رياض الصالحين-ياخشىلار باغچىسى

259. باب ئىككى يۈزلىمىچىلىكنى سۆكۈش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَسْتَخْفُونَ مِنَ النَّاسِ وَلاَ يَسْتَخْفُونَ مِنَ اللّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لاَ يَرْضَى مِنَ الْقَوْلِ وَكَانَ اللّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا﴾ ئۇلار خىيانەتلىرىنى ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ. ئاللاھ تائالادىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ. ئۇلار ئاللاھ رازى بولمايدىغان سۆزنى پىلانلىغان چاغدا ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ تامامەن بىلگۈچىدۇر . («قۇرئان كەرىم» سۈرە نىسا 108- ئايەت)

1540. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « تَجدُونَ النَّاسَ معادِنَ: خِيارُهُم في الجاهِليَّةِ خيارُهُم في الإسْلامِ إذا فَقُهُوا، وتجدُونَ خِيارَ النَّاسِ في هذا الشَّأنِ أشدَّهُمْ لهُ كَراهِيةً، وتَجدُونَ شَرَّ النَّاسِ ذا الوجْهيْنِ، الذي يأتي هؤلاءِ بِوجْهِ وَهؤلاءِ بِوَجْهِ » « بايقايسىلەركى، كىشىلەر كانغا ئوخشايدۇ. شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلسىلا ئۇلارنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ياخشىلىرى ئىسلامىيەت دەۋرىدىمۇ ياخشى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى مەنسەپ تۇتۇشنى ئەڭ ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارغا بىر يۈزى بىلەن، بۇلارغا بىر يۈزى بىلەن كېلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچى ئادەملەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەڭ يامىنى ئىكەنلىكىنى بايقايسىلەر » . ― بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) جاھىلىيەتتە ئېسىل ھېسابلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، تېخىمۇ ئېسىل بولۇپ كەتكەنلىكى.

2) كىشىلەر ئارىسىدىكى مەنسەپكە لايىق كىشى مەنسەپكە بېرىلمەيدىغان كىشى ئىكەنلىكى. چۈنكى، ئۇنداق كىشىنىڭ مەنسەپكە ئېرىشسە ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىشقا ھېرىسمەن كېلىدىغانلىقى.

3) بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ: «مەن سىلەردىن»، دەپ يەنە بىر تۈركۈمنىڭ يېنىغا بېرىپ: «مەن ئۇلار بىلەن بىللە ئەمەس، سىلەر بىلەن بىللە»، دەيدىغان ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەر ئادەملەر ئىچىدىكى ئەڭ ئەسكى كىشىلەر ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى تەرەپكە بارىدىغان كىشىنىڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكى.

1541. مۇھەممەد ئىبن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، كىشىلەر ئۇنىڭ بوۋىسى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەرگە: « بىز ئىش بېشىلىرىمىزنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقىپلا ئۇلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىمىز » ، دېگەندە، ئابدۇللاھ: « بىز بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا ئىككى يۈزلىمىچىلىك، دەپ قارايتتۇق » ، دېدى. ― بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى: 1) باشقىلارنىڭ ئالدىدىمۇ، كەينىدىمۇ راستچىل بولۇش سادىق مۇئمىنلەرنىڭ ئىشى. ئەمما، باشقىلارنى ئالدىدا ماختاپ، كەينىدىن ئەيىبلەيدىغان ئىش قورقۇنچاق مۇناپىقلارنىڭ ئىشى.

2) مۇسۇلمان كىشى ھۆكۈمرانلارغىمۇ نەسىھەت قىلىدۇ. پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى خار قىلمايدۇ.

چىقىرىش كۆزنىكىدە «PDF غا ساقلاش» ياكى «Microsoft Print to PDF» نى تاللاڭ — ئەرەبچە خەت توغرا ساقلىنىدۇ