رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

258. باب سذچةنحعلعكتعن حةكلةش توغرعسعدا

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿وَلاَ تَعَاوَنُواْ عَلَى الإِثْمِ وَالْعُدْوَان﴾ گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار . («قۇرئان كەرىم» سۈرە مائىدە 2- ئايەت)

1539. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « لا يُبَلِّغْني أحدٌ من أصْحابي عنْ أحَدٍ شَيْئاً، فَإنِّي أُحِبُّ أنْ أَخْرُجَ إِليْكُمْ وأنا سليمُ الصَّدْرِ » « ماڭا ساھابىلىرىمدىن ھېچ ئادەم بىراۋ ئۈستىدە سۇخەنچىلىك قىلمىسۇن. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا دىلىم ساغلام چىقىشنى ياقتۇرىمەن » . ― ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يېپىشقا ۋە باشقىلارنىڭ نۇقسانلىرىنى كەچۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈلگەن.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ