا يولغا سېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان كىشىگە مۇنداق يامان ئىشلار بولۇۋاتىدۇ، پالانى مۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، بۇنى توسقىن، دەپ شىكايەت قىلىش.

ئۈچىنچى، پەتىۋا سوراش ئۈچۈن، پەتىۋا بەرگۈچىگە ئاتام، قېرىندىشىم، ئېرىم ياكى پالانى زۇلۇم قىلغۇچى زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، ياكى پالانىچى مۇنداق بوزەك قىلىۋاتىدۇ، ئۇ مۇشۇنداق قىلسا بولامدۇ؟ قانداق قىلىپ بۇ زۇلۇمدىن خالاس تاپىمەن، ئۆزۈمنىڭ ھەققىگە ئېرىشەلەيمەن؟ دەپ چىقىش يولى سورىسا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، سوئال سورىغاندا ئەينەن ئىسمىنى ئاتىماي، پالانى مۇنداق بولۇپتىكەن، دېگەن تۈزۈك.

تۆتىنچى، مۇسۇلمانلارنى يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش. نەسىھەت قىلىش، ئۇلارغا سادىق بولۇش يۈزىسىدىن غەيۋەت قىلىش توغرىدۇر. بىر قىسىم ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلارنى ئىشەنچىسىز، دەپ قارىغانلىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇش، گۇۋاھچىلارنىڭ ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكى، توي قىلماقچى بولغان ئادەم قارشى تەرەپنى سۈرۈشتۈرگەندە ئەھۋالنى تولۇق بىلگۈچىنىڭ راست سۆزلىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاگاھلاندۇرۇشقا تېگىشلىك بارلىق ئىشلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش زۆرۈردۇر. بۇ مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن ئىشتۇر.

بەشىنچى، پاسىق ياكى بىدئەتچىلىكى بىلەن ئاشكارا بولغان ئادەمنىڭ يامان قىلمىشلىرىنى تىلغا ئېلىش.

ئالتىنچى، تونۇشتۇرۇش، ئەگەر بىر ئادەم توكا، گاچا، قارىغۇ، ئالغاي دېگەندەك لەقەملەر بىلەن تونۇشلۇق بولسا، ئۇ ئادەمنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن لەقەملىرى بىلەن ئاتاش، ئەمما ئۇ ئادەمنى كەمسىتىش يۈزىسىدىن لەقەملىرىنى ئاتاش ھارامدۇر.

1531. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ائذَنُوا لهُ، بئس أخو العشِيرَةِ؟ » « ئۇنىڭغا رۇخسەت بېرىڭلار، بۇ ئادەم ئۆز جەمەتىنىڭ يامان ئادىمىدۇر » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئىمام نەۋەۋى ئەھلى پىتنە-پاساتچىلار ۋە پاسىقلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلار ئۈستىدىن غەيۋەت قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارىغان.

1532. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مَا أَظُن فُلاناً وفُلاناً يعرِفَانِ مِنْ ديننا شَيْئاً » « مەن پالانىچى، پالانىچىلارنى دىنىمىزدىن بىرەر نەرسە بىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن » . رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان لەيس ئىبن سەئد: « بۇ ئىككىسى مۇناپىقلاردىن ئىدى » ، دەيدۇ. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇناپىق كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئالدىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مۇناپىقلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى.

1533. فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: « ئەبۇ جەھمى بىلەن مۇئاۋىيە ماڭا توي تەلىپى قويدى » ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « أمَّا مُعَاوِيةُ، فَصُعْلُوكٌ لا مالَ له، وأمَّا أبو الجَهْمِ فلا يضَعُ العَصا عنْ عاتِقِهِ » « مۇئاۋىيە بولسا نامرات، پۇلى يوق ئادەم، ئەبۇ جەھمى بولسا يەلكىسىدىن ھاسىسى چۈشمەيدىغان ئادەم (كۆپ سەپەر قىلىدىغان ئادەم دېمەكچى. ― ت) » ، دېدى. ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: ئەبۇ جەھمى ئاياللارنى ئۇرغاق ئادەم، دېيىلگەن.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: توي قىلماقچى بولغان كىشى قارشى تەرەپنى سۈرۈشتۈرگەندە، ئاشۇرۇۋەتمەي، راستچىللىق بىلەن ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىنى دەپ بېرىشىنىڭ غەيۋەت ھېسابلانمايدىغانلىقى.

1534. زەيد ئىبن ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سەپەرگە چىققانىدۇق. كىشىلەر سەپەردە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي: « رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە ھېچ نەرسە بەرمەڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن » ، دېدى ۋە يەنە: « ئەگەر بىز مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم ئەڭ خار ئادەمنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ » ، دېدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالنى ئېيتتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەيگە ئادەم ئەۋەتتى. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي: « مەن ئۇنداق دېمىدىم » ، دەپ قەسەم ئىچىپ تۇرۇۋالدى. ساھابىلەر: « زەيد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالغان ئېيتىپتۇ » ، دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى ماڭا قاتتىق ئېغىر كەلدى. ھەتتا، ئاللاھ تائالا مېنىڭ راستچىللىقىم توغرۇلۇق ﴿إذا جاءَك المُنَافِقُون﴾ مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا... («قۇرئان كەرىم» سۈرە مۇناپىقۇن 1-، 2- ئايەتلەر) دېگەن ئايەت نازىل قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلارنى تەۋبە قىلىشقا چاقىردى. ئۇلار تەۋبە قىلىشتىن باش تارتتى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇناپىق ۋە خائىنلارنىڭ سىرلىرىنى ئاشكارىلاشقا بولىدىغانلىقى ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ غەيۋەت ھېسابلانمايدىغانلىقى.

1535. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ سۇفياننىڭ ئايالى ھىندى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇزۇرىغا كېلىپ: « ئەبۇ سۇفيان پىخسىق ئادەم، ئۇ ماڭا ۋە بالامغا يەتكۈدەك نەپىقە بەرمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي ئېلىۋالغان نەرسەمنى قوشسام ئاندىن يېتىدۇ » ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « خُذِي ما يكْفِيكِ ووَلَدَكِ بالمعْرُوفِ » « ئۆزۈڭگە ۋە بالاڭغا كۇپايە قىلغۇدەك ئالساڭ بولىدۇ » ، دېدى.

― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) ئەر-ئايال شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بويىچە پەتىۋا سورىغان ۋاقىتتا بىر-بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئېيتسا بولىدىغانلىقى.

2) ئېرى ئايالىغا بېرىشقا تېگىشلىك نەپىقىنى بەرمىسە، ئايالى ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز مالدىن ئۆز ھەققىنى ئالسا بولىدىغانلىقى.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ