257. باب چېقىمچىلىقنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿هَمَّازٍ مَّشَّاء بِنَمِيمٍ﴾ غەيۋەتخور، سۇخەنچىگە ئىتائەت قىلمىغىن («قۇرئان كەرىم» سۈرە قەلەم 11- ئايەت)
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿مَا يَلْفِظُ مِن قَوْلٍ إِلَّا لَدَيْهِ رَقِيبٌ عَتِيدٌ﴾ ئۇ قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بولۇپ كۆزىتىپ تۇرىدۇ («قۇرئان كەرىم» سۈرە قاف 18- ئايەت)
1536. ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يَدْخُلُ الجنةَ نمَّامٌ » « سۇخەنچى ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: چېقىمچى چېقىمچىلىقنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چېقىمچىلىقنى ھالال سانىسا، جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقى. ئەگەر ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاسىيلارچە چېقىمچىلىق قىلىپ سالسا، جەننەتكە تۇنجى قېتىم كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرەلمەيدىغانلىقى.
1537. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مۇنداق دېدى: « إنَّهُمَا يُعَذَّبان، وَمَا يُعَذَّبَانِ في كَبيرٍ، بَلى إنَّهُ كَبيرٌ: أمَّا أحَدُهمَا، فَكَانَ يمشِي بالنَّمِيمَةِ، وأمَّا الآخرُ فَكَانَ لا يسْتَتِرُ مِنْ بولِه » « بۇ ئىككى قەبرىدىكىلەر ئازاب چېكىۋېتىپتۇ. ئازاب چېكىش چوڭ گۇناھ سەۋەبىدىن ئەمەس، دۇرۇس، بەلكى ئۇ چوڭ گۇناھتۇر. ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى چېقىمچىلىق قىلاتتى. يەنە بىرى بولسا، سۈيدۈك چاچراپ كېتىشتىن ساقلانمايتتى » .
― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) چېقىمچىلىقنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ۋە قەبرىدە ئازابلىنىشقا سەۋەبچى بولىدىغان چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدا ئىكەنلىكى.
2) كىچىك تاھارەت قىلغاندا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ۋە سۈيدۈكتىن تازىلىنىش لازىملىقى.
3) قەبرە ئازابىنىڭ ئىسپاتلىنىشى ۋە سۇخەنچىلىكنىڭ، سۈيدۈكتىن ساقلانماسلىقنىڭ، شۇنداقلا كىچىك تاھارەت قىلغاندا كىشىلەردىن دالدىلانماسلىقنىڭ قەبرە ئازابىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى.
1538. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ألا أُنَبِّئكُم ما العَضْهُ؟ هي النَّمِيمةُ، القَالَةُ بيْنَ النَّاسِ » « مەن سىلەرگە بوھتاننىڭ نېمىلىكىنى ئېيتىپ بەرمەيمۇ؟ ئۇ سۇخەنچىلىكتىن كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۆز-چۆچەك پەيدا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: چېقىمچىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش، چېقىمچىلىقنىڭ تەپرىقچىلىق ۋە دۈشمەنلىشىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقى.